باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

تەۋەررۈك شېئىرنىڭ ئىنچىكە تەھرىرلەنمىگەن بىر مىسراسى ھەققىدە يۈزەكى مۇلاھىزە

قاسىمجان ئەھمىدى ئۆملۈك، غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.02.10 12:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تەۋەررۈك شېئىرنىڭ ئىنچىكە تەھرىرلەنمىگەن بىر مىسراسى ھەققىدە يۈزەكى مۇلاھىزە
قاسىمجان ئەھمىدى ئۆملۈك، غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدە ل مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو» ناملىق شېئىرىدىكى تا ھازىرغىچە كىشىلەر قەلەمگە ئالمىغان بىر گىرامماتىكىلىق نۇقسان ھەققىدە ئەتراپلىق تەھلىل يۈرگۈزۈلۈپ، نۇقساننىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى كۆرسىتىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ل مۇتەللىپ شېئىر تىل

ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو» ناملىق شېئىرى چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان نادىر شېئىر بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋەتىنىمىز جۇڭگو چىن يۈرەكتىن مەدھىيەلەنگەن، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننى قۇتقۇزۇش، قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن باتۇرلارچە كۈرەش قىلىشقا چاقىرىلغان. مانا مۇشۇنداق بىر تەۋەررۈك شېئىردا تا ھازىرغىچە بىر نۇقسان ساقلىنىپ كەلمەكتە. قىياسىمىزچە، بۇ نۇقساننىڭ مەنبەسى شائىرنىڭ 1952- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بولسا كېرەك.

«جۇڭگو...
ئانا يۇرتىمىز سەندۇر،
چۈنكى بىز مىليونلىغان خەلق
سېنىڭ ئوماق قوينۇڭدا
ساپ ھاۋاڭدا چوڭ بولغان؛
تېپىپ سېنىڭدە ئەقىل،
ئۆزىمىزنى تونۇپ ئوڭ بولغان.
ئېخ!
شۇڭلاشقا جۇڭگو،
بىزنىڭ بوينىمىزدا تۈگىمەس قەرزىڭ بار،
ئۇنى بىز مۇكەممەل قىلىمىز ئادا،
بۇ يولدا جېنىمىز پىدا.»

شېئىردىكى بۇ نۇقسان دەل ئاستى سىزىلغان مىسرادىكى سۆز تۈركۈمى جەھەتتىن ئىسىمغا تەۋە بولغان «قەرز» دېگەن سۆزنىڭ شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىشىدە كۆرۈلگەن.
«قەرز» سۆزى ئەرەب تىلىدىن كىرگەن ئىسىم بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك لۇغەت مەنىلىرىگە ئىگە: «① مەلۇم مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن بېرىلىدىغان ياكى ئېلىنىدىغان پۇل، بۇيۇم ۋە شۇ قاتارلىقلار. م: قەرز ئالماق؛ قەرز بەرمەك؛ قەرز تۆلىمەك. ② كۆچمە مەنىدە: زىممىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە، مەجبۇرىيەت، بۇرچ. م: ئاتىلىق قەرزىنى ئادا قىلماق»
ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنىڭ ئالاقىدار قائىدە- قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، «قەرز» دېگەن ئىسىم جۈملە تەركىبىدە «-م، -ىمىز،-ىڭ، -ىڭلار، -ى» دىن ئىبارەت بەش خىل شەخس، تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ، «قەرزىم (Iشەخس، بىرلىك)، قەرزىمىز (Iشەخس، كۆپلۈك)، قەرزىڭ (IIشەخس، بىرلىك)، قەرزىڭلار (IIشەخس، كۆپلۈك)، قەرزى (IIIشەخس، بىرلىك ۋە كۆپلۈك) دېگەندەك بەش خىل مورفولوگىيەلىك شەكىلگە كىرىپ، بەش خىل گىرامماتىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدۇ. بۇ مورفولوگىيەلىك شەكىللەردىن Iشەخس تىلىدا يېزىلغان نەزىرىمىزدىكى بۇ شېئىرغا كېرەك بولغىنى IIشەخستىكى «قەرزىڭ» بولماستىن، Iشەخستىكى «قەرزىم» بولۇشى كېرەك ئىدى. نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ بۇ يەردە مەزكۇر مىسرانىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى «بىزنىڭ بوينىمىزدا» دېگەن سۆز بىرىكمىسىIشەخس كۆپلۈكتە تۈرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مىسرانىڭ كېيىنكى قىسمىدىكى «قەرزىڭ» IIشەخس، بىرلىكتە تۈرلەنگەن. نەتىجىدە «بىزنىڭ بوينىمىزدا تۈگىمەس قەرزىڭ بار» دېگەن مىسرادىن «بىزنىڭ بوينىمىزدا (سېنىڭ باشقىلارغا تۆلەيدىغان) تۈگىمەس قەرزىڭ بار» دېگەن مەنە چىقىپ قالغان. باشقىچە ئېيتقاندا، «ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ (باشقىلارغا تۆلەيدىغان) قەرزى» گويا «بىز، يەنى جۇڭگو خەلقىنىڭ بوينىغا يۈكلىنىپ» قالغاندەك چۈشەنچە بېرىپ قويغان. بۇ ئاپتور ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنە ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئاپتور ئەسلىدە «ئېھ، ۋەتىنىم ― جۇڭگو، سەن بىزنى ئىللىق قوينۇڭدا تەربىيەلەپ چوڭ قىلدىڭ، شۇڭا بىز ساڭا تۈگىمەس قەرزدارمىز، بۇ قەرزلەرنى تۆلەش يولىدا جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييارمىز» دېگەن ھېسسىياتنى ئىپادىلىمەكچى بولغان.
مۇلاھىزىمىز داۋاملىشىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، بىز شائىر ياسىن زىلالنىڭ «كېرىيەم» ناملىق شېئىرىدىن ئىككى مىسرا كۆرۈپ باقايلى:
«كېرىيەم ئالىي ھەرەم، غايەم، ئەقىدەم سەندە جەم،
بولمىغاي قەرزىم ئادا بىر جاننى مىڭ قىلسام تۆلەم.»
(«تارىم» ژۇرنىلى 2013- يىللىق 10- سان، 134- بەت)

بۇ ئىككى مىسرادا شائىر بىر جېنىنى مىڭ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئەزىزانە يۇرتىغا بولغان قەرزىنى تۆلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت چىن ھېسسىياتىنى ئاددىي، ئويناق تىل بىلەن جانلىق سۈرەتلەپ بەرگەن. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، «كېرىيەم» Iشەخس تىلىدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنىڭغا كۆرە، «قەرز» سۆزى Iشەخس، بىرلىك ساندا «قەرزىم» شەكلىدە تۈرلەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ شېئىردىكى ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئورۇندىغان.
تىلىمىزدىكى سۆزلەر ئومۇمەن لوگىكىلىق، گىرامماتىكىلىق قائىدە- قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن ھالدا باشقا سۆزلەر بىلەن ئەركىن بىرىكىپ كېلىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، سۆزلەرنىڭ ئەركىن ئىستېمال قىلىنىشى ھەرگىزمۇ قالايمىقان ئەمەس، بەلكى قائىدە- قانۇنىيەتلىك بولىدۇ. بۇ، تىلىمىزدا ئىگىلەنگۈچى (تەۋەلەنگۈچى) شەيئىلەرنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىدىغان شەخس قوشۇمچىلىرى جەزمەن ئىگىلىگۈچى (تەۋەلىگۈچى) شەيئىلەرنىڭ شەخس تەۋەلىكى بىلەن بىردەك (ماسلاشقان) بولۇشى لازىم، دېگەنلىكتۇر. چۈشىنىشلىكرەك قىلىپ ئېيتساق، ئىگىلىگۈچى (تەۋەلىگۈچى) ئىسىملار قانچىنچى شەخستە تۈرلەنسە، ئىگىلەنگۈچى (تەۋەلەنگۈچى) ئىسىملارغا ئۇلىنىدىغان شەخس قوشۇمچىلىرىمۇ ماس ھالدا شۇنچىنچى شەخستە تۈرلىنىشى لازىم، دېگەنلىكتۇر. يەنى، ئىگىلىگۈچى (تەۋەلىگۈچى) «بىزنىڭ بوينىمىزدا» Iشەخس كۆپلۈك ساندا تۈرلىنىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىگىلەنگۈچى (تەۋەلەنگۈچى) «قەرز»مۇ «قەرزىڭ» دەپ IIشەخس، بىرلىك ساندا تۈرلەنمەستىن، بەلكى «قەرزىمىز» دەپIشەخس كۆپلۈك ساندا تۈرلىنىشى لازىم. مەسىلەن:
...
«ئېھ!
شۇڭلاشقا جۇڭگو،
بوينىمىزدا ساڭا نۇرغۇن قەرزىمىز بار،
ئۇنى مۇكەممەل قىلىمىز ئادا،
بۇ يولدا جېنىمىز پىدا.»
بۇ يەردە، ئەسلى شېئىرنىڭ كەينىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى مىسراسىدىكى «بوينىمىزدا» دېگەن سۆزگە «بىز» دېگەن مەنە يوشۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن، ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى «-نىڭ» بىلەن تۈرلەنگەن «بىز» دېگەن سۆز قىسقارتىلىپ، «بوينىمىزدا» سۆزىنىڭ كەينىگە IIشەخستە كەلگەن كىشىلىك ئالماش ئاددىي تۈرىنىڭ يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن شەكلى «ساڭا» دېگەن سۆز قوشۇلدى (IIشەخستە كەلگەن كىشىلىك ئالماش سىپايە تۈرىنىڭ يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى «گە» بىلەن تۈرلەنگەن شەكلى «سىزگە» دېگەن سۆز قوشۇلسىمۇ بولىدۇ). ئۇنىڭدىن كېيىن مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان مىسرانىڭ بوغۇم سانى (12 بوغۇم)نىڭ ئېشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۈچ بوغۇملۇق «تۈگىمەس» سۆزىنىڭ ئورنىغا ئىككى بوغۇملۇق «نۇرغۇن» سۆزى ئالماشتۇرۇلدى (ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا، بوغۇم سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، «تۈگىمەس» سۆزى ساقلاپ قېلىنسىمۇ بولىدۇ). ئەڭ ئاخىرىدا گىرامماتىكىلىق قائىدىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن «قەرز» سۆزىنىڭ «-ىڭ» بىلەن تۈرلەنگەن شەكلى «قەرزىڭ» قىسقارتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «قەرز» سۆزىنىڭ «-ىمىز» بىلەن تۈرلەنگەن شەكلى «قەرزىمىز» ئالماشتۇرۇلدى، شۇنداق قىلىپ «ئېھ! ۋەتىنىم ― جۇڭگو، سەن بىزنى ئىللىق قوينۇڭدا تەربىيەلەپ قاتارغا قوشتۇڭ، شۇڭا بىز ساڭا تۈگىمەس قەرزدارمىز، بۇ قەرزلەرنى تامامەن قايتۇرۇش يولىدا جېنىمىزنى پىدا قىلىمىز» دېگەن لېكسىكىلىق مەنىگە ئىگە «بوينىمىزدا ساڭا نۇرغۇن قەرزىمىز بار» دېگەن بىر يېڭى مىسرا ھاسىل بولىدۇ.
مانا بۇ، شئىېرنىڭ كەينىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى مىسراسىدا ئىپادىلەنمەكچى بولغان، ئەمما ئۇ مىسرادىكى بىر سۆزنىڭ شەخس قوشۇمچىسى بىلەن مۇۋاپىق تۈرلەنمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئېنىق بولماي قالغان مەزمۇننىڭ دەل ئۆزى.
بىز يۇقىرىدىكى ئۇزۇن، مۇرەككەپ بايانلىرىمىزنى ئاددىي، ئىخچام، چۈشىنىشلىك ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىسەك شۇنداق يەكۈنگە كېلىمىزكى، دېگەنلىرىمىز ئىگىلىگۈچى (تەۋەلىگۈچى) شەيئىلەرنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار بىلەن ئىگىلەنگۈچى (تەۋەلەنگۈچى) شەيئىلەرنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار ئوخشاش بىر شەخس، شۇنداقلا ئوخشاش شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىشى شەرت. ئالايلۇق، شېئىرنىڭ «بىزنىڭ بوينىمىزدا تۈگىمەس قەرزىڭ بار» دېگەن مىسراسىدىكى «بىزنىڭ» دېگەن سۆز Iشەخس، كۆپلۈك ساندا كېلىپ، ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى «-نىڭ» بىلەن تۈرلەنگەن. ئەمدى شۇ مىسرادىكى «قەرزىڭ» دېگەن ئىگىلەنگۈچى (تەۋەلەنگۈچى) سۆز IIشەخس، بىرلىك ساندا تۈرلەنگەن. دېمەك، بىز تىلغا ئېلىۋاتقان مىسرادىكى ئىگىلىگۈچى (تەۋەلىگۈچى) سۆز بىلەن ئىگىلەنگۈچى (تەۋەلەنگۈچى) سۆزگە ئىسىملارنىڭ شەخس قوشۇمچىلىرىنى ئۇلاش بىر- بىرىگە ماسلاشتۇرۇلمىغان، يەنى، بۇ مىسرادىكى ئىگىلىگۈچى (تەۋەلىگۈچى) ئىسىم (ئالماش) «بىز» بىلەن ئىگىلەنگۈچى (تەۋەلەنگۈچى) ئىسىم «قەرز» سۆزى «بىزنىڭ قەرزىمىز» شەكلىدە تۈرلىنىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «بىزنىڭ قەرزىڭ» شەكلىدە تۈرلەندۈرۈلگەن. بۇ، يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن گىرامماتىكىلىق قائىدىگە تامامەن زىت.
خوش، بەزىلەر «بىزنىڭ بوينىمىزدا تۈگىمەس قەرزىڭ بار» دېگەن مىسرانى «بىز ساڭا تۈگىمەس قەرزدارمىز» دەپ چۈشىنىپ كەلدۇققۇ؟ ئۇنىڭدىن نۇقسان تېپىش قاراپ تۇرۇپ تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىگەنلىك بولماي نېمە؟! دەپ چالۋاقىشى مۇمكىن. شۇنداق، سىز، بىز ۋە ھەممىمىز بۇ مىسرانى بىر پۈتۈن كۇپلېتتا (ھەتتا بىر پۈتۈن شېئىردا) ئىپادىلەنگەن پىكىر ئىزچىللىقى تۇرغۇسىدىن «توغرا چۈشىنىپ» كەلدۇق ۋە كېلىۋاتىمىز. ئەمما بىز بۇ يازمىدا بىر پۈتۈن شېئىرنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەت بىر مىسرادىكى «قەرز» دېگەن ئىسىمنى شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىگەندە خاتالىق يۈز بەرگەنلىكى ۋە شۇ ۋەجىدىن بىر پۈتۈن مىسرادا ئىپادىلەنمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ دەل ئىپادىلەنمەي، مەنىنىڭ مۈجىمەل بولۇپ قالغانلىقى ئۈستىدىلا تەھلىل يۈرگۈزدۇق، خالاس. ئەگەر شېئىرىيەتتە ئايرىم سۆزلەر خاتا ئىستېمال قىلىنسىمۇ مەيلى، پەقەت بىر پۈتۈن شېئىر توغرا بولسىلا ھەممىسى توغرا ھېسابلىنىدۇ، دەيدىغان قائىدە- پىرىنسىپلار بولسا، ئۇ بىزگە قاراڭغۇ. بىزنىڭچە، شېئىر مىسرالاردىن، مىسرالار سۆزلەردىن تەركىب تاپىدۇ، ئەگەر مىسرادىكى بىر سۆز مۇۋاپىق قوللىنىلمىسا، بىر پۈتۈن مىسراغا، ھەتتاكى بىر پۈتۈن شېئىرغا يامان تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭغا قىزىقىپ ئۆگىنىۋاتقانلار، تەتقىق قىلىۋاتقانلار دۇنيادا، دۆلىتىمىز ئىچىدە يوق ئەمەس، كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇلاردىن بىرەرسى بىز مۇلاھىزە قىلىۋاتقان نۇقساننى بايقاپ قېلىپ تىلغا ئېلىپ قالسا، ئاندىن كۆرۈڭ بۇ سەتچىلىكنى! ئۇنىڭدىن كۆرە باشقىلار تىلغا ئېلىپ بولغىچە، ئۆزىمىز ئىشنى پۇختا قىلغىنىمىز تۈزۈك ئەمەسمۇ؟! بۇ يەردە گەپكە گەپ ئۇدۇل كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، بىزگە ئۇچرىغان تىلغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئەمەلىي ئىشنى قىستۇرۇپ ئۆتەيلى:
بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى، ياپونىيەنىڭ ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن شىنوئاكى (东明) ۋە ئومورى (达森) ئىسىملىك ئىككى ئوقۇغۇچىغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بېرىشكە توغرا كېلىپ قالدى. دەرس ئۆتۈلۈپ خېلى بىر يەرلەرگە كەلگەندە، ئۇلار: «مۇئەللىم، ئۇيغۇر تىلىدا بىزنى ‹ياپونلۇقلار› دەپ ئاتىسا توغرىمۇ ياكى ‹ياپونلار› دەپ ئاتىسا توغرىمۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. مەن دەرھال ئۇلارنىڭ سەمىگە: «ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹-لىق، -لىك، -لۇق، -لۈك› قوشۇمچىلىرى ئورۇن- جاي نامىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرگە ئۇلىنىپ، كىشىلەرنىڭ شۇ ئورۇن- جاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان سۈپەتلەرنى ياسايدۇ» دېگەن قائىدىنى سالدىم ۋە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدىم: «يۇقىرىدىكى قائىدىگە ئاساسلانغاندا، ‹ياپون› ئورۇن- جاي نامىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز ئەمەس، بەلكى مىللەتنى كۆرسىتىدىغان سۆز، شۇڭا، مىللەتنى كۆرسىتىدىغان بۇ سۆزگە ‹-لۇق› قوشۇمچىسىنى ئۇلاپ، ‹ياپونلۇق› دېيىش توغرا ئەمەس، ‹ياپونلۇق› سۆزىنىڭ ياسىلىشى توغرا بولمىغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ‹-لار›دىن ئىبارەت كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئۇلاپ، ‹ياپونلۇقلار›دېيىشمۇ توغرا ئەمەس.
ئەمدى ‹ياپونىيەلىكلەر›دەپ ئاتاشنىڭ توغرا- خاتالىقىغا كەلسەك، بۇ يەردىكى ‹ياپونىيە› ئورۇن- جاي نامى، ئۇنىڭغا ‹-لىك› قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ‹ياپونىيە› دېگەن ئورۇن- جايغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. ‹ياپونىيەلىك› دېگەن سۆز بىرلىك ساننى بىلدۈرسە، ئۇنىڭغا كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئۇلانمايدۇ، ئەگەر كۆپلۈك ساننى بىلدۈرسە، ئۇنىڭغا كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ، ‹ياپونىيەلىكلەر› دېيىلىدۇ. شۇڭا، سىلەرنى مىللەت نامىنىڭ كەينىگە كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئۇلاپ، ‹ياپونلار› دېسىمۇ، ئورۇن-جاي نامىنىڭ كەينىگە «-لىك»نى قوشۇپ ‹ياپونىيەلىكلەر› دېسىمۇ بولىۋېرىدۇ».
ئۇلار يەنە «دولانلار» بىلەن «دولانلىقلار» دېگەن سۆزلەردىن قايسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى سورىدى. ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردىم: «خۇددى ‹ياپون› دېگەن سۆز دۇنيادىكى مىللەتلەردىن بىرسىنىڭ نامى بولغىنىدەك، ‹دولان›مۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر توپنىڭ نامى. ئۇ ئورۇن- جاي نامى ئەمەس، شۇڭا، سىلەرنى ‹ياپونلۇقلار› دېسە مۇۋاپىق بولمىغىنىدەك، ئۇلارنىمۇ ‹دولانلىقلار› دېسە، مۇۋاپىق بولمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، خۇددى سىلەرنى ‹ياپونلار› ياكى ‹ياپونىيەلىكلەر› دېسە توغرا بولغىنىدەك، ئۇلارنىمۇ ‹دولانلار› دېسە، توغرا بولىدۇ». بۇلار سېلىشتۇرما، ئەلۋەتتە.
دېمەك، يۇقىرىدىكى مىساللاردىكىدەك (بۇنداق مىساللار نۇرغۇن، بۇ يەردە سەھىپە ئېتىبارى بىلەن بىر- ئىككىنى قىستۇرۇپ ئۆتتۇق) ئادەتتە كىچىك ئىش دەپ سەل قاراپ دىققەت قىلمايدىغان ياكى بولمىسا بىز «توغرا چۈشىنىپ» كەلگەن مەسىلىلەر چەت ئەللىكلەرنىڭ، خۇسۇسەن تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى ئۇيغۇر تىلىغا ھەۋەس قىلىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ نەزىرىنىڭ سىرتىدا قالمىسا كېرەك، ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلىدىغان بىرەر چەت ئەللىك يۇقىرىقى شېئىردىكى «بىزنىڭ بوينىمىزدا تۈگىمەس قەرزىڭ بار» دېگەن مىسرادا گىرامماتىكىلىك نۇقسان باردەك قىلىدۇ، بۇنىڭغا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا (ئۇنداق تومتاق، ئۇدۇلدىن ئۇدۇل سوراپقۇ قالماس)، «بىز بۇ مىسرالارنى ئىزچىل توغرا چۈشىنىپ كەلگەن» دەپ جاۋاب بېرىمىزمۇ؟ بۇ بىر قىياس ئەلۋەتتە.
داڭلىق كىشىلەرنى تەتقىق قىلىپ، چۈشىنىپ بېقىشقا چەت ئەللىكلەر تولىمۇ قىزىقسا كېرەك، چەت ئەللەردە 23 يېشىدىلا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەتقىق قىلغان ياكى تەتقىق قىلىۋاتقانلار يوق، دەپ كىم كېسىپ ئېيتالايدۇ؟ ھەر خىل ئېھتىماللىقلار بولۇشى تەبىئىي.
ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە، «جۇڭگو» ناملىق شېئىر 1938- يىلى يېزىلغان بولۇپ، بۇ چاغدا شائىر ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن بىر ئۆسمۈر ئىدى. 16 ياشلىق بىر ئۆسمۈرنىڭ قەلىمى ئاستىدا گىرامماتىكا جەھەتتىن ئۇنداق ياكى مۇنداق بىرەر- يېرىم كەمچىلىكنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئاشكارا نەشر قىلىنغان ھەرقانداق ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە نەشرىيات مەسئۇل بولۇشى كېرەك. تەھرىرلەش داۋامىدا ئىش قوشۇش، تۈزىتىش، ئاپتورنى تۈزىتىشكە بۇيرۇش قاتارلىق ئۆتكەللەر ئارقىلىق ئېلان قىلغۇدەك ھالەتكە كەلتۈرۈش ياكى ئېلان قىلىشقا پەقەتلا يارىمىسا، قالدۇرىۋېتىش مۇھەررىرنىڭ مۇقەددەس بۇرچى، ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ھوقۇقى. شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1952- يىلى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغاندا، «قەرز» سۆزىنى شەخس بىلەن تۈرلەشتىكى سەۋەنلىك ۋاقتىدا بايقىلىپ، تەھرىرلىۋېتىلگەن بولسا، شېئىردىكى بۇ نۇقساننىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئورۇن قالمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە.
بۇ شېئىر كېيىن گېزىت- ژۇرناللاردا، كىتابلاردا، دەرسلىكلەردە نەچچە قېتىملاپ ئېلان قىلىنغان، نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەينى چاغدىكى بىخەستەلىك تۈپەيلىدىن قېلىپ قالغان نۇقسان «چالما ئاتقىلى بولمايدىغان مازار» بولۇپ ھازىرغىچە بىللە كەلدى، يەنە قاچانغىچە ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرەر؟
نۇقسان گوياكى سۆگەلگە ئوخشايدۇ؛ ساھىبجامالنىڭ نۇرانە يۈزىگە چىققان سۆگەل ئۇنى قانچە ئازابلىسا، ئوخشاشلا پاساھەتلىك تىل بىلەن يېزىلغان ئەسەردىكى نۇقسان ئادەمنىڭ كۆڭلىنى شۇنچە غەش قىلىدۇ. شۇڭا، ئادەمنىڭ يۈزىگە سۆگەل چىقمىغىنى تۈزۈك، چىقسا ۋاقتىدا داۋالىتىپ ئېلىۋېتىش زۆرۈر، ھەرقانداق ئەسەر ئىمكانقەدەر نۇقسانسىز بولۇشى، ئانچە- مۇنچە كۆرۈلگەن نۇقساننى مۇھەررىرلەر ئوپىراتسىيە پىچىقى بىلەن ۋاقتىدا كېسىپ ئېلىۋېتىپ، چانمىغۇدەك، تاتۇق قالمىغۇدەك داۋالاپ ساقايتىشى كېرەك. مانا بۇ ئەلنىڭ ئاپتوردىن، مۇھەررىرلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر