باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

تىل تەتقىقاتى ئۈچۈن سېلىنغان «كۆۋرۈك»

ــــ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئۇستاز پەرھاد جىلاننىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى ئەمگىكى توغرىسىدا

2015.02.10 12:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تىل تەتقىقاتى ئۈچۈن سېلىنغان «كۆۋرۈك»
ــــ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئۇستاز پەرھاد جىلاننىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى ئەمگىكى توغرىسىدا
غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار


تەرجىمە پائالىيىتى تىل ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى. تىل تەپەككۇرنىڭ ماددىي مەۋجۇتلۇق شەكلى، شۇنىڭ ئۈچۈن تىل ھالقىغان ئالماشتۇرۇش مۇقەررەر ھالدا تەپەككۇرغا چېتىلىدۇ. ئەگەر تەرجىمىنى «پەقەت مەنىدىكى ئالماشتۇرۇش» دەپ قارىساق، بەكمۇ ئاددىي بولۇپ قالىدۇ. تىل تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرلەشكەن گەۋدىسى. ۋەھالەنكى، بۇ خىل تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرلىشىشى ئاۋام تەرىپىدىن ئىختىيارىي ئاساستا قوبۇل قىلىنغان بولىدۇ. تەپەككۇر ئۇسۇلى تىلدا ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. مەدەنىيەت ئامىلى، سۆز ۋە جۈملە شەكلى خاسلىققا ئىگە بولغاچقا، مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە تەپەككۇر ئەندىزىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ئوخشاش بىر ئۇقۇمنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر تىلىدا ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تەرجىمىمۇ تەپەككۇر پائالىيىتى بولغاچقا، تەرجىمە ئىچكى تەرجىمە ۋە تاشقى تەرجىمە دەپ ئايرىلىدۇ. ئىچكى تەرجىمە دېگىنىمىز ــــ باشقا مىللەت تىلىنى بىلگەن ئادەم شۇ مىللەت تىلىدىكى تېكىستنى پەقەت كۆڭلىدىلا چۈشىنىدۇ، يەنى بۇ خىل چۈشىنىش باشقا مىللەت تىلىدىكى سۆزلەرنى قىسقارتىۋېتىش، ئۇقۇمنى غۇۋا چۈشىنىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. تاشقى تەرجىمە دېگىنىمىز ـــ باشقا مىللەت تىلىدىكى تېكىستنى غۇۋا چۈشەنگەندىن كېيىن، تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىللاردىكى ئۇقۇمغا ئايلاندۇرۇش ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. باشقا تىللارنى بىلگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەرجىمان بولالمايدىغانلىقىنىڭ سىرى دەل مۇشۇ يەردە.
«مەھمۇد قەشقەرى» )1994- يىل، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، «ئورقۇن شەجەرىسى» (2000- يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» (2005- يىل، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) قاتارلىق رومانلىرى، «‹ئالتۇن قان›دىكى توي» (1997- يىل، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، «گۇاڭجۇ شامىلى» («تارىم» ژۇرنىلى، 1998- يىللىق 2-،3- سان)، «ئاجايىپ سەپەردىكى ئاجايىپ ئىشلار» («تارىم» ژۇرنىلى، 1999- يىللىق 5- سان)، «ئاق ئېتىم» («تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى، 2003- يىللىق 2- سان) قاتارلىق پوۋېست- قىسسىلىرى؛ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرغۇ توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە» («تۈركىي تىللار تەتقىقاتى» 1- قىسىم، 1982- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر قوللانغان ئادەم ئىسىملىرى ۋە بىر قىسىم ئۇنۋانلار توغرىسىدا» («شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى، 1983- يىل)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇلما سوزۇق تاۋۇشلار» («تۈركىي تىللار تەتقىقاتى» 3- قىسىم، 1990- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا ئەمەلىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر» (ئىلمىي ماقالە)، تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1996- يىللىق 1- سان) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرغۇ» («شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1996- يىللىق 1- سان) «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىق قىلىنىش تارىخىدىن ئوبزور» («تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1996- يىللىق 4- سان)، «تۈركىي تىللار ىلەن رۇس تىلىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى» («تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1997- يىللىق 3- سان) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇ مەسىلىلىرى» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1998- يىل)، «تۈركىي تىللاردىكى ر ~ ز ئۈزۈك تاۋۇشلىرىنىڭ نۆۋەتلىشىشىگە نەزەر» «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1999- يىللىق 3- سان)، «چەت تىللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى» («تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2002- يىللىق 3- سان)، «19- ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان» («تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2005- يىللىق 2- سان)، «تىل تەتقىقاتى يولىدا» («تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2006- يىللىق 4- سان) قاتارلىق ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىللارنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىگە ئائىت 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى بىلەن ئەلنىڭ قەلبىدە يازغۇچى، تىلشۇناس ئاتىلىپ كېلىۋاتقان، كىشىگە جىمغۇردەك تۇيغۇ بېرىدىغان، ئېغىر- بېسىق مىجەزى، ئورۇنلۇق گەپ- سۆزلىرى، دىلغا ھۇزۇر بېرىدىغان چاقچاقلىرى، چىقىشقاقلىقى بىلەن كۆپنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئۇستاز پەرھاد مۇھەممەدئېلى جىلان ئەپەندىنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى ئەمگىكى دەل مانا مۇشۇنداق ئىككى خىل تىلدا توختىماي تەپەككۇر قىلىشى ئارقىسىدا روياپقا چىققاچقا، ئوقۇغان كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. بۇ خىل تەپەككۇر قىلىشنى ئۇ قەيەردىن ئۆگەنگەن؟ بۇنىڭ ئۈچۈن گەپنى ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە يېزىقچىلىققا قىزىقىشىنىڭ باشلىنىشىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
پەرھاد جىلان ئەپەندى 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى غۇلجا شەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەدئېلى جىلانوپ ئاكا ئەينى ۋاقىتتا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۈمىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك خادىم ئىدى، شۇڭا پەرھاد جىلان توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنى رۇس مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. دېمەك، ئۇ 1954- يىلىدىن 1961- يىلىغىچە غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدە رۇس باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1961- يىلىدىن 1966- يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.
ـــ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ــ دەيدۇ ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت ھەۋىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ـــ بىر قاتار شېئىرلارنى يازغانىدىم، بۇ شېئىرلىرىمنىڭ بەزىلىرى ھازىرمۇ ئۆزۈمگە يارايدۇ. 1969- يىلى «پۇل» ناملىق تۇنجى ھېكايەمنى يازدىم، ئۇ خاتىرىلەردە تۈركىيەلىك مەلۇم ئاپتورنىڭ ھېكايىسىكەن دېگەن نام بىلەن تارقىلىپ يۈردى، دوستلىرىم ئاپىرىن ئوقۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆز قەلىمىمگە بولغان ئىشەنچىم ۋە ئىجادىيەتكە بولغان ھەۋىسىم تېخىمۇ كۈچەيدى.
دېمەك، ئۇنىڭدىكى ئەسلىدىن بار بولغان يېزىقچىلىق خۇرۇچىغا قىزىقىش- ئىشتىياق ۋە تىرىشچانلىقى قوشۇلۇپ، كېيىنكى يېزىقچىلىق، تەتقىقات ۋە تەرجىمە ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈشىگىلا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا دادىسىغا كىيگۈزۈلگەن ھەر خىل قالپاقلار قوشۇلۇپ، تېخىمۇ ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. ئۇ ئامالسىز جان بېقىش ئۈچۈن تاشچىلىق، ھەرىكەشلىككە ئوخشاش ياللانما ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ھەمدە كەچلەردە ھېرىپ- چارچىغىنىغا قارىماي، قارا چىراغ يورۇقىدا جۇڭگونىڭ ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نادىر ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ بىر مەزگىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا قەلىمىي مەدىكار بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1979- يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا رۇسچە تەرجىمان بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ (بۇ تەپسىلاتلار توغرىلىق ئۇ ئۆز ئەسلىمىسىدە تەپسىلىي توختالغاچقا، بىز تەكرارلاپ ئولتۇرمىدۇق). ئۇنىڭ تەرجىمانلىق ھاياتى ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن رەسمىي باشلىنىدۇ ھەمدە «سوۋېت تۈركولوگىيىسى» ناملىق مەجمۇئەدىن تۈركولوگىيە، ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە تىلشۇناسلىققا ئائىت كۆپلىگەن ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىدۇ.
كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بىرنەچچە پارچە ئەسىرىنىلا كۆرگەچكە، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە سىڭدۈرگەن ئەمگەكلىرىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تەرجىمە ساھەسىگە سىڭدۈرگەن ئەمگىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تىل تەتقىقاتىغا سىڭدۈرگەن ئەمگىكىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. پەرھاد جىلان ئەپەندىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى نېمە ئۈچۈن مەتبۇئات يۈزىدە كۆپ كۆرۈلمىدى؟ شۇ مەزگىللەردە تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇ تەرجىمە قىلغان مەخسۇس ئەسەر ۋە ئىلمىي ماقالىلەر شاپىگىرافتا بېسىلىپ ئىنستىتۇت دائىرىسىدىلا تارقىتىلغان. بۇ ئەسەرلەرنى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشقا ئۇمۇ، باشقىلارمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەن. ئۇ «بۇ پەقەت مېنىڭ خىزمىتىم، مۇشۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن بۇ ئىدارىغا كەلگەندىن كېيىن، نام- ئاتاق، مەنپەئەت قوغلىشىپ نېمە قىلىمەن» دەپلا قارىغان. بۇنى ھازىرقى بىر- ئىككى پارچە مەشق تەرجىمىسىنى مەتبۇئاتلارغا يوللاشقا ئالدىراپ، ئۇنىڭ بېسىلىپ چىقىشىنى سۈيلەپ، ئۆزى «ئەمدى داڭلىق تەرجىمان بولىدىغان بولدۇم» دەپ شېرىن خىياللاردا مەست بولۇپ يۈرىدىغان ھەۋەسكارلارغا سېلىشتۇرساق، نېمىدېگەن ئالىيجانابلىق، نېمىدېگەن كەڭ قۇرساقلىق؟!
ئۇنىڭ رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغان يىرىك مەخسۇس ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
1. ن. ئا. باسكاكوۋ: «تۈركىي تىللار» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، 1986- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى.
2. ئا. ديۇما: «گراف مونتې كرىستو» (رومان)، 1986- يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
3. يۇ. خۇدياكوۋ: «مەركىزىي ئاسىيا كۆچمەنلىرىنىڭ قورال- ياراغلىرى ۋە ئۇرۇش سەنئىتى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، 2003- يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
4. [فېنلاندىيىلىك] م. رەسىنېن: «تۈركىي تىللارنىڭ تارىخىي فونېتىكىسى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1979- يىل.
5. م. سېۋورتيان: «تۈرك ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېتىكىسى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1980- يىل.
6. ت. تالىپوۋ: «ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1980- يىل.
7. «تاتار تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ سپېكتىرلىق مەلۇماتلىرى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1981- يىل.
8. «قىرغىز تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاكۇستىكىلىق تەجرىبە تەتقىقاتى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1981- يىل.
9. ج. كلاۋسۇن: «ئۇيغۇر دېگەن نام توغرىسىدا» (ئىلمىي ماقالە)، شاپىگىراف نۇسخا، 1982- يىل.
10. «تۈركىي تىللاردىكى ماقال- تەمسىللەر بىلەن تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ پەرقى ھەققىدە» (ئىلمىي ماقالە)، شاپىگىراف نۇسخا، 1982- يىل.
11. «ئورقۇن مەڭگۈتاشلىرىدىكى ‹يەر-سۇب›» (ئىلمىي ماقالە)، شاپىگىراف نۇسخا، 1983- يىل.
12. س. كىلياشتورنىي: «تەس مەڭگۈتېشى» (قەدىمكى يادىكارلىق ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى)، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1985- يىللىق 1- سان.
13. س. كىلياشتورنىي: «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» (قەدىمكى يادىكارلىق ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1985- يىللىق 1- سان.
14. «ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئويغىنىش دەۋرى» (ئىلمىي ماقالە)، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى، 1989- يىللىق 3- سان.
15. «مانى تۆۋە دۇئاسى» (قەدىمكى يادىكارلىق ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1994- يىللىق 1- سان.
16. م. كىبىروۋ: «تۈركىي تىللاردىكى پېئىللارنىڭ تۈس كاتېگورىيىسى» (ئىلمىي ماقالە)، «تىل ۋە تەرجىمە» 2007- يىللىق 1- سان.
17. ئەرەنجەن خاراداۋان: «سەركەردە چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2012- يىلى نەشرى.
يۇقىرىقى 8 پارچە مەخسۇس ئەسەردىن تۆت كىتابىلا نەشرىياتلاردا نەشر قىلىنغان، قالغانلىرى شاپىگىراف نۇسخا پېتى ئىز- دېرەكسىز يوقالغان. ئىلمىي ماقالىلەردىن شاپىگىرافتا بېسىپ تارقىتىلغىنى نۇرغۇن، ئۇنى ئۆزىمۇ ساناپ بېرەلمەيدۇ. يۇقىرىقىلىرى پەقەت ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغىنى.
يۇقىرىقى تۆت پارچە مەخسۇس ئەسەردىن دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر ئالېكساندىر ديۇمانىڭ «گىراف مونتى كىرىستو» ناملىق رومانى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب پەقەتلا ئۇنىڭ دۇنياۋى نادىر ئەسەر بولغانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ جۈملىلىرىنىڭ راۋان، ئازادىلىكى، تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك ۋە ئويناقلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئۇنى شۇ دەۋردىكى ئوقۇرمەنلەرلا ئەمەس، ھازىرقى دەۋردىكى ئوقۇرمەنلەرمۇ «تىلى ئاجايىپ چىرايلىق چىققان تەرجىمە ئەسەر جۇمۇ» دېيىشىپ تىللىرىنى چاكىلدىتىدۇ.
باسكاكوفنىڭ «تۈركىي تىللار» ناملىق ئەسىرى نەشر قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئىشتىن سىرت ھەۋەس قىلىدىغان خادىملارنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى. ئىلمىي ئەسەر تەرجىمە قىلىش ئەدەبىي ئەسەر تەرجىمە قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ كۈچ ۋە چىدام تەلەپ قىلىدىغان ئىش. ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلىشلا ئەمەس، بەلكى شۇ تىلغا ھەرقانچە پۇختا ئادەم بولسىمۇ ئوقۇپ چۈشىنىپ، تېگىگە يەتمەك خېلىلا مۈشكۈل. مانا مۇشۇنداق مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئادەتتىكى ياش تەتقىقاتچىلار ئەمەس، ئىبراھىم مۇتئىي، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئامىنە غاپپار كەبى ئاتاقلىق تىلشۇناسلىرىمىز قايىل بولغۇدەك ئورۇندىماق تېخىمۇ مۈشكۈل.
پەرھاد جىلان ئەپەندى رۇس تىلىدىن تەرجىمە قىلغان ئەمگىكىدىن باشقا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989- يىلى نەشر قىلغان ئىككى توملۇق «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە لۇغەت»نى تۈزۈشكىمۇ قاتنىشىپ، يالغۇز تەرجىمانلا ئەمەس، بەلكى بىر تەرجىمىشۇناس ۋە تىلشۇناس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ 1990- يىللاردىن كېيىن بەزى كوللېكتىپ ۋە شىركەتلەر قارمىقىدا خەنزۇچە- رۇسچە تەرجىمان سۈپىتىدە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەرگە بىرقانچە قېتىم چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزچە ۋە يازمىچە تەرجىمانلىقىنى كۆڭۈلدىكىدەك تۈگەتكەچكە، ئۇلار بىرقانچە قېتىم رەھمەت خەتلىرىنى يازغان ۋە ئىدارىغا كېلىپ، يۈزتۇرانە رەھمەت ئېيتقان. دېمەك، ئۇ رۇسچە- ئۇيغۇرچە يېزىقچە تەرجىمانلا ئەمەس، بەلكى رۇسچە- خەنزۇچە، خەنزۇچە- رۇسچە ئېغىز تەرجىمە ۋەزىپىسىنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. ئۇندىن باشقا ئۇ تۈركچە ماتېرىياللارنىمۇ بىۋاسىتە كۆرۈپ چۈشىنەلەيدۇ ھەم تەرجىمە قىلالايدۇ.
خەلقىمىز قەدىمدىن بۇيان مەدەنىيەتلەر دوقمۇشىغا جايلاشقانلىقىدەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى تۈپەيلىدىن كۆپ تىللىق مىللەت ئىدى. قەدىمكى ئۇستازلىرىمىزدىن كوماراجىۋا (4-5- ئەسىرلەر)، سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ (10- ئەسىر)، ئاپرىنچۇر تېكىن، مەھمۇد كاشغەرىي قاتارلىقلار ئانا تىلىدىن باشقا قەدىمكى خەنزۇ تىلى، تۇخار تىلى، ئەنەتكەك (سانسكرىت – قەدىمكى ھىندى) تىل ۋە ئەرەب- پارس تىللىرىنى پۇختا بىلگەن. يۈەن سۇلالىسى قۇبلاي خان دەۋرىدە (1260- 1294) ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن ئەنزاڭ، داجەنتۇ قاتارلىق مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرى ۋە خەنلىن بىلىم يۇرتىنىڭ 47 نەپەر ئۇيغۇر ئەزاسى (بۇلاردىن 26 سى شۇ چاغدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋان «تەشرىپدار» ئۇنۋانىنى ئالغان) ئانا تىلىدىن باشقا، موڭغۇلچە، خەنزۇچە، تىبەتچە تىللارنى پىششىق بىلگەن. ئۇلار تىبەت تىلىدىكى بۇددا تېكىستلىرىنى خەنزۇچىغا ۋە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇلچە، تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. كلاسسىك كۇڭزى ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇلچە، تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. شۇ دەۋردىكى كاتتا ئۇيغۇر ئالىمى، دىپلومات قارۇناداس سانسكرىت، تىبەت، موڭغۇل، خەنزۇ تىللىرىنى بىلگەندىن باشقا، يەنە ھىندىچىنى ۋە سۇماتىرا ئارىلىدىكى بىرمۇنچە خەلقنىڭ تىللىرىنى بىلىدىكەن.
فارابى (9-10- ئەسىرلەر)، يۈسۈپ خاس ھاجىپ (10- ئەسىر)، مەھمۇد كاشىغەرى (10- ئەسىر) ئەھمەد يۈكنەكى (12-13- ئەسىرلەر)، ئەلىشىر نەۋائىي (1441-1501)، مىرزا ھەيدەر كۆرەگان (1499- 1551)، خىرقىتى (1634- 1724)، زەلىلىي (؟- 1672)، نەۋبەتى (؟-1697)، مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى (18- ئەسىر)، ئابدۇرەھىم نىزارىي (1770- 1848)، ھۈسەيىنخان قۇتبىددىنشاھ تەجەللىي (1850- 1930) قاتارلىق ئالىم- مۇتەپەككۇرلىرىمىز كۆپ تىللىق ئۇستازلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئانا تىلى ۋە باشقا تىللاردا ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى راۋان يازالايتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئانا تىلدىن باشقا، پارس، ئەرەب، ئوردۇ، ھىندى، يۇنان تىللىرىدىن كەم دېگەندە ئىككى خىل تىلنى پىششىق بىلگەن. بۇلاردىن تەجەللىي ئەرەب، پارس، ئوردۇ، ھىندى تىللىرىدىن ئىبارەت تۆت خىل تىلنى پىششىق بىلگەن ۋە شۇ تىللاردا ئەسەرلەر يازغان. مەھمۇد كاشىغەرى ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا، ئەرەب، پارس تىللىرى قاتارلىق يەتتە- سەككىز تىلنى پۇختا ئىگىلىگەن؛ بەزى مەنبەلەردە فارابىي 70 تىن ئارتۇق تىلنى بىلگەن دېيىلىدۇ. ئۆز ئانا تىلى ۋە باشقا مىللەت تىلىدا يازغان پاساھەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان بۇ دانالىرىمىز ئالدى بىلەن ئانا تىلنىڭ يېتۈك ئۇستازلىرىدىن ئىدى.
پەرھاد جىلان ئەپەندى كوماراجىۋا، سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ، ئاپرىنچۇر تېكىن، فارابىي، مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىي... كەبىي تىل ئۇستىلىرى ۋە تەرجىمىشۇناسلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى خۇش قىلغۇدەك مۆجىزە ياراتتى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمگەكلىرى ھەم ئۆگىنىش، ھەم ئىشلەش جەريانى بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەمدە تىل تەتقىقاتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىشىغا ۋە تارىخىي رومانچىلىقتا بايراقدار بولغۇدەك ئىجادىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىگە پۇختا ئاساس سالغان. ئەپسۇس ئۇ كېيىن رۇسچە تەرجىمانلىقتىن تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېرىيال بۆلۈمى ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات بۆلۈمىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىنستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن، تىل تەتقىقاتى، ئىشتىن سىرتقى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە مەمۇرىي خىزمەت سەۋەبىدىن، تەرجىمە ساھەسى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنالمىدى. بولمىسا ھازىرقىدەك مەتبۇئات ئەركىنلىكى زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن شارائىتتا ئوقۇرمەنلەر ئۇنى مەخسۇس رۇس تىلىدىن ئەدەبىي ھەم ئىلمىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىدىغان ئىستېداتلىق تەرجىمان سۈپىتىدە تونۇغان بولاتتى.
دېمەك، پەرھاد جىلان ئەپەندىنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى ئەمگىكى بىزگە شۇنداق بىر چوڭقۇر ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇكى، كىم ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، باشقىلارنىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىمەن دەيدىكەن، ئىجتىھاد بىلەن ئۆگىنىشى، ھازىرقىدەك «قوش تىللىق»، «كۆپ تىللىق» بولۇش تەكىتلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ چۈشىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر بايلىقىدىن كەڭ بەھرىمەن بولۇشى، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنى تونۇش ۋە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشىشى زۆرۈر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر