باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

سۆزلەش ماھارىتى ۋە گەپدانلىق

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.02.10 12:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۆزلەش ماھارىتى ۋە گەپدانلىق
غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار


سۆزلەش ھەققىدە گەپ بولسا ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ گەپ قىلالايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، «سۆزلەش دېگەن قانچىلىك ئىش» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ھازىرقىدەك تۇرمۇش رېتىمى تېزلىشىپ، ھەر خىل مەدەنىيەتلەر گەرەلىشىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت خىرىس ۋە رىقابەتكە تولغان دەۋردە ھەر بىر كىشىنىڭ سۆزلەش ماھارىتىنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ۋە مەغلۇب بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى. ھازىرقىدەك ھەرقانداق بىر ئورۇنغا خىزمەتكە چۈشمەكچى بولغان كىشى ئاۋۋال يېزىقچە ۋە ئېغىزچە ىمرىھانغا دۇچ كېلىدىغان ۋاقىتتا سۆزلەش ماھارىتىنىڭ قانداقلىقى شۇ كىشىنىڭ خىزمەت تېپىشىدىكى مۇھىم «دىپلوم» ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان.
تۈپ ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا، ھەممىمىمىز كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئېھتىياجلىق، يەنە كېلىپ كۈندىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقە بۇ خىل كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ياكى ئۈزۈپ قويىدىغان مۇھىم ۋاسىتە. ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى ئاننى مورروۋ لىندبېرگ(.MorrowAnne . Lindbergh): «كۆڭۈللۈك پىكىر ئالاقىسى قارا قەھۋەگە ئوخشاش كىشىنى روھلاندۇرۇپ، ئادەمنى سەگەكلەشتۈرىدۇ» دېگەنىكەن. كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىش، مۇۋاپىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۆزىمىز بىلەن باشقىلارنىڭ بېرىش- كېلىشىنى قويۇقلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى. ئادەتتە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر كىشىلەر دەل پاراڭلىشىشقا ماھىر كىشىلەردۇر، ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانداق قىلغاندا كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىش مۇھىتى يارىتىشنى بىلىدۇ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەممەيلەنگە ئازادىلىق تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ.
سۆزلەش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەر بىر ئادەم ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم ماھارەتلەرنىڭ بىرى. ئادەتتە بىزگە سورۇنلاردا، يوللاردا نۇرغۇن تونۇش- بىلىشلىرىمىز ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىز كۈندە نۇرغۇن تېلېفۇن، ئۇندىدارلارنى قوبۇل قىلىمىز. ۋاقتىمىز كۇشادە ۋاقىت بولسۇن، ياكى ئالدىراش ۋاقىت بولسۇن، بەزىدە قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىمىز. لېكىن بەزىدە شۇنچە ئاڭلاپ تۇرغان بولساقمۇ، قارشى تەرەپنىڭ شۇنچە ئۇزۇن قىلغان سۆزلىرىدىن زادى نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى پەقەتلا ئاڭقىرىپ بولالمايمىز. بەزىدە ئىشىمىزنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئېيتىپ گېپىنى ئۈزۈۋېتىشكە مەجبۇر بولىمىز. بۇ يەردە بىزنى بىزار قىلغىنى ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى سۆزلەش ماھارىتىنىڭ نابابلىقى بولسا كېرەك. كىشىلىك ئالاقىدە ئۆزىنى نەزەرگە ئېلىش بىلەن بىللە، ئۆزگىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك. بىز بۇ ماقالىمىزدا كۈندىلىك تۇرمۇشتا سۆزلەش ماھارىتىنى ھازىراشقا تېگىشلىك بىرقانچە تەرەپلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1. تاۋۇش چىقىرىش، ئۇرغۇ ۋە ئىنتۇناتسىيە سۆزىمىزنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم نۇقتا
ئۇيغۇر تىلىدىكى 32 ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدىغان تاۋۇشلار ئۆز ۋارىيانتلىرى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا خېلى بار. تىلىمىزدا ئەرەب، پارسچىدىن، رۇسچە ۋە خەنزۇچىدىن، شۇنداقلا ئىنگلىز ۋە خەلقئارا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر بار، بەزى سۆزلەر تىلىمىزدا شۇ سۆزلەر تەۋە بولغان تىللارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلىغان ھالدا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تىلىمىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. سوزۇق تاۋۇشلار بەزى سۆزلەر تەركىبىدە كەلگەندە سوزۇلۇپراق تەلەپپۇز قىلىنسا، بەزى سۆزلەر تەركىبىدە كەلگەندە قىسقىراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئۈزۈك تاۋۇشلار سۆزلەر تەركىبىدە ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى تاۋۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، يەككە تۇرغان ھالىتىدىن سەل پەرقلىنىپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. شۇڭا ھەرقانداق بىر تاۋۇش مەيلى سوزۇق تاۋۇش بولسۇن ياكى ئۈزۈك تاۋۇش بولسۇن، سۆزلەر تەركىبىدە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ يەككە تۇرغان ۋاقتىدىكى تەلەپپۇزىدىن ئازدۇر- كۆپتۇر پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇ پەرقلەر شۇ تاۋۇشنىڭ سۆزلەر تەركىبىدىكى ۋارىيانتىدۇر. مۇشۇ ۋارىيانتلارنى پىششىق ئىگىلىسەك، سۆزلىرىمىز يېقىملىق ھەم سىڭىشلىك ئاڭلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ھەر بىر سۆزنىڭ ئۇرغۇسى بولىدۇ. شۇڭا سۆز ئۇرغۇسىنى لايىقىدا ئىگىلەشمۇ شۇ سۆزنىڭ شەكىلداشلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا جۈملىلەرنىڭ ۋەزنى، ئۇرانى، ئاڭلىغۇچىغا بولغان پوزىتسىيەسى ئىنتۇناتسىيە ئارقىلىق تېخىمۇ روشەن، ئېنىق، چۈشىنىشلىك يەتكۈزۈلىدۇ. تەلەپپۇزدا بىر جۈملىنىڭ بايان، سوئال، ئۈندەش- چاقىرىق، بۇيرۇق ھالەتلىرى ئىنتۇناتسىيە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا سۆز- نۇتۇقلىرىمىزدا تاۋۇشلار ئېنىق، ئۇرغۇ جايىدا، ئىنتۇناتسىيە ئورۇنلۇق بولسا، سۆزىمىز جاراڭلىق ھەم يېقىملىق ئاڭلىنىپ، سۆزلىگۈچىنىڭ نۇتۇق سۈپىتىنى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاڭلىغۇچىغا راھەت ۋە ھۇزۇر تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.
2. ئىپادىلەشكە، پىكىرلىشىشكە ماھىر بولۇش ھازىرقى زامان كىشىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپا
كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز مۇنداق ھادىسىلەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز: دېمەكچى بولغىنىنى ئىپادىلەشكە ماھىر كىشىلەر مەيلى قەيەرگە بارسۇن، مەيلى قانداق مۇھىتتا بولسۇن، ئاغزىدىن مارجاندەك سۆزلەر تۆكۈلۈپ، ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ، تونۇشمايدىغان ئادەملەردىمۇ ياخشى تەسىر قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى، كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلەشكە ماھىر ئەمەسلەر بولسا، باشقىلارنىڭ سۆزىگە بىر- ئىككى ئېغىز قوشۇمچە قىلىپ قويۇپ، دەيدىغىنى تۈگىگەندەك ئوڭايسىز ھالەتتە جىمجىت تۇرغانلىقنى كۆرىمىز.
ھەممەيلەنگە مەلۇم، رېئال دۇنيا ئادەملەردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە ئادەتتىكي ئىشمۇ ھەمكارلىقسىز ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايددىغانلىقىنى، تىل بۇ يەردە ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى باشلىغۇچى، ئاخىرلاشتۇرغۇچى ۋە مۇناسىۋەتنى ئۇلىغۇچى.مەيكلى بىز نېمە قىلايلى، نېمە قىلماقچى بولايلى، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمەكچى بولساق، ئىپادىلەشكە، ئالاقىگە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.
نېمىشقا بەزىلەر گەپ قىلسا باشقىلارنىڭ قۇلىقىغا تېتىمايدۇ؟ نېمىشقا بەزىلەر سۆزبەتلەشسە دائىم مەغلۇب بولىدۇ؟ نېمىشقا بەزىلەر مال تونۇشتۇرغان تاۋارلار بازار تاپالمايدۇ؟ بۇنىڭدىكى مەسىلە زادى قەيەردە؟ سۆزلەش ماھارىتى ناچار، ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، شۇنچىۋالا كۆپۈپ سۆزلىگەنلىرى ھېچقانداق ئۈنۈم يارىتالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالاقە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ.
ئامېرىكىلىق ئىنسانىيەت ھەرىكەت ئىلمى تەتقىقاتچىسى تۇمس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «سۆزلەش ئىقتىدارى نام چىقىرىشنىڭ يولى. ئۇ ئادەمنى شۆھرەتلىك، باشقىلاردىن پەرقلىق قىلىدۇ. گەپكە ئۇستا ئادەم باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ بىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتىنى تېخىمۇ زورايتىدۇ، جۇلالاندۇرىدۇ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، نەتىجىلىرىنى گەۋدىلەندۇرىدۇ»، ئۇ ھەتتا: «مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ يېرىمى گەپدانلىقىغا تايانغان» دەيدۇ. دۇنيانىڭ قايسى بۇلۇڭىدا بولسۇن، گەپدانلىق كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان، شەخسنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان كۈچلۈك قورال.
تۇرمۇشتا كىشىلەر باشقىلارغا مۇھتاج بولۇپ تۇرىدۇ، باشقىلارنى گەپتە قايىل قىلىشقا، باشقىلار بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەمنىڭ تۈرلۈك قابىلىيەتلىرى ئىچىدە گەپدانلىق شۇ كىشىنىڭ بىلىمى، قابىلىيىتى ۋە ئەقلىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. سۆز راۋان بولسا، ئىپادىلەش ئېنىق جۈملىلەر جانلىق، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىناق بولىدۇ. شۇڭا سۆزمەن بولۇشنى ھەممە ئادەم ئارزۇ قىلىدۇ.
لېكىن، ھەرقانداق ئادەم تۇشغۇلۇشىدىنلا سۆزمەن بولۇپ تۇغۇلمايدۇ. ھەممە ئادەمنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان، ھەممە ئىشنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىۋېتىدىغان سۆزلەش ماھارىتى ئۈزۈكسىز مەشق قىلىش ئارقىلىق يېتىلىدۇ.
3. قارشى ئېلىشقا ئېرىشىش ئۈچۈن لايىقىدا سۆزلىشىش پوزىتسىيەسى بولۇش كېرەك
پاراڭلىشىش كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئالاقىدىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى. «سۆزلىشىش سەنئىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قوللىنىلىشى كىشىلەر ئوتتۇرىدىكى پاراڭلىشىشتۇر». كەڭ مەنىدىن ئالغاندا، پاراڭلىشىش كىشىلەرنىڭ ئىدىيە، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، نىزانى تۈگىتىش، مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يول. بىر كىشىنىڭ پاراڭلاشقان ۋاقتىدىكى كونكرېت ئىپادىسى ئۇنىڭ سۆزلىشىش ئىقتىدارى، ئالاقە سەۋىيەسى، شەخسنىڭ جەلپكارلىقى ھەمدە ئۇنىڭ كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ سۆزلىشىۋاتقان ۋاقتىدىكى پوزىتسىيەسى ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ھەقىقىي ئىنكاسى. پاراڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن دېسىڭىز چوقۇم سۆزلىشىش پوزىتسىيەڭىزنى توغرا ئىگىلەپ، مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، خۇشال كەيپىياتتا پاراڭلاشسىڭىز، قارشى تەرەپمۇ خۇشاللىق بىلەن پاراڭغا جۆر بولىدۇ. كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتتىكى پوزىتسىيەنىڭ قانداق بولۇشى قارشى تەرەپنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
بىرىنچى، باشقىلارنىڭ سۆزىگە دىققەت قىلىڭ. باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا، ئۇنىڭغا دىققەت بىلەن قارىشىمىز كېرەك. ئەگەر كۆڭلىڭىز بىر يەردە بولماي باشقا يەرلەرگە قارىۋالسىڭىز، ياكى باشقا ئىشقا مەشغغۇل بولسىڭىز باشقىلار سىزنى گېپىمگە قىزىقماپتۇ دەپ قاراپ، كۆڭلىدە خاپا بولىدۇ.
ئىككىنچى، ئادەم كۆپ چاغدا، سىز ئارىدىكى ئۆزىڭىز تونۇيدىغان بىر- ئىككى ئادەمگىلا قارىۋالماسلىقىڭىز، ھەممە ئادەمگە تەكشى قاراپ سۆزلىشىڭىز كېرەك. سورۇندا ئازراق گەپ قىلغانياكى ئەركىن- ئازادە بولالمايۋاتقانلارغا تېخىمۇ قارىشىڭىز، پۇرسەت تېپىپ كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز كېرەك، سىزنىڭ ئاشۇ قارىشىڭىز ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز ئۇلارنى ھۆرمەت قىلغىنىڭىز ھەم ئۇلارغا تەسەللىي بەرگىنىڭىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى تەنھالىق، بۇرۇختۇرمىلىق ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
ئۈچىنچى، باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلىدە بولۇڭ. سىز باشقىلارغا باغرى تاشلىق قىلسىڭىز، ياكى باشقىلارنىڭ سۆزىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ، كەمسىتسىڭىز، باشقىلارنىڭ پاراڭلىشىش قىزغىنلىقىغىمۇ سوغۇق سۇ سېپىلىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھەرقانچە ئاڭلىغۇڭىز كەلمىسىمۇ، ياكى ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلمىسىڭىزمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا دوستانە مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىرەر ئېغىز كۆڭۈلگە ياقمايدىغان سۆزى ئۈچۈن ئۇنى بىراقلا ئىنكار قىلىۋەتسىڭىز بولمايدۇ. باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشىڭىز ھەرگىزمۇ باشقىچە پىكىردە بولۇشىڭىزغا توسقۇن بولالمايدۇ. تەجرىبىسىز كىشىلەر قۇلىقىغا ياقمايدىغان گەپنى ئاڭلىسىلا سەكرەپ چىقىپ نارازى بولىدۇ ياكى باشقىلارغا ئازار بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئارىدىكى مۇناسىۋەتكە دەز كېتىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.
ئەلۋەتتە، ھەممىدىن مۇھىمى پاراڭلىشىش ئەركىن- ئازادە، خۇشال- خۇرام، يۇمۇرلۇق بولغىنى تېخىمۇ ياخشى. سەمىمىيلىك، ئىللىقلىققا تويۇنغان كۈلۈمسىرەش باشقىلارنىڭ قەلبىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ. ئادەمنىڭ قەلبى ھارارەتكە تولىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ، دەرد- ئەلەملىك، سوغۇق ئىپادىنى ككرسە شۇ ھامان مۇز بولۇپ قاتىدۇ، خۇشال- خۇرام، ئىللىق كۈلۈمسىرەشنى كۆرگەندە يۇمشايدۇ، ئېرىيدۇ، جانلىنىدۇ. شۇڭا سەمىمىي ئىللىق كۈلۈمسىرەش، خۇشال، تېتىك نەزەر، ئازادە، يېقىملىق ئاۋاز پاراڭ كەيپىياتىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. يۇمۇرىستىكلىق ― ئىشتىياق بىلەن چېچەنلىكنىڭ بىرىكمىسى، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا ئىگە كىشىلەر سورۇندىن كۈلكە چىقىرىدۇ، بەزىدە بىرەر يۇمۇر- لەتىپە، ياكى قايىغا كەلگەن بىرەر ئېغىز سۆز ئارىدىكى سۆرۈنلۈكنى يوقىتىپ، غەم- ئەندىشە، قورساق كۆپۈكلىرىنى ئاللىقاياقلارغا قوغلىۋېتىدۇ، پاراڭ كەيپىياتى قىزىپ، كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تۆتىنچى، باشقىلارغا ماسلىشىشنى ئۆگىنىڭ. ئادەملەرنىڭ مىجەزى ھەر خىل بولىدۇ، ھەر بىرىنىڭ سۆزلەش ئادىتى، مىجەز- خۇلقى، دۇنياقارىشى ئو|خشاشمايدۇ. ئۆزى بىلەن قااراش- قىزىقىشى ئوخشىشىپ كېتىدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشقۇ ئاسان، گەپمۇ تۈگىمەيدۇ، گەپ بىر يەردىن چىقمايدىغانلار بىلەن پاراڭلىشىش تولىمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئادەمنىڭ پاراڭلاشقۇسىمۇ كەلمەي قالىدۇ. لېكىن ئۆزىمىزنىڭ مىجەزى بويىچىلا باشقىلار بىلەن يېقىنلىشىمىز دېسەك، ەېپىمىز بىر يەردىن چىقىدىغان كىشىلەر ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن.
باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشقا ماھىر كىشى ئاسانلا باشقىلارغا يېقىنلىشالايدۇ، بۇنداق ئادەملەر ئادەتتە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، باشقىلارنىڭ مىجەزىگە قاراپ ئىش تۇتىدۇ. بەزىلەر چوڭ قائىدىلەرنى سۆزلەشكە ئامراق كەلسە، بەزىلەر مەمەدانىلىق قىلىپ قۇرۇق گەپ سېتىشقا ئامراق كېلىدۇ، بەزىلەر يېقىملىق ۋە تەسىرلىك سۆزلەشنى ياخشى كۆرسە، بەزىلەر چوڭقۇر ئويلىنىپ پىكىر قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا كەيپىياتىمىزنى ياخشى تەڭشەپ، باشقىلارنىڭمۇ قىزىقىشى ۋە ئادىتىگە يول قويۇشنى بىلىش كېرەك.
بەشىنچى، كەمتەر بولۇش كېرەك. ئەدەبلىك بولۇش ھەرگىزمۇ ئارتۇق تەكەللۇپ قىلغانلىق ئەمەس. كەمتەر، ئەدەبلىك بولۇش بىر جەھەتتىن، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغانلىق، باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك، باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن ساقلانغانلىق بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ پىكرى ۋە قاراشلىرىنى «بەلكىم خاتادۇر» دەپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشقىلارنىڭ پىكرىنى كىچىك پېئىللىق بىلەن ئاڭلاش، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئىنكاسىغا دىققەت قىلىشتۇر. شۇنداق بولغاندىلا، باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرغىلى، تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىرلىشىشكە ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
4. ئازادە كەيپىياتتا بولۇپ، كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىش
مەيلى كىملا بولسۇن، قارشى تەرەپ بىلەن ئازادە كەيپىياتتا مۇڭدىشىشنى ئىستەيدۇ. كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشقا ماھىر بولمىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پاراڭلىشىش پەيتىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە دەيدىغان گەپ- سۆزلىرى نۇرغۇن بولسىمۇ، گەپنى نەدىن باشلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىپ، پاراڭنىڭ قىزىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ.
كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا، قارشى تەرەپنىڭ زىتىغا تەگمەسلىك، مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا، كۆڭلىمىزنى ئازادە تۇتۇپ، ئىختىيارىي پاراڭلاشساق بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندىلا، ھەم ئۆزىمىزدىكى، ھەم قارشى تەرەپتىكى قورۇنۇشنى تۈگىتىپ، پاراڭ تېمىسىغا يېقىنلىشالايمىز. پاراڭلاشقاندا، پات- پات ماقال- تەمسىل، ھېكمەتلىك سۆزلەر، سۆز تېمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك قىزىقارلىق ئىشلار ۋە لەتىپىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىسەك، ھەر ئىككى تەرەپتە ئازادىلىك تۇيغۇسى قوزغىلىپ، پارىڭىمىزدا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلەيمىز. بۇنداق كەيپىياتتا دېيىلگەن گەپلەر گەرچە قارشى تەرەپ بۇرۇن ئاڭلىغان گەپلەر بولسىمۇ، سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلەش ماھارىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىدىن ئۇنىڭغا يېڭىچە تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىشى مۇمكىن.
پاراڭلاشقاندا ئاۋۋال ئادەتتىكى قۇرۇق پاراڭلاردىن باشلاشمۇ ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ھەرقانداق پاراڭ ئاۋۋال قۇرۇق پاراڭدىن باشلىنىپ، ئاستا- ئاستا ئاساسىي مەقسەتكە يېقىنلىشىدۇ ھەم قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، پاراڭ تېمىسىغا سۆرەپ كىرىدۇ. ئادەم دېگەن ئۆز كەسپىگە، ئائىلىسىگە، يۇرتىغا ئائىت مۇ.ەييەنلەشتۈرۈش تىپىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلاشقا خۇشتار كېلىدۇ. شۇڭا قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش تىپىدىكى پاراڭلارنى قىلىپ، پاراڭلاشقۇچىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ روھىي جەھەتتىن ئۆزئارا يېقىنلىشىپ، ھەقىقىي مۇڭدىشىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇمۇ پاراڭلاشقۇچىنىڭ سۆزەش ماھارىتىگە باغلىق ئىش.
سۆزلەش ماھارىتى ھەممىلا ئادەم ھە دېگەندىلا ئىگىلىۋالىدىغان ئۇنچە ئاسان ئىشمۇ ئەمەس، لېكىن كىشىلىك تۇرمۇشتا، ئادەم ئادەم بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا سۆزلەش ماھارىتىگە سەل قاراشقا، گەپدانلىق تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەر ۋاقىت مۇھتاج بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشتە، كۆپرەك رادىيو ئاڭلاش، كىتابلارنى ئۈنلۈك ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى فىزىيولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئۆزىمىزنىڭ، قارشى تەرەپنىڭ ھەم سورۇننىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئانچە- مۇنچە سۆزلەش ماھارىتى ۋە گەپدانلىق ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.



ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر