باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

روماننىڭ ئىناۋىتىنى قوغدايلى ــــ كىرىش سۆز ئورنىدا

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار تەرجىمىسى

2015.02.10 12:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

روماننىڭ ئىناۋىتىنى قوغدايلى
ــــ كىرىش سۆز ئورنىدا
مويەن

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار تەرجىمىسى

ئالاھەزەل ئىككى يىل ئىلگىرى، «رومانلاردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى چىققاندا، ئۇلار ماڭا بىرنەچچە جۈملە بىرنېمە يېزىپ بېرىشنى تاپشۇردى، رەت قىلالماي مۇنداق يازدىم: «ئۇزۇنلۇق، زىچلىق ۋە قىيىنلىق روماننىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا بۇ ئۇلۇغ ژانېرنىڭ ئىناۋىتى».
ئۇزۇنلۇق دېگىنىمىز، تەبىئىيكى، روماننىڭ ھەجىمىدۇر. 200 مىڭ خەتتىن ئارتۇق ھەجىمدە بولمىسا، روماننىڭ ھەيۋىسى يېتەرلىك بولمايدۇ. خۇددى قاپلان جەسۇر، چەبدەس بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا جۇغىنىڭ كىچىكلىكىدىن تاغ خاقانى بولالمىغاندەكلا ئىش. ھەجىمى ئانچە چوڭ بولمىغان نۇرغۇن رومانلارنىڭ كۈچ- قۇدرەت ۋە قىممەت جەھەتتە بەزى كېلەڭسىز رومانلارنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقى ئەلۋەتتە ماڭا ئايان، ھەجىمى ئانچە چوڭ بولمىغان نۇرغۇن رومانلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەر بولۇپ قالغانلىقىمۇ ماڭا ئايان، ئەمما چاڭجياڭ دەرياسى كەبى ھەيۋىتى زور ئەسەرلەرنىڭ گۈزەللىكى ئەپچىل ئەسەرلەردە ھازىرلانمايدۇ. رومان ئۇزۇن بولۇشى كېرەك، ئۇزۇن بولمىسا رومان دېگىلى بولاتتىمۇ؟ روماننى ئۇزۇن يازماقمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بىز روماننى قىسقا يېزىش ھەققىدىكى مۇراجىئەتنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، لېكىن مەن بۇ يەردە مۇراجىئەت قىلىدىغىنىم: رومان دېگەننى ئۇزۇن يېزىش كېرەك! ئەلۋەتتە، رومان بولغانىكەن، ئۇزۇن بولۇشى ھەمدە ۋەقەلىك بىلەن خەتنىڭ جۇغلانمىسى بولۇپ قالماسلىقى، بەلكى بىر خىل كۆڭلىمىزدىكى كەڭ مۇھىتنى سەنئەتلىك ئىپادىلەيدىغان بىناكار بولۇشى كېرەك. چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى نەپىس باغچىلارنى بەرپا قىلغۇچى بىناكارلار، سۈنئىي تاغ ئۈستىگە كىچىك راۋاق سېلىۋاتقان بىناكارلارمۇ ئەلۋەتتە قالتىس، ئەمما ئۇلار گۇگوڭ سارىيى ۋە ئەلئېھراملارنى ئاپىرىدە قىلالماسلىقى مۇمكىن، سەددىچىندەك زور قۇرۇلۇشلارغا تېخىمۇ يېتەكچىلىك قىلالماسلىقى مۇمكىن. بۇ خۇددى ئۇرۇش ۋاقتىدا بىراۋ بىر پولىكقا قوماندانلىق قىلغاندا، ناھايىتى قاملاشۇرسىمۇ، بىرەر كورپۇس، بىرەر ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلىشنى قاملاشتۇرالمىغاندەكلا ئىش. ئوفىتسېر دېگەن ئوفىتسېر، گېنېرال دېگەن گېنېرال، گېنېراللارنىڭ ھەممىسىلا قوشۇن ئىچىدىن بىر- بىرلەپ يېتىشىپ چىققان ئەمەس. ئەلۋەتتە، ئاددىيلا قىلىپ رومان يازغانلارنى گېنېرال، ھېكايە يازغانلارنى ئوفىتسېر دېگىلى بولمايدۇ. كەلتۈرگەن نەقىلىم تازا قاملاشمىدى، كەچۈرگەيسىلەر.
رومان يېزىشقا ماھىر بىر يازغۇچىنىڭ چوقۇملا ھېكايە ـــ پوۋېست ـــ رومان يېزىش يولىنى باسقان بولۇشى ناتايىن، ئىشقىلىپ نۇرغۇن يازغۇچىلار (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) مۇشۇنداق يولنى بېسىپ ئۆتكەنلەر. نۇرغۇن كاتتا رومان يازغۇچلىرى ھە دېگەندە قولىغا قەلەم ئېلىپ كاتتا رومانلارنى يازدى، ئالايلى ساۋ شۆچىن، لو گۈەنجۇڭ قاتارلىقلار. مېنىڭچە بىر يازغۇچىنىڭ بىرەر روماننى يازالىشى، يازغاندىمۇ ياخشى يازالىشىدىكى تۈپ سەۋەب ئۇنىڭدا «رومان دىتى»نى ھازىرلىغانلىقى. «رومان دىتى» ھازىرلىغانلارنىڭ كۆڭلىدە زور جىلغىلار، بىپايان تاغ تىزمىلىرى، كەڭرى ئاتموسفېرا بولىدۇ، دېگەن سۆز. ئۇلارنىڭ قەھرىمۇ- مېھرىمۇ بولۇشى كېرەك. كۆڭلىدە زور جىلغىلار، بىپايان تاغ تىزمىلىرى، كەڭرى ئاتموسفېرا بولۇش دەل قەلىمى پىشقانلىقنىڭ تاشقى ئىپادىسى. ئىچى تىتىلداش، ئىچ ئاغرىتىش، يۈكسەك غايە، ئەركىن تەپەككۇر قىلىشتەك بۈيۈك روھ، ئاپئاق قار بىلەن تازىلانغان بىپايان زېمىندەك زور تەسىرات ـــ «رومان دىتى»نىڭ ئىچكى مەنىسى.
ئىچى تىتىلداش، يۈكسەك غايە، بۈيۈك روھ، زور تەسىراتقا ئىگە بولۇشلارنى بىر- بىرلەپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، مەن پەقەت «ئىچ ئاغرىتىش» ئۈستىدىلا توختىلاي. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسى» نەچچە يىل ئىگىرى مودا بولغان «ئاخىرقى غەمخورلۇق»قا ئوخشاش مودا سۆز بولۇپ قالدى. ئىچ ئاغرىتىشنىڭ ياخشى نەرسە ئىكەنلىكى ماڭىمۇ ئايان، ئەمما بىزگە كېرىكى باچكا دۈملىمىسى يەپ بولۇپلا قانىتى يارىلانغان كەپتەرنىڭ قانىتىنى تېڭىپ قويىدىغان ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس؛ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش فىلىملىرى ۋە ھوللىۋود فىلىملىرىدىكىدەك ئۇنداق ئەندىزىلەشكەن، ھېسسىياتنى غىدىقلايدىغان ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس؛ پۈتۈن جەمئىيەت ئاغرىپ قالغان بىر مۈشۈكئېيىققا مېھىر– شەپقەت يەتكۈزىدىغان، ئەمما پۇلى بولمىغانلىقتىن ئۆيىدە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتقان ئادەم بىلەن كارى بولمايدىغان ئۇنداق ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس. ئىچ ئاغرىتىش «سول يۈزىگە ئۇرسا، ئوڭ يۈزىنى تۇتۇپ بېرىش»لا ئەمەس، ئىچ ئاغرىتىش ئازاب- ئوقۇبەت ئىچىدە ئاق كۆڭۈللۈك ۋە نازاكەتلىك ھالەتنى ساقلاشمۇ ئەمەس، ئىچ ئاغرىتىش قاننى كۆرسىلا ھوشىدىن كېتىش ياكى «مەن ھوشۇمدىن كېتىدىغان بولدۇم» دەپ ۋارقىراش ئەمەس، ئىچ ئاغرىتىش گۇناھ ۋە رەزىللىكتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش تېخىمۇ ئەمەس. «ئىنجىل» ئىچ ئاغرىتىش ۋە رەھىمدىللىك ھەققىدىكى كىلاسسىك ئەسەر، ئەمما ئۇنىڭدىمۇ ئۆزئارا ئارىلىشىپ تۇتۇقلىشىپ كەتكەن كۆرۈنۈشلەر خېلى بار. بۇددا دىنى ئىچ ئاغرىتىش ۋە رەھىمدىللىك تەرغىب قىلىنىدىغان دىن، ئەمما ئۇنىڭدىمۇ دوزاخ ۋە تەننى شۈركەندۈرىدىغان دەھشەتلىك جازالار بار، ئەگەر ئىچ ئاغرىتىش ئىنسانىيەتنىڭ رەزىللىكى بىلەن كۆرۈمسىزلىكىنى يوشۇرسا، بۇنداق ئىچ ئاغرىتىش بىلەن ساختا ساۋاب بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «جىن پىڭمېي» دېگەن رومان يامان ئاتاققا قالغان، ئەمما چۈشەنگەن تەنقىدچىلەر ئۇنى ئىچ ئاغرىتىش تېمىسىدىكى ئەسەر دېيىشىدۇ. مانا بۇ دەل جۇڭگوچە ئىچ ئاغرىتىش بولۇپ، غەرب پەلسەپەسى ۋە دىنى ئاساسىدىكى ئىچ ئاغرىتىش بولماستىن، جۇڭگو پەلسەپەسى، دىنى ئاساسىدىكى ئىچ ئاغرىتىشتۇر. رومان ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ناھايىتى چوڭ ژانېر، ئۇنىڭدا قوزىمۇ، قۇشقاچمۇ، شىرمۇ، تىمساھمۇ بولىدۇ. سىز شىر قوزىنى يېگەنلىكى ياكى تىمساھ قۇشقاچنى يۇتۇۋالغانلىقى تۈپەيلىدىنلا ئۇلارنى ئىچ ئاغرىتمىدى دېسىڭىز بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئولجىنى تۇتقان ۋە ئۆلتۈرگەن چاغدا يۈكسەك ماھارىتىنى نامايان قىلغانلىقى، ئولجىغا ئېرىشكەن چاغدا خۇشاللىققا چۆمگەنلىكىگە قاراپ، ئۇلارنى شەپقەتسىز دېسىڭىز بولمايدۇ. قوزا بىلەن قۇشقاچلا بار دۇنيانى دۇنيا دېگىلى بولمايدۇ؛ ياخشى ئادەملا بار روماننى رومان دېگىلىمۇ بولمايدۇ. قوزىمۇ ئوت- چۆپ يەيدۇ؛ قۇشقاچمۇ قۇرت– قوڭغۇز يەيدۇ؛ ياخشى ئادەممۇ بەزىدە بولمىغۇر خىيالدا بولۇپ قالىدۇ. ئېگىزدە تۇرۇپ تۆۋەنگە قارىغاندا، ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنىڭ ھەممىسىلا بىچارە ئادەملەر. ئاددىي مەنىدىكى ئىچ ئاغرىتىش ياخشى ئادەملەرگىلا ھېسداشلىق قىلىش بولسا، كەڭ مەنىدىكى ئىچ ئاغرىتىش ياخشى ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلىپلا قالماي، يامان ئادەملەرگىمۇ ھېسداشلىق قىلىشتۇر.
ئازاب – ئوقۇبەتلىك ھېكايىدىن بىرنى توقۇش يېزىقچىلىقنى كەسىپ قىلغان ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئانچە تەس ئىش ئەمەس، ئەمما ئازاب- ئوقۇبەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئادەم باشقا كېلىدىغان تۈرلۈك قىسمەتلەرنى، ئىنسان تەبىئىتى يېڭىپ كېتەلمەيدىغان ئاجىزلىقلار ئاساسىدىكى ئىچ ئاغرىتىشنى تالانتىغا تايىنىپلا توقۇپ چىقىرالمايدۇ. سىياسى، ئۇرۇش، قەھەتچىلىك، كېسەللىك، كۈتۈلمىگەن ۋەقە قاتارلىق تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەلگەن ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى تەسۋىرلەش، نۇرغۇن ئازاب– ئوقۇبەتنى ئاجىز، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە يۈكلەپ قويۇش ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلغانلىق. بۇ ھېسسىياتنى غىدىقلاپ مەجبۇرىي يىغلىتىدىغان كىنو– تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ كونا يولى، بۇ ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس، كەڭ مەنىدىكى ئېچىنىش تېخىمۇ ئەمەس. باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قالدۇرغان دىل يارىسىنىلا تەسۋىرلەپ، ئۆزىنىڭ باشقىلارغا قالدۇرغان دىل يارىسىنى تەسۋىرلىمەسلىك ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس، بەلكى نومۇسسىزلىق. باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى رەزىللىكنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى يامانلىقنى ئېچىپ بەرمەسلىك ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس، بەلكى نومۇسسىزلىق. ئىنىسانىيەتنىڭ رەزىللىكىگە توغرا قاراش، ئۆز رەزىللىكىمىزنى تونۇپ يېتىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزى يېڭەلمەيدىغان ئاجىزلىقى ۋە كېسەللىك ھالىتى خاراكتېرى پەيدا قىلغان ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى تەسۋىرلەشلا ھەقىقىي تىراگېدىيە ھېسابلىنىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا «ۋىجداننى سوراقلاش»نىڭ چوڭقۇرلۇقىغا ۋە كۈچلۈكلۈكىگە يەتكىلى بولىدۇ، مانا بۇ ھەقىقىي كەڭ مەنىدىكى ئىچ ئاغرىتىشتۇر.
ئىچ ئاغرىتىش ھەققىدىكى گېپىمىنى ئەسلىدە مۇشۇ يەردە توختاتسام بولاتتى، ئەمما گېپىم ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. جەنۇبتىكى مەلۇم بىر داڭلىق كەچلىك گېزىتنىڭ ئابرۇيلۇق، كونا ئىنقىلابچى باش مۇھەررىرىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، شۇ گېزىتتە ئېلان قىلغان مەخسۇس ئىستون ماقالىسىنى نەقىل كەلتۈرۈشۈمگە رۇخسەت قىلغايسىلەر، ئۇ بەلكىم بىزنى ئىچ ئاغرىتىش مەسىلىسىدە يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلىپ قالار. بۇ ماقالىنىڭ تېمىسى «ئۇنتۇلغۇسىز دۈشمەن ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى» بولۇپ، تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

جۇڭگودىن تارتىپ چەت ئەللەرگىچە، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى شەپقەتسىز. شىددەتلىك ئۇرۇش بولىدىغان جەڭگاھتا ئىنسانپەرۋەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش دېيىش تالىپلارنىڭ سۆزى، بولۇپمۇ دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان ئالاھىدە ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق. تۆۋەندە مەن ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلمايدىغان دۈشمەن ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن بىرنى سۆزلەپ بەرسەم، بەلكىم تىنچلىق دەۋرىدىكى ياشلار ئاڭلاپ، قورقۇپ جان– پېنى چىقىپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما شۇ يىلى مەن بۇنىڭغا نورمال روھىي ھالەت بىلەن مۇئامىلە قىلغانىدىم. بىراق بۇ ئەسلىمىنى يەنىلا ئۆمۈر بويى ئۇنتۇيالمىدىم.
1945- يىلى 7- ئايدا ياپونلار تەسلىم بولۇش ھارپىسىدا، گومىنداڭنىڭ جاھىل قىسمى− 152- دىۋىزىيەگە قاراشلىق بىر چوڭ ئەترىتى بۇ پايدىلىق پۇرسەتكە قاراپ، «شىمالىي تارماق» تۇرۇشلۇق داجېن قاتارلىق جايلارغا غالجىرانە ھۇجۇم قىلغاچقا، ئارمىيەمىز ئۆزى تۇرۇشلۇق جاينىڭ يېنىدىكى تاغقا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. چېكىنىشتىن ئاۋۋال، ئارمىيەمىز داجېنغا يوشۇرۇنغان جاھىل قوشۇننىڭ تۆت رازۋېدكىچىسى (گومىنداڭ ئىشپىيونى)نى تۇتۇپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئىشپىيون يەرلىك دوختۇر قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئېلىپ ماڭىدىغان چاغدا، ھەممىسىنىڭ كۆزىنى قارا لاتا بىلەن تاڭدۇق (ئۇلارنىڭ قوشۇنىمىز چېكىنگەن يولنى بىلىۋېلىشىدىن ساقلانماقچىدۇق)، قوللىرىنىمۇ باغلاپ، بىر تال ئارغامچا بىلەن تۆتەيلەننى بىر– بىرىگە «چېتىپ» ئېلىپ ماڭدۇق. دۈشمەن ئەھۋالى جىددىي بولۇپ، ئەتراپىمىزنى قورشىۋالغچقا، بۇ تۆت تىرىك «يۈك» بىلەن ئېڭىشىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇق. ناۋادا ئىككى تەرەپ ئېتىشىپ قالساق، بۇ مەككار ئىشپىيونلار تىكىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. شىمالىي چاڭجياڭ تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ چياڭ دەرھال چوڭ ئەترەت باشلىقى جېڭ ۋېيلىڭغا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە ئىشارەت قىلدى.
جېڭ ۋېيلىڭ ئۇلارنى ئېتىۋەتسە، ھەم ئوق ئىسراپ بولىدىغانلىقى، ھەم يېقىن ئەتراپتىكى دۈشمەنلەرگە شەپە بېرىپ قويىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇلارنى ئىشتىك بىلەن جايلىۋەتمەكچى بولدى. ئەمما بۇ ناھايىتى قىيىن ئىش، شۇنداقلا ئىنتايىن ۋەھشىي قىلمىش ئىدى. بىراق، جېڭ ۋېيلىڭنىڭ نەزەرىدە بۇ «كىچىككىنە ئىش» ئىدى. قوشۇن چېكىنىپ يىڭدېدۇڭ يېزىسى تۇڭلې كوچىسىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى تاغنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ كۆزى ئېتىلگەن بىرىنچى دۈشمەن ئىشپىيونىنى دۈم يېتىشقا بۇيرۇپ، ئۇنى ئوتىغۇچ، ئىشتىك بىلەن جايلىۋەتتى.
دۈشمەن ئىشپىيونلىرىدىن ئاخىرقى پۇرسەتتە ئاخبارات ئېلىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى قاتتىق سوراق قىلىپ، ئاخباراتنى دەرھال تاپشۇرۇشنى بۇيرىدىم. بۇ ئارىلىقتا ئۇ «ئالدىدا ماڭغۇچى» شېرىكىنىڭ ئېچىنىشلىق توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ قالدى– دە، بەزگەكتەك تىترەپ گەپ– سۆز قىلالمىدى. مەن غەزەپ بىلەن ئۇنى قاتتىق بىر تەستەك سالدىم. يەنە بىر دۈشمەن ئىشپىيونىمۇ ئېچىنىشلىق چىرقىراپ بىردەم تىپىرلىغاندىن كېيىن يەرگە يىقىلدى. جېڭ ۋېيلىڭ قالغان دۈشمەن ئىشپىيونىغىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۆلۈم جازاسى بەردى. مەن بۇ قانلىق مەنزىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقان بولساممۇ، ئەمما چىرايىمنى قىلچە ئۆزگەرتمىدىم، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى قىرغىنچىلىقتا ھېسسىياتمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگەرگەنىدى.
ئارىلىقتا نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەن جېڭ ۋېيلىڭدىن «سەن ئۆمرۈڭدە قانچىلىك دۈشمەننى ئۆلتۈرگەنسەن؟» دەپ سورىسام، ئۇ: «100 دىن ئاشار» دېدى. ئۇ ئەسلىدە ياپونلارنىڭ قىلىچى بىلەن ئالتە دۈشمەن ئىشپىيونىنى ئۆلتۈرگەنىكەن، ئەمما بۇ كېيىنكى گەپ.

بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن بۇرۇنقى ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن رومان ۋە كىنولىرىمىزنىڭ نەقەدەر ساختا ۋە يالغان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورىنى جەنۇبىي جۇڭگو ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نۇرغۇن دوستلار تونۇيدۇ، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مېھرىبان بىر بوۋاي، قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنىدىغان بىر رەھبەر، كىشىلەر تەرىپىنى قىلىدىغان كىشى بولۇپ قالدى. ئۇ ماقالىسىدە تىلغا ئالغان جېڭ ۋېيلىڭنىڭمۇ جان ئالغۇچى ئەزرائىل ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن، ئەمما ئۇرۇشتىن ئىبارەت مۇنداق پەۋقۇلئاددە مۇھىتتا، ئۇلار ھەقىقەتەن ئادەم ئۆلتۈرسىمۇ كۆزىنى مىت قىلىپ قويمىغان. ھالبۇكى بىزنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلەيدىغان ئاساسىمىز بارمۇ؟ 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ھېلىقى جېڭ ۋېيلىڭ جەزمەن نۇرغۇن مېداللارغا ئېرىشكەن قەھرىمان، ئەمما بىز ئۇنى «ئىچ ئاغرىتىش»نى بىلمەيدۇ دېيەلەيمىزمۇ؟ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئىچ ئاغرىتىش شەرتلىك بولىدۇ؛ ئىچ ئاغرىتىش تالىپلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەسىلە.
ھەمىشە روماننىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تەكىتلەشمۇ ئاسانلا قارشى رەددىيەگە ئۇچرايدۇ. لۇشۈن، شېن سۇڭۋېن، جاڭ ئەيلىڭ، ۋاڭ زېڭچى، چېخوف، بورخىسلارنىڭ ھەممىسى تەييار مىساللار. مەن ئەلۋەتتە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن يازغۇچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ياكى ئۇلۇغ يازغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايمەن، ئەمما ئۇلار لېۋ تولىستوي، دوستويېۋىسكىي، توماس مان، جامېس جويس، مارسېل پىروئۇستتەك يازغۇچىلار ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ يازغۇچىلارنىڭ كاتتا ئەسەرلىرىدە بار بولغان ھەيۋەتلىك، كۆز يەتكۈسىز مەنزىرە يوق، بۇمۇ ئېھتىمال مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت بولسا كېرەك.
روماننىڭ بارغانسېرى قىسقىراپ كېتىشى كەڭ تارقىلىش بىلەن، باسما ۋە ئوراش بىلەن، مەنپەئەت بىلەن، يەڭگىلتەك پىسخىكا بىلەن، شۇنداقلا قانۇنسىز كۆپەيتىپ بېسىلغان سىن دېسكىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئازاب– ئوقۇبەتلىك تۇرمۇش (بۇ يەردىكى ئازاب– ئوقۇبەت ماددىي تۇرمۇش نامراتلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى كۆپىنچە ھالدا مەنىۋى ئازاب– ئوقۇبەتنى كۆرسىتىدۇ) ۋە شەخسنىڭ خاراكتېرىدىكى كەمتۈكلۈكتىن كېلىپ چىققان تىراگېدىيەدىن ئىجادىيەت بايلىقىغا ئېرىشكەندە، بۈيۈك ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، قانۇنسىز كۆپەيتىپ بېسىلغان سىن دېسكىلىرىدىن ئىجادىيەت مەنبەسى ئىزدىگەندە، جۇڭگوچە تەجرىبە ۋە جۇڭگوچە تەسىراتتىن ئايرىلغان، نەپىسرەك كىچىك نەرسىلەرنىلا يېزىپ چىققىلى بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بەزىلەر بۈگۈنكى دەۋردە بەك ئۇزۇن روماننى كىم كۆرمەكچىدى؟ دېيىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، كۆرىدىغان ئادەم رومان ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ كۆرۈۋېرىدۇ؛ كۆرمەيدىغىنى ھەرقانچە قىسقا بولسىمۇ كۆرمەيدۇ. روماننىڭ ئۇزۇنلۇقى مۇنەۋۋەر ئوقۇرمەنلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈپ سەۋەب ئەمەس. ياخشى بولۇش ئۇزۇن بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئەلۋەتتە. قېرى خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك ئۇزىراپ كەتسىمۇ بولمايدۇ؛ ئەمما «چوكانتال مەۋسۇمىدىكى دەريا ساھىلى»دەك گۈزەل رەسىم كەشتىلەنگەن بولسا ئۇزۇن بولغىنى ياخشى.
ئۇزۇنلۇق لەغمەن سوزۇش ئەمەس، سۇ قوشۇش ئەمەس، پۈۋلەپ يەل بېرىش ئەمەس، ماغزاپ چىقىرىش ئەمەس، كاۋاك ئۈگرە ئەمەس، پىلىكئوت ئەمەس، قەغەز يولۋاس ئەمەس؛ ئۇزۇنلۇق ھەقىقىي نەرسە، ئاق تۇرنىنىڭ پۇتى، ئۇزۇن بولمىسا بولمايدۇ، ئۇزۇن بولمىسا بولمايدىغان ئۇزۇنلۇق، چوقۇم مۇشۇنداق ئۇزۇن بولۇشى كېرەك بولغان ئۇزۇنلۇقتۇر. سەددىچىن سېپىلى نېمىشقا شۇنداق ئۇزۇن؟ كەينىدىكى قۇدرەتلىك ھاكىمىيەت، دۆلەت ئۇنىڭ شۇنداق ئۇزۇن بولۇشىنى بەلگىلىگەن.
روماننىڭ زىچلىقى زىچ ۋەقەلىك، زىچ پېرسوناژ، زىچ ئىدىيەنى كۆرسىتىدۇ. ئىدىيە دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، ۋەقەلىك ۋە پېرسوناژلارنى ئېقىتقىنىچە تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىپ يېتىپ كېلىپ، كۆز يەتكۈسىز مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ بىرنەچچە ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدىغان ئۇنداق رومان ئەمەس.
زىچ ۋەقـەلىك ئەلۋەتتە ۋەقەلەرنىڭ ئاددىي تىزىلىشى ئـەمـەس، ئەلۋەتتە ئاقما بايانمۇ ئەمەس. ھېمىڭۋاينىڭ «مۇزتاغ نەزەرىيەسى» بۇنداق رومانلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
زىچ پېرسوناژلار ئەلۋەتتە ساردىن بېلىقى كونسېرۋاسىغا ئـوخشاش زىچ بـولماستىن، بـەلكى ھـەر بىرى يېڭى ۋە جانلىق، بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇشقا قارىتىلغان. بىر ياخشى روماننىڭ ئاساسلىق پېرسوناژلىرى ئەدەبىي تىپلار سالونىغا كىرەلەيدىغان بولۇشى، يانداش پېرسوناژ بولغان تەقدىردىمۇ، جانلىق ۋە رېئال تىرىك ئادەم بولۇشى، ھەرگىزمۇ يازغۇچىنىڭ بايان قىلىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سەپلەنگەن سەھنە جابدۇقى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
زىچ ئىدىيە كۆپ خىل ئىدىيەنىڭ توقۇنۇشى ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بىر– بىرىنى ئۇجۇقتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىر روماندا ئاتالمىش توغرا ئىدىيە، ئاتالمىش ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ئالىيجانابلىقلار ياكى ئاددىي، فورمىلاشقان ياخشى– يامانلىقنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىلا بولسا، بۇ روماننىڭ قىممىتىدىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ. ئىلغار ئەھمىيىتى بار ئاشۇ رومانلارنى ئىدىيەسى ئەكسىيەتچىل بىر يازغۇچى يازغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. پەلسەپەۋى تەپەككۇرغا ئىگە رومانلارنىڭ ھەممىسىنى پەيلاسوپلار يازغان بولۇشى ناتايىن. ياخشى رومان «شاۋقۇن پەيدا قىلالايدىغان» بولۇشى، كۆپ مەنىلىك، كۆپ چۈشەنچىلىك بولۇشى، كۆپىنچە ئەھۋالدا يازغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ مۇددىئاسىغا بېقىنماسلىقى كېرەك. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ئوتتۇرىسىدا تۇتۇق بىر جاي بولۇشى كېرەك، بۇ يەر دەل يازغۇچى تالانتىنى ئىشقا سالىدىغان بىپايان زېمىن بولۇشى مۇمكىن.
شۇنـداق دېـيىشـكىمۇ بولىدۇكى، زىچلىققا ئىگە رومان ئەۋلادمۇ ئەۋلاد خاتا ئوقۇلىدىغان روماندۇر. بۇ يەردىكى خاتا ئوقۇلۇش ئەلۋەتتە يازغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ مۇددىئاسىغا قارىتا ئېيتىلغان. ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى ئۇنىڭ خاتا ئوقۇلۇپ قالىدىغانلىقىدا. يازغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ مۇددىئاسى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ ئۇنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تۇيغۇسى ماس كەلگەن رومان بازارلىق رومان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما «ئۇلۇغ رومان» بولالمايدۇ.
روماننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بەدىئىي جەھەتتىكى ئىجادىيلىقنى كۆرسىتىدۇ، ئىجادىيەت ھامان ناتونۇش بولىدۇ، ئوقۇرمەنلەردىن كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، يېنىك– يۇمشاق رومانلارنى ئوقۇغانغا قارىغاندا ئازابلىق ۋە قىيىن بولىدۇ. قىيىنلىقى قۇرۇلمىدىكى تەسلىكنى، تىلدىكى تەسلىكنى، ئىدىيەدىكى تەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.
روماننىڭ قۇرۇلمىسى ئەلۋەتتە توغرىدىن توغرا بايان قىلىش بولسىمۇ بولىدۇ، بۇ تەنقىدىي رېئالىزملىق كىلاسسىك يازغۇچىلار ئادەتلەنگەن، خېلى ئاسان بىر خىل ئۇسۇل. قۇرۇلما ئەزەلدىنلا نوقۇل شەكىل ئەمەس، ئۇ بەزى چاغدا ھەتتا مەزمۇنمۇ بولالايدۇ. روماننىڭ قۇرۇلمىسى رومان سەنئىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يازغۇچىنىڭ مول تەسەۋۋۇرىنىڭ ئىپادىسى. ياخشى قۇرۇلما ھېكايىنىڭ ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ھېكايىنىڭ بىر خىل ئەھمىيىتىنىمۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ. ياخشى قۇرۇلما ھېكايىدىن ھالقىپ كېتەلەيدۇ. ھېكايىنى تەھلىل قىلالايدۇ. مەن تېخى بىرنەچچە يىل ئاۋۋال «قۇرۇلما دېگەن سىياسىي دېگەنلىكتۇر» دېگەنىدىم. ئەگەر «قۇرۇلما دېگەن سىياسىي دېگەنلىكتۇر» دېگەن سۆزنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، مېنىڭ «مەي دۆلىتى» ۋە «جەننەتتىكى سامساق نوتىسى ناخشىسى» دېگەن رومانىمغا قاراڭ. كىلاسسىك يازغۇچىلاردىن كېيىن يەنە رومان يازالىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا روماننىڭ قۇرۇلمىسى جەھەتتە تالانتىمىزنى كۆرسىتەلىگەنلىكىمىزدە.
رومان تىلىنىڭ تەسلىكى دېگەندە، ئەلۋەتتە روشەن خاسلىققا ئىگە، ياتلاشقان تىل كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەمما، بۇ ياتلاشقان تىل ئاساسەن ئومۇملاشقان تىل بولۇشى، ئەتەي دىيالېكىت-شېۋىلەرنى ئىشلىتىپ ئوقۇشنى تەسلەشتۈرۈش بولماسلىقى كېرەك. دىيالېكىت- شېۋىلەر ئەلۋەتتە تىلىمىزنىڭ مول كانى، ئەمما روماننىڭ دىيالوگ قىسمىدىلا دىيالېكت- شېۋىلەرنى ئىشلىتىپ، بۇ ئارقىلىق پېرسوناژ تىلىنىڭ خاسلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولساق، بۇ ناتوغرا ئۇسۇل بولىدۇ. دىيالېكىت- شېۋىلەرنى بايان تىلىغا سىڭدۈرۈۋېتىشلا تىلغا بولغان ھەقىقىي تۆھپە ھېسابلىنىدۇ.
روماننىڭ ئۇزۇنلۇق، زىچلىق ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى ئۇنىڭ ھەيۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. رومان پۇرسەتپەرەسلىكنى ياقتۇرمايدۇ، رومان كالامپاي، كەڭ قورساق، ياخشى – يامىنى ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ، ئۇنىڭدا كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغانلار ۋە چېچەنلەر بولمايدۇ، خۇشامەت ۋە ئەركىلەشنى كۆتۈرمەيدۇ.
ھازىرقى دەۋردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاددىيلىقنى قوغلىشىپ، كاللا ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئەلۋەتتە خاتا يېرى يوق. ھەقىقىي روماننى چۈشىنىدىغان ئادەمنىڭ چىقىشى تەس، ھالبۇكى چۈشىنىدىغانلارنىڭ چىقىشىىنىڭ تەس بولۇشىمۇ نورمال ئەھۋال. ئۇلۇغ رومانلارنىڭ ئەرمەك ھايۋانلاردەك ھەممە جايدا ئېغىناپ يۈرۈشى، سىرتلانلاردەك توپلىشىپ ھۇۋلىشىمۇ ھاجەتسىز. ئۇ چوڭقۇر دېڭىزدا يەككە– يېگانە ئۈزۈۋاتقان، ياڭراق ۋە ئېغىر نەپەس ئېلىۋاتقان، دولقۇنلارنى مەۋج ئۇرغۇزۇپ جۈپلىشىۋاتقان، قانلىق سۇلارنى ھەيۋەت بىلەن چاچرىتىپ بوشىنىۋاتقان كىت بولۇشى، سەپ- سەپ تۇرغان لەھەڭلەر بىلەن يېتەرلىك ئارىلىق ساقلىغان بولۇشى كېرەك.
رومان غىدىقلىنىۋاتقان بۇ دەۋرگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئىناۋىتىنى قۇربان قىلسا بولمايدۇ. رومان بەزى ئوقۇرمەنلەرگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى قىسقارتسا، زىچلىقىنى بوشاشتۇرسا، قىيىنلىقىنى سۇسلاشتۇرسا بولمايدۇ. مەن شۇنداق ئۇزۇن، شۇنداق زىچ، شۇنداق قىيىن بولسۇن دەيمەن، خالىسىڭىز كۆرۈڭ، خالىمىسىڭىز كۆرمەڭ. مەن بىرلا ئوقۇرمەن بىلەن قالغان تەقدىردىمۇ شۇنداق يازىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر