باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

قەلبىمىزدە ئابىدىڭىز بار...

— ئاتاقلىق تۈركولوگ، ئۇستاز تۇرسۇن ئايۇپقا يادنامە

2015.02.10 12:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

قەلبىمىزدە ئابىدىڭىز بار...
— ئاتاقلىق تۈركولوگ، ئۇستاز تۇرسۇن ئايۇپقا يادنامە
غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2003- يىل 8- ئاپرېل، كەچ سائەت سەككىز، ئۈرۈمچى.
كېسەلخانىدا داۋالانغاچ، مەلۇم مەكتەپنىڭ كۇرسانتلىرى ئۈچۈن «ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىكى تۈزۈش بىلەن مەشغۇل ئىدىم. تۇيۇقسىز سايرىغان تېلېفۇن ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى. يان تېلېفۇنۇمنىڭ ئېكرانىدا مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان ساۋاقدىشىم پەرھات يۈسۈپنىڭ ئىسمى كۆرۈندى.
- ھەي، غەيرەتما؟ سالامەتمۇ سەن؟ ساڭا بىر شۇم خەۋەر يەتقۈزىدىغان بولدۇم، ئۇستازىمىز تۇرسۇن ئايۇپ مۇئەللىم بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى 18 دە مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇش سەۋەبى بىلەن تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى... سىلەرنى خەۋەرلەندۈرۈپ قوياي دېدىم... – پەرھاتنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ- بوغۇلۇپ چىقتى. تېلېفۇندىن يىغا- زارە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. پەرھات تېلېفۇننى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن — مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدىن بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇشتۇمتۇت ئاڭلانغان بۇ خەۋەر گويا زىمىستاندا بىرى بېشىمدىن مۇزدەك سۇ قۇيۇۋەتكەندەك ئەندىكتۈرىۋەتتى، قولۇمدىكى «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى» دېگەن كىتاب كارىۋاتقا سىيرىلىپ چۈشتى. كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش ئېتىلىپ چىقتى. چىرايىممۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ياتاقداشلىرىم ماڭا ھەيرانلىق، ئېسەنكەرەش ئىچىدە قاراپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراشتى.
- بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى، ئالىي مەكتەپتىكى ئۇستازىم، ئاتاقلىق تىلشۇناس تۇرسۇن ئايۇپ مۇئەللىم ۋاپات بوپتۇ، - دېيەلىدىم ئارانلا. تېخى بىر ئاي بۇرۇنلا مۇئەللىمنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان، 9- ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلماقچى بولغان جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى- مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا چاقىرتقانلىق تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغانىدىم.
كۆز ئالدىمدا ئۇستاز بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن دەقىقىلەر نامايان بولدى:
2000- يىلى ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى.
«قاراقۇرۇم مېھمانخانىسى»دا «جۇڭگو ‹دىۋانى لۇغاتىت تۈرك›ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ ھارپا كۈنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۈچۈن بېرىپ، تىزىملىكتىكى بېيجىڭدىن كەلگەن ئالىم- مۇتەخەسسىسلەر ئىچىدە ئۇستاز تۇرسۇن ئايۇپنىڭمۇ ئاللىقاچان كېلىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ دىدارلاشقىلى ئالدىرىدىم. كەسىپدىشىم كۈرەش تاھىر بىلەن ئۇستازنىڭ ياتىقىغا كىردۇق. ئۇستاز بېشىغا چىمەن دوپپا، ئۇچىسىغا يارىشىملىق كاستيۇم- بۇرۇلكا كىيگەن بولۇپ، يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئورۇقراق كەلگەن ئېگىز بەستى خۇددى شىۋىرغاندا چېنىققان يېشىل قارىغايدەك مەزمۇت ئىدى. ئۇ بىزنىڭمۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىمىزنى، ئىلمىي ماقالىمىزنىڭ يىغىن تەييارلىق ھەيئىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئۇقۇپ، بىزدىنمۇ بەكرەك خۇشال بولۇپ كەتتى.
ئۈچ كۈنلۈك يىغىندا مەن ئۇستاز بىلەن بىر گۇرۇپپىغا — تىل تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا تەقسىملىنىپتىمەن، ئۇستاز گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى، مەن گۇرۇپپا كاتىپلىقىنى قىلدىم ھەم ئۈچ ۋاقلىق تاماقتا بىللە بولدۇم. مەن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ئۆگىنىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن (راستىنى ئېيتقاندا، ئەينى ۋاقىتتا كۆڭۈل بۆلمىگەن) نۇرغۇن مەسىلىلەرنى، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن يولۇققان كەسپىي ۋە كىشىلىك تۇرمۇشقا چېتىشلىق سانسىز سوئاللىرىمنى ئۇستازدىن سوراپ ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشنى ئويلايتتىم. ئەمما، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ئۇستازنىڭ يېقىن ئۆتكەن كەسىپداش، ئاغىينە- بۇرادەرلىرى، ئىلگىرى ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلىرى، شۇنداقلا ئۇستازنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ئۇنى غايىۋى ئۇستاز تۇتقان كىشىلەر ئۇنى ئورىۋالغاچقا، ئۇزاقراق ئايرىم مۇڭدىشىشقا پەقەت پۇرسەت بولمىدى.
«ئۇستاز، سىز تېخى ئۆمۈر مۇساپىڭىزنىڭ 56- باھارىنى ئەمدىلا كۈتۈۋېلىۋاتقان ئىدىڭىز، سىزنىڭ ۋاپاتىڭىز ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى، ئېلىمىزنىڭ يېڭى دەۋر مائارىپ ئىشلىرى، شۇنداقلا دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور يڭقىتىش. سىزنىڭ ۋاپاتىڭىز ئائىلە تاۋابىئاتلىرىڭىزغا، كەسىپداشلىرىڭىزغا، مەسلەكداشلىرىڭىزغا ھەم شاگىرتلىرىڭىزغا تولىمۇ تۇيۇقسىز زەربە بولدى...»
ئۆكۈنۈش ئىچىدە يۇقىرىقىلارنى خىيال ئېكرانىمدىن ئۆتكۈزگەچ، ئۇستازنىڭ ئۆمۈر بايانىنى ئاقتۇردۇم:
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تۈركىي تىللار پىروفېسسورى، جۇڭگو تۈركىي تىللار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى- مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، قوشۇمچە مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش- بېكىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇن ئايۇپ 1947- يىلى 2- ئايدا قورغاسدتا تۇغۇلغان، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قورغاستا ئوقۇغان. 1965- يىلىدىن 1968- يىلىغىچە سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1968- يىلى 10- ئايدىن 1971- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭدا ئىشلىگەن، 1971- يىلى 10- ئايدا سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلىپ بارغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، فاكۇلتېت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىنستىتۇت پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋە مەركىزىي مىلەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەكتەپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان.»
56 ياش، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە ئېيتقاندا، ھەقىقەتەنمۇ بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلى؛ مېۋىگەر بىر زىيالىنىڭ راسا پىشىپ مەي بولغان، كۈچىگە تولغان قىران دەۋرى. ئەپسۇسكى، ئۇستاز قورغاستىكى خىلۋەت يېزىدا شاۋقۇن- سۈرەنسىز دۇنياغا كەلگىنىدەك، قايناق ھاياتىي كۈچكە تولغان بېيجىڭ تۇرمۇشىدا ئۆتكەن 30 نەچچە يىللىق ھاياتىدا بىلىمگە تەشنا شاگىرتلارغا مىننەتسىز- تاماسىز ھالدا ئۈن- تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، پىتنە- پاسات، تۆھمەت- يالىلارغا پەرۋا قىلماي تىپتىنچ ياشىغىنىدەك، دەبدەبىسىز، تۇيۇقسىز بىزدىن ئايرىلدى.
ئۇستاز ھەقىقەتەنمۇ مۇنەۋۋەر مائارىپچى، مەسئۇلىيەتچان تەتقىقاتچى ئىدى. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 35 يىل جەريانىدا، ئېلىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل مائارىپىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن ئىشلىگەن؛ ئوقۇتۇش جەريانىدا قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ئاسپىرانتلار ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، «قەدىمكى تۈركىي تىلى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى گىرامماتىكىسى»، «ئۇيغۇر تىلى تارىخى» قاتارلىق 10 خىل كەسىپنى ئاچقان؛ مەكتەپ ۋە ئىنستىتۇت، فاكۇلتېتلارنىڭ كونكرېت ئوقۇتۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش جەريانىدا، ئوقۇتۇش مېتودى بىلەن ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ قىزغىنلىقىنى قوزغاش جەھەتلەردە كۆپلىگەن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن؛ ئوقۇتۇش بىلەن ئەمەلىي تەتقىقاتنى \ىچ بىرلەشتۈرۈپ «قدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى ‹ئالتۇن يارۇق›»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىدىن تاللانمىلار»، «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى —ئوغۇزنامە»، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىلىرىنى تاماملىغاندىن باشقا، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى»، قاتارلىق مەخسۇس ئەسەرلەرنى ۋە كۆپلىگەن تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىگە، جۈملىدىن قەدىمكى تۈركىي– ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىگە زور تۆھپە قوشقان؛ تەكلىپ بىلەن چەت ئەللەرگە چىقىپ كۆپ قېتىم دەرس ئۆتۈپ، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئىلىم- مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىغا، شۇنداقلا دۇنيا تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشقان؛ بېيجىڭ شەھىرى بويىچە «ئەمگەك نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.
ئۇستاز مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن 30 نەچچە يىل ئىچىدە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۆزلىگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى»، «قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «قەدىمكى تۈركىي يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار گىرامماتىكىسى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلاردىن تاللانما»، «ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى» قاتارلىق دەسرلەرنى ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇنىڭ بىلىمىگە قايىل بولمايدىغىنى يوق. ئۇ تەسىس قىلىپ ئۆتكەن «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى» ۋە «ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى» ئۇيغۇر تىلىدا مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى ئېچىلغان دەرسلەر قاتارىغا كىرىدۇ.
ئۇستاز ئىزچىل تۈردە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن سىېت، يەنە ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلگەن. 30 نەچچە يىلدىن بېرى «ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى شەيئى، يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى demek پېئىلى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك»، «كاشىغەر تىلى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە»، «‹ئالتۇن يارۇق›نىڭ 24- بۆلىكى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان ياكى مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرىدا ئوقۇغان. «ئادەم قانداق پەيدا بولغان»، «دۇنيا تارىخىدىن پارچىلار»، «ماركىسىزمچە پەلسەپە تارىخىدىن قىسقىچە مەلۇمات» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەلەرنى نەشر قىلدۇرغان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۇ 1986- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قەدىملى ئەسەرلەرنى رەتلەش، نەشر قىلىش ئىشخانىسى ھاۋالە قىلغان ئاپتونوم رايون ۋە مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 7- بەش يىللىق نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى قىلىپ بېكىتكەن، ھەجىمى بىر مىليون 500 مىڭ خەتكە يېتىدىغان، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى بۇددا دىنىغا ئائىت يىرىك ئەسەر «ئالتۇن يارۇق»نى كەسىپدىشى مۇھەممەترېھىم سايىت بىلەن بىرلىكتە، مۇقەددىمە، تىرانسىكرىپسىيە، تەرجىمە، ئومۇمىي سۆزلۈك، ئىزاھتىن ئىبارەت بەش قىسىم بويىچە نەشىرگە تەييارلاپ، 1992- يىلى 2- ئايدا ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇنغا تاپشۇرغان.
ئۇستاز ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تارىخى ۋە قەدىمكى تۈركىي- ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى يادىكارلىقلارنى رەتلەش ھەم تەتقىق قىلىشنى نىشان قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشنى ھەم شۇ ساھەدە مەخسۇس ئەسەر يېزىشنى بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش نىشانىم قىلىپ ئىزدىنىمەن» دېگەنىدى.
ئۇ دېگىنىنى قىلاتتى، دېگىنىنى قىلالايتتى. ئەپسۇسكى، ئەزرائىل ئۇنىڭ ھاياتىنى بەكلا تېز ئاخىرلاشتۇرۇپ قويدى. لېكىن، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارمانىغا چۇشلۇق دەرمانى بارلىقىنى پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
ئۇستازنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى» ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىدىكى (تولۇق كۇرستىن يۇقىرى) ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن. «ئوقۇشلۇق» ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر يېزىق تىلى تەرەققىياتى تارىخىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى تىكلەش، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى ئىلمىي ۋە تارىخىي نۇقتىدىن چۈشىنىش، قەدىمكى يادىكارلىقلاردىن پايدىلىنىشتا زۆرۈر بىلىم ۋە سۆزلەر بىلەن تونۇشۇپ ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. «ئوقۇشلۇق»قا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان قەدىمكى تۈركىي (ئۇيغۇر) يېزىقى، ئوتتۇرا قەدىمكى ئۇيغۇر (قوچۇ) يېزىقى، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئوتتۇرا قەدىمكى ئۇيغۇر (خاقانىيە) يېزىقىدىكى تۈرلۈك ژانىر ۋە مەزمۇندىكى يادىكارلىقلاردىن (بەزىلىرى پارچىلار) 25 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇلار قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار سۇلالىسى، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى، كۆك تۈرك خانلىقىغا دائىر يادىكارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئوقۇتۇشتا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن يادىكارلىقلار يېقىندىن يىراققا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ئۆتۈش تەرتىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەر بىر دەرس تېكىست، سۆزلۈك، ئىزاھتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلۈپ، ھەر بىر يېزىقتىكى يادىكارلىقلارنىڭ ئالدىغا شۇ يېزىق توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە ۋە شۇ يېزىقنىڭ ئېلىپبەسى، ئىملا قائىدىسى قاتارلىقلار بېرىلگەن. يادىكارلىقلارنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، تىل ئالاھىدىلىكى، مەنبەسى، بۇ يادىكارلىقلار ئۈستىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئەھۋالى قاتارلىقلار ئۈچۈن ئومۇمىي چۈشەنچە ئورنىدا كىتابنىڭ باش قىسمىغا مۇقەددىمە بېرىلگەن.
شۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، مەزكۇر كىتاب مەيلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى يورۇتۇپ بېرىشتە بولسۇن، مەيلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئوقۇتۇش ماتېرىيالى نۇقتىسىدىن بولسۇن، تۇنجى ھەم يىگانا، مۇكەممەل ئىلمىي ئەمگەكتۇر. بۇ جەھەتتە ھەرقانداق ئىلىم ئەھلى ئۇستازنىڭ ئەمگىكىگە كۆز يۇمالمايدۇ ھەم قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ خەنزۇ- ئۇيغۇر يېزىقلىرىدا يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇغان كىشى ئىلىم ساھەسىدە مۈجىمەل بولۇۋاتقان ياكى تېخىچە ھەل بولمايۋاتقان بىرەر مەسىلىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلەيتتى ياكى بۇ ھەقتە يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە بولاتتى. شۇڭد ھەرقايسى ئىلمىي ژۇرناللار ئۇنىڭ ماقالىسىنى تالىشىپ ئېلان قىلاتتى ياكى ئۇنىڭغا ماقالە يېزىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلاتتى.
1990- يىلى، ماي، يىخېيۈەن باغچىسى.
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەرقايسى فاكۇلتېتلاردىن تاللانغان ئاكتىپلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەيئەتلىرى بىر كۈنلۈك باغچە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئۇستاز ئەينى ۋاقىتتا فاكۇلتېت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاچقا، بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە فاكۇلتېت ۋەكىللىرىنىڭ پائالىيىتىگە باشتىن- ئاخىر يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇستاز ئىككىمىز بىر قېيىققا ئولتۇرۇپ كۆل مەنزىرىسىنى سەيلە قىلغاچ پاراڭغا چۈشتۇق. ئۇ مېنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى نېمە خىزمەت بىلەن شۇغۇللانماقچى ئىكەنلىكىمدىن تارتىپ مۇھەببەت مەخپىيەتلىكىمگىچە ئىنچىكە سورىدى. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ساددا خىيالىم ۋە رومانتىك تەسەۋۋۇرۇم بويىچە جاۋاب بەردىم ھم كەلگۈسىدىكى خىزمەت، تۇرمۇش ھەققىدە بەزى سوئاللارنى سورىدىم. ئۇ يىراقلارغا نەزەر سالغاچ، تاماكىسىنى ئاچچىق- ئاچچىق شوراپ تۇرۇپ، مۇنداق دېدى:
- ئۇكام غەيرەت، خىزمەت ئۇنچە سىرلىق، قورقۇنچلۇق ئەمەس، لېكىن ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى ئاساسىڭلارنى چىڭىتىشىڭلارغا، مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملەرنى جەمئىيەتكە تەدبىقلاشقا توغرا كېلىدۇ. سىلەر مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بەزىلىرىڭلار مائارىپچى، بەزىلىرىڭلار تىلشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس، بەزىلىرىڭلار تەرجىمان ياكى ژۇرنالىست بولۇپ كېتىشىڭلار مۇمكىن، سىلەردىن بۇرۇن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەتكەنلەر مانا مۇشۇ ساھەلەردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ فاكۇلتېتنىڭ، بۇ كەسىپنىڭ تەربىيەلەش ئوبيېكتىمۇ دەل شۇ. ئەلۋەتتە، يەنە بەزىلىرىڭلار مەمۇرىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەمەلدار بولۇپ كېتىشىڭلارمۇ مۇمكىن. سىلەرنىڭ ھازىرقى ئاساسىڭلاردىن قارىغاندا، بۇ جەھەتلەردە ھەرگىز چېنىپ قالمايسىلەر. لېكىن، كىشىلىك تۇرمۇش كىتابلاردا ئېيتىلغاندەك ئۇنچىۋالا تۈپتۈز ئەمەس، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا بەزى قىيىنچىلىقلارغا، ھەتتا بەزى ناھەقچىلىكلەرگە دۇچ كېلىشىڭلارمۇ ئېھتىمال. ئەمما سىلەردە «ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيمەن» دەيدىغان ئىرادە، ئىشەنچ بولۇشى، شۇنداق ئىرادە، ئىشەنچنى يېتىلدۈرۈشۈڭلار كېرەك.
ئۇ سۆز ئارىلىقىدا ئۆپچۆرىمىزدىن قېيىق بىلەن ئۆتۈۋاتقان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەھۋال سوراشنى ئۇنتۇمايتتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇستازنىڭ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 يىلغا تاقاپ قالغان، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىمۇ نۇرغۇن بولۇشىغا قارىماي، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى، يۇرتى ئۇنىڭ ئۈچۈن تېپىشماق ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەر قېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە، يولۇقتۇرغان ھەر قايسى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن ساۋاقداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇراتتى، ھېچقاچان باشقا سىنىپنىڭ بالىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويمايتتى؛ ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ھەممەيلەننى ئىختىيارسىز قايىل قىلاتتى.
ئۇستاز 1993- يىلى ماڭا يازغان خېتىدە: «ئۇكام غەيرەت، مەن بۇ يىل ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تارىخىنى تەتقىقات نىشانى قىلغان ماگىستېر ئاسپىرانت قوبۇل قىلاقچىمەن، بۇ كەسىپتە ماگىستېر تەربىيەلەش مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىملىق ئىش. سىزنىڭ قىلىۋاتقان كەسپىڭىز بۇ كەسىپنى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە قىلىدۇ، ناۋادا ھازىرقى شارائىتىڭىز يار بەرسە، ئىمتىھانغا قاتنىشىپ بېقىڭ، ئاساسلىقى چەت ئەل تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈڭ، كەسپىي پەنلەردىن مەن سىزگە ئىشىنىمەن» دېگەنىدى. ئەپسۇسكى، شۇ ۋاقىتتىكى ئائىلە شارائىتىم، چەت ئەل تىلى سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكى، ئاساسلىقى ئۆزۈمنىڭ بوشاڭلىقىدىن بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدۇم (راستىنى ئېيتقاندا مۇشۇ پۇرسەتنى تونۇپ يېتەلمىدىم).
2003- يىلى 9- ئاپرېل، ئۈرۈمچى.
بارلىق ساۋاقداشلىرىمغا ئۇستازنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى شۇم خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولۇپ، پوچتىخانىغا بېرىپ، ئانا مەكتەپكە قارىتىپ ساۋاقداشلار نامىدىن تەزىيە تېلېگىراممىسى سېلىۋەتتىم ھەم ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئۇستازنىڭ ئالبۇمىمدىكى سۈرىتىنى سىلاپ تۇرۇپ ئاستا شىۋىرلىدىم:
ئۇستاز، سىز تولىمۇ ئېغىر- بېسىق، كەڭ قۇرساق، كەمتەر ئىدىڭىز، بىز ئالىي مەكتەپكە بارغان 1985- يىلى گەرچە سىز ئەمدى تېخى 38 ياشقا كىرگەن بولسىڭىزمۇ، سىزنىڭ ئېغىر- بېسىق، كەمسۆز مىجەزىڭىزدىن خۇددى پېشقەدەم بىر مويسىپىتنى كۆرگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ، سىزدىن بەكمۇ ئەيمەنگەنىدۇق. لېكىن بەش يىللىق ئورتاق بېيجىڭ ھاياتى سىزنىڭ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، كۆيۈمچان، چىقىشقاق، پەزىلەتلىك خىسلىتىڭىزنى ھەر بىر شاگىرتىڭىزنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس ئابىدە قىلىپ ئويغانىدى. سىزنىڭ ئاددىي- ساددا، كەمتەر، كىچىك پېئىل مىجەزىڭىز ئەمىلىڭىز ئۆسۈپ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان ۋاقتىڭىزدىمۇ ئۆزگەرمىدى. بۇ ئارقىلىق سىز كىچىككىنە ئەمەل ئۈچۈن غۇرۇر- ۋىجدانىنى ساتىدىغان، كىچىككىنە ئەمەل تېگىپ قالسا، تېرىسىگە سىغماي گويا پۈتۈن يەر شارىنى ئۆزى يالغۇز پىرقىرىتىۋاتقاندەك كېرىلىپ يۈرىدىغان بەزى «بەگچەك»لەرگە ئۆزىڭىز ياقتۇرۇپ سۆزلەيدىغان قوچۇ تېكىستلىرىدىكى:
بەگىمسىنمەيۈك بەە بولسار، بەلتىر سايۇ بەلگە سالۇر،
ئاتاقىمسىنمايۇق ئاتىغ بولسار، ئارت سايۇ مايا قايۇر.
[يەشمىسى: بەگ بولمىغان بەگ بولسا، ھەر دوقمۇشقا بەلگە سالار، ئاتىقى چىقمىغاننىڭ ئاتىقى چىقسا، ھەر بىر تاغ ئۆتكىلىگە ماياق سالار.]
ئەردەملىگ كىشى ئەردىنى بىرلە تۈز ئول،
ئەردەمسىز كىشى ئۆتۈك ئىچىنتەكى ئۇلياق بىرلە تۈز ئول.
[يەشمىسى: پەزىلەتلىك كىشى (گويا) گۆھەرگە ئوخشايدۇ، پەزىلەتسىز كىشى (گويا) ئۆتۈك ئىچىدىكى پېتەككە ئوخشايدۇ.]
دېگەن ئەقلىيەلەرنى چىن مەنىسى بىلەن دەرس قىلىپ ئۆتتىڭىز. ئەمەلدارنىڭ قىممىتى ئەمەلدە قانچىلىك ئۇزاق ئولتۇرغانلىقىدا ياكى قانچىلىك يۇقىرىغا ئۆرلىگەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئەمەل تۇتقان ۋاقتىدا خەلقى ئۈچۈن قانچىلىك خىزمەت قىلىپ بەرگەنلىكىدە، ئۆز پەزىلىتىنى قانچىلىك نامايان قىلىپ، خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ، ھۆرمەت- ئىشەنچكە نائىل بولغانلىقىدا. سىزنىڭ ئەمەل تۇتقان ۋاقتىڭىز گەرچە ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتىڭىزغا سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن قىسقا بولسىمۇ، لېكىن سىز بەزىلەردەك ئەمەل ئۈچۈن كۆيۈپ- پىشمىدىڭىز، ئەمەلدارلىق شۆھرىتىدىن كېرىلمىدىڭىز، كېبىر- تەمەننادىن خالىي بولۇپ، يەنىلا ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى، ئىلىمگە ئۆزىنى بېغىشلىغان جاپاكەش زىيالىي سۈپىتىدە قېلىۋەردىڭىز.
2013- يىلى 7- ئاپرېل، بېيجىڭ.
ئۇستازىمىز بىزدىن ئايرىلغىلى ھەش- پەش دېگۈچە 10 يىل ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن، مەيلى شىنجاڭدىكى كۈنلەردە بولسۇن، مەيلى بېيجىڭدا ئانا مەكتىپىم مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى- ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا زىيارەتچى ئالىم سۈپىتىدە بىلىم ئاشۇرىۋاتقان يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان كەسىپداشلار، ساۋاقداشلار، مەكتەپداشلار بىلەن بىللە بولغان سورۇنلاردا ئۇستازنىڭ تەرىپىنى قىلمىغان سورۇن يوق دېيەرلىك. مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇستازنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىدىن تەركىب تاپقان «ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تارىخىغا دائىر مەسىلىلەر» ناملىق كىتابىنى ئۇستاز ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقىغا ئۈلگۈرتۈپ نەشردىن چىقاردى ھەم مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى- ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئۇستاز ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇستازنىڭ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنى تۇنجى تارقىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. سۆھبەت يىغىنىغا جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى- مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تەۋەككۇل تىلىۋالدى، مۇئاۋىن باشلىقى تۇرۇپ بارات قاتارلىق رەھبەرلەر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، مىللەتلەر نەشرىياتى، مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسى... قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئۇستازنىڭ ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى، خىزمەتداش- مەسلەكداشلىرى، سابىق ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 50 تىن ئارتۇق كىشى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۇستازنىڭ پەزىلىتى، ئىلىم سۆيەر روھى، خىزمەتتىكى ئەستايىدىل، تەلەپچانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇستازنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىشتى. يىغىن ئاخىرىدا ئۇستازنىڭ ئايالى نۇرئەلا خانىم ھەممەيلەننى ئەتىسى ئۇستاز ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىق نەزىرىسىگە خالىس قاتنىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
ئۇستازنىڭ كىتابىنى ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ، بۇ ماقالەمنىڭ باش قىسمىنى ئەۋەتىپ بېرەلمىگىنىمگە ئۆكۈندۈم، شۇنداق بولسىمۇ كىتابتىكى تونۇشتۇرۇشلار، مەرسىيەلەر ۋە ئۇستازنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىلمىي ماقالىلىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم خېلى تەسكىن تاپتى. مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇستازنىڭ بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىمۇ ئازراق توختىلىشنى لايىق تاپتىم.
«ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تارىخىغا دائىر مەسىلىلەر» ناملىق توپلامنىڭ بېشىغا سۆز بېشى ئورنىدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى- ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت ئەركىن ئارىزنىڭ ئۇستاز ھەققىدىكى يازمىسى بېرىلگەن. بۇ يازمىدىمۇ ئۇستازنىڭ ئىلمىي، كەسپىي ھاياتى تولۇق بايان قىلىنغان. تېكىست قىسمىغا ئۇستازنىڭ 17 پارچە ئىلمىي ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ماقالىلەر سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقى، چېتىشلىق مەزمۇنىنىڭ كەڭلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا ئائىت يېڭى قاراشلىرى بىلەن كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ. كىتابنىڭ ئاخىرىدا ئۇستازنىڭ ساۋاقداشلىرى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇستاز ھەققىدىكى ئەسلىمە، مەرسىيەلىرىدىن بىرنەچچىسى كىرگۈزۈلگەن.
توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلەرنىڭ ماۋزۇسىدىنلا بىز بۇ قارىشىمىزنى دەلىللىيەلەيمىز:
«ئۇيغۇر يېزىق تىلى تارىخىنى دەۋرلەرگە بۆلۈشنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا»، «‹كاشىغەر تىلى› توغرىسىدا مۇلاھىزە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن ‹تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى›نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى ‹ئالتۇن يارۇق› توغرىسىدا»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى ‹ئالتۇن يارۇق›نىڭ توققۇزىنچى تۈپلەم يىگىرمە تۆتىنچى بۆلىكى ھەققىدە»، «قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار تىلىدىكى قوشما جۈملە تىپلىرىغا تەھلىل»، «ئىدىقۇت پادىشاھلىقى دەۋرىدىكى شېئىرلاردىن نەمۇنىلەر»، «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى ‹ئوغۇزنامە› ھەققىدە»، «ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكىنىڭ ‹ئەتەبەتۇلھەقايىق› ناملىق شېئىرىي ئەسىرى ھەققىدە»، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقى»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك»، «ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەشنىڭ ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹دېمەك› پېئىلى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە»، «جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار تەتقىقاتىنىڭ يېقىنقى 20 يىللىق تەرەققىياتى».
يۇقىرىقى ماۋزۇلاردىنلا بىز ئۇستازنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى بوشلۇقلار ھەققىدە ئەستايىدىل ئىزدەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. دېمەكچىمۇ ھازىرغا قەدەر جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى دەۋرلەرگە ئايرىش ھەققىدە تالاش- تارتىش بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىنىڭ نامىمۇ تېخىچە بىرلىككە كەلگىنى يوق. ھەرقايسى تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بىر تېمىغا يىغىنچاقلاپ، بىر يىپقا ئۆتكۈزۈپ بايان قىلىپ بېرىدىغان بىرەر يىرىك ئەسەر تېخى روياپقا چىقمىدى. مېنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى» ناملىق تېمام 2010- يىلى دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات فوندىنىڭ تەستىقى بىلەن تۇرغۇزۇلۇپ، 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاماملاپ تاپشۇردۇم، لېكىن تېما ئۇيغۇرچە يېزىلغاچقا، 300 مىڭ خەتتىن ئاشىدىغان مەخسۇس ئەسەر تېخىچە باھالاشنى كۈتۈپ ياتماقتا. ئۇستاز ئۆز ماقالىسىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى 4 باسقۇچقا بۆلۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتىكەن. مەنمۇ خۇددى دېيىشىۋالغاندەكلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرى (ئورقۇن- يېنىسەي مەڭگۈتاشلىرى تىلىدىن 9- ئەسىرگىچە)، ئوتتۇرا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرى (84- يىلىدىن 13- ئەسىرنىڭ بېشىغىچە، بۇ دەۋر ئىككى قاناتتىن تەركىب تاپقان، بىر قانات مانى، بۇددا دىنلىرىنىڭ تەسىرىدىكى قوچۇ ئۇيغۇر تىلى، يەنە بىر قانات ئىسلام دىنى تەسىرىدىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىغا تەۋە خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى، بۇلارنىڭ ئارقىسىدا 13- ئەسىردىكى خارەزم ئۇيغۇر تىلى دەۋرى بىر باب بايان قىلىنغان)، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى (14- ئەسىردىن 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىغىچە، بۇ دەۋر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىمۇ دېيىلگەن، مەن تېمامدا تارىخىي دەۋردىن مۇستەسنا قىلىپ، تىل ئالاھىدىلىكى بويىچە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەپ ئالدىم)، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلدۈم. ھەرقايسى باسقۇچلاردا ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشى، شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىسقىچە ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. ئۇستازمۇ بەزى دەۋر ناملىرىدىكى پەرقنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇشۇ تۆت دەۋرگە بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇستازنىڭ خاقانىيە تىلى ھەققىدىكى قاراشلىرىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم ساھەسىدە ئىجابىي تەسىر قوزغىغان ماقالىلىرىنىڭ بىرى. ئۇستاز ئورقۇن- يېنىسەي ئۇيغۇر تىل- يېزىقىغا، قوچۇ ئۇيغۇر تىل- يېزىقىغا پىششىق بولغاچقا، بۇ ھەقتە ھەرقانداق سورۇندا ئۆز پىكرىنى قويالايدىغان نوپۇز ئىگىسى ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىغا بېغىشلانغان ئىلمىي ماقالىلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، مەملىكەت ۋە خەلقئارادىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمىدى، ئەكسىچە ياش تەتقىقاتچىلارغا يول كۆرسەتكۈچ ماياك بولۇپ، ئۇلارنى ئىلىم يولىغا يېتەكلەيدىغان نەزەرىيەۋى ئاساس بولۇپ تۇرماقتا.
ئۇستازنىڭ ئويچان كۆزلىرى پارقىراپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ كاللىسىدا ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى ئيغۇر تىلى مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر ئىزدىنىشلىرى توختىمايتتى، ئۇنىڭ قەلمىدىن چىققان ھەر بىر جۈملە كىشىنى شۇ ھەقتە كۆپلەپ ماتېرىيال كۆرۈشكە مەجبۇرلايتتى. ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەسى ھەممىمىزگە بىر ئۆمۈر يەتكۈدەك دەرسلىك بولۇپ قالدى.
ئۇستاز، سىزنىڭ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، كىشىگە قارا سانىمايدىغان مىجەزىڭىز، ۋەتەن، مىللەتكە قوشقان ئىلمىي تۆھپىڭىز مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، چۈنكى قەلبىمىزدە ئابىدىڭىز بار...


2003- يىل ئاپرېل- ئىيۇل، 2015- يىل يانىۋار، ئۈرۈمچى.


(بۇ يازمىنىڭ باش قىسمى «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»نىڭ 2003- يىلى 22- ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان، بۇ قېتىم ئۇنىڭغا بەزى مەزمۇنلار تولۇقلىنىش بىلەن كېيىنكى قىسمى قوشۇلدى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر