باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

شېئىر ۋە تىل

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.01.12 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ ماقالە ئىلگىرى «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان.

  ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىچىدىكى ئوغۇز سۈتىدەك باشلاپقى رولغا، ئۆزىگە خاس مەنىۋى قۇدرەتكە ئىگە ئالاھىدە بىر ژانىر. ئۇ تالاي ئەسىرلەر جەريانىدا ئانا ئەللىيىنىڭ قۇدرەتلىك سېھرىي كۈچى ئارقىلىق ئۇيغۇر تەبىئىتىنىڭ قان- قېنىغا سىڭىپ كەتكەن. مەڭگۈتاش پۈتۈكلىرى، «ئوغۇزنامە» داستانى ۋە ئاتىلار سۆزى بولمىش ماقال- تەمسىللىرىمىزدىكى ئىخچام جۈملىلەرنى كىممۇ مۇكەممەل شېئىرىي مىسرا ئەمەس دېيەلىسۇن؟! ئالپ ئەرتوڭا ھەققىدىكى قوشاقلاردىن باشلىنىپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھازا قوشاقلىرىنى كىممۇ شېئىر ئەمەس دېيەلىسۇن؟! نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى شېئىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى، ئۇيغۇرنىڭ جېنى ۋە ئۇيغۇرنىڭ قېنى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەلكەن. بۇ خىل باغلىنىش 9- 10- ئەسىردە «قەدىمكى تۇرپان تېكستلىرى» دىكى شېئىرىي ئەندىزىلەر، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانى ۋە ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدىكى پەلسەپىۋى مىسرالار، شۇنداقلا مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئەسىرىدىكى ئەدەبىي پارچىلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق قۇدرىتىنى ئاشكارا قىلغان بولسا، نەۋائىي ۋەكىللىكىدىكى شېئىرىي گۈللىنىش دەۋرىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى نامايەن قىلدى. بۇ خىل سىلكىنىش تاكى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىپ، ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە پەسىيىشكە يۈزلەندى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنى شۇ ئەسىرگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان شېئىرىيەت دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ دەۋر گەرچە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئىنتايىن قىسقا سانالسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن كۆلەملىك يېڭىلىنىشى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. 90- يىللاردىن كېيىن شېئىرىيەت ئۆز ئورنىنى پروزىغا، بولۇپمۇ رومان ئىجادىيىتىگە بوشىتىپ بەردى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سەركىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقان شېئىرىيەت نېمە ئۈچۈن ئۆز ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويدى؟ بۇنى بىر جەھەتتىن، دۇنياۋى كرىزىس ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ خىرىسىدىن دەپ ئېيتساق، يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇيغۇر شېئىرىيەت نەزەرىيىسى ۋە شېئىرىيەت ئوبزورچىلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى شېئىرىيەت ئەمەلىيىتىگە ماسلىشالماسلىقىدىن دەپ قاراشقا بولىدۇ.

  گەرچە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى ئەدەبىيات سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقتى دېيەلمىسەكمۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نەچچە 10 ئەسىرلىك شاھلىق تەختىنى تارتقۇزۇپ قويۇشى، كۆپلىگەن شائىر، ھەۋەسمەنلەرنىڭ بۇ يولغا داغدۇغا بىلەن كىرىپ، ئاستاغىنە غايىب بولۇشى ۋە ئۆز ئەتراپىغا باشقا ژانېرلاردەك كۆلەملىك ئوقۇرمەن جەلپ قىلالماسلىقىنىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈچۈن زور پاجىئە.

  بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئوبزورچىلىقى ئەنئەنىۋى تەھلىلدىن قۇتۇلالمىغاچقا، شۇ دەۋر شېئىرىيىتىگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىشكە ئاجىزلىق قىلدى. كۆپىنچە ئوبزورلاردا يەنىلا مەزمۇن تەھلىلى ئاساسىي ئورۇندا تۇردى. بەدىئىيلىككە بېغىشلانغان، شېئىرىي تىل، شېئىرىي ماھارەت تەرىپلەنگەن ئوبزورلاردىمۇ بىرەر ئاپتورنىڭ نۇقتىلىق ئارتۇقچىلىقى سىستېمىلىق يورۇتۇپ بېرىلمىدى. مېنىڭچە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى قايسى ھالەتتە دېگەن سوئالغا جاۋاپ تېپىشتىن ئىلگىرى ئوبزرچىلىقىمىز قايسى ھالەتتە دېگەننى ئېنىقلىۋېلىش ئىنتايىن زۆرۈر. ئۇيغۇر شېئىرىيەت ئوبزورچىلىقىدا ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ جەھەتلەردە بەزى ئاجىزلىقلار ساقلانماقتا. ئوبيېكتىپ جەھەتتە، ئوبزورچىلىق ھەقىقەتەن قىيىن كەسىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھازىرقى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا خېرىدارسىز كەسىپ بولۇپ قالدى. چۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوبزورنى ئىلمىي چۈشىنىدىغان ئادەم ئىنتايىن ئاز قالغانمۇ قانداق، مۇئەييەنلەشتۈرۈش تىپىدىكى ئوبزورلار مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئاپتوردىن باشقا كىشىگە، بولۇپمۇ كەسىپداش يازغۇچى- شائىرلارغا تازا يېقىپ كەتمەيدۇ، ئىنكار قىلىش تىپىدىكى ئوبزورلار ئىنكار قىلىنغان ئاپتورغا ۋە ئۇ ۋەكىللىكىدىكى بەزى كىشىلەرگە تازا يېقىپ كەتمەيدۇ-دة، دەرھال قارشى تەرەپنىڭ يېغىرىنى تاتىلاشقا ئۆتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوبزورچى ھېچكىمگە ياخشى بولالماي ئەدەبىيات ساھەسىدە يېتىم قالىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئوبزورچى ئۆز ماقالىسى ياكى كىتابىدىن باشقا ژانېرلارغا ئوخشاش مۇۋاپىق ھەققە ئېرىشەلمەيدۇ، ھەتتا نەشر قىلىدىغان ئورۇن تاپالماي تەمتىرەپ قالىدۇ. بىر ئوبزورغا سىڭىدىغان ئەمگەك ۋە زېھنىي كۈچ بىر ھېكايە، بىر رومانغا سىڭىدىغان ئەمگەك ۋە زېھنىي كۈچتىن تۆۋەن بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئوبزورچى ئۇ ئەسەرنى قايتا- قايتا ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىپ، ئاپتور ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئالاھىدىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن بىر يەكۈن چىقىرىدۇ. ئەمما بىر ئوبزور ئېرىشكەن ھەق شۇ ئەسەر ئېرىشكەن ھەقنىڭ نەچچىدىن بىر ھەسسىسىگىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ (بەزىلىرى ھەتتا ھەقسىز قالىدۇ). قازاقىستان شائىرى ۋە تىلشۇناسى ئولجاس سۇلايمانوف: «250 بەتلىك بىر ئەدەبىي ئەسەرنى يېزىشقا 25 كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلغانىدىم، ئەمما 25 بەتلىك بىر ئىلمىي ماقالىنى ئىككى يېرىم يىلدا يېزىپ چىقتىم» دەيدۇ. ئوبزور ھەم ئەدەبىي ئەسەر بولسا، ھەم ئىلمىي ئەسەر. ئۇ ھەرگىزمۇ دېلو ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن چىقىرىپ قويىدىغان سوتچىنىڭ ھۆكۈمى ئەمەس. ئۇ ئوبزورچىدىن مول ئەدەبىيات بىلىمى بولۇشنى تەلەپ قىلغاندىن تاشقىرى، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق، سەمىمىي پوزىتسىيە ۋە ئىلمىي باھا تەلەپ قىلىدۇ. يۇقىرىقى تەرەپلەرگە ئېتىبار بېرىلمىگەن ئوبزور ئوبزورلۇق خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىدۇ. ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىمنىڭ «يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت» ناملىق كىتابىنىڭ نەشرىياتتا نەچچە يىللاپ نۆۋەت ساقلاپ، كىتابقا كىرگۈزۈلگەن كۆپلىگەن يازغۇچى- شائىرلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئوبزورنى كۆرەلمەي بىز بىلەن ۋىدالاشقانلىقى ئوبزور بازىرىمىزنىڭ قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مانا بۇ نۇرغۇن ئوبزورچىلىرىمىزنىڭ بۇ يولدىن ئاستا چېكىنىپ چىقىپ، باشقا ژانېر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ئوبزورچىلىقىمىزنىڭ سۇبيېكتىپ ئاجىزلىقى ئوبزورچىلىرىمىزنىڭ ساپاسىدا كۆرۈلىدۇ. بەزى ئوبزورچىلىرىمىز تا ھازىرغىچە «قاراڭ، بۇ پاساھەتلىك مىسرالارنى...» دېگەندەك ئابستراكىت جۈملىلەر بىلەن بەدىئىيلىككە، «نېمە دېگەن چوڭقۇر مەنە...» دېگەندەك مەدھىيىۋى جۈملىلەر بىلەن مەزمۇنغا باھا بەرسە، بەزى ئوبزورچىلىرىمىز «ئەمدى بۇ كىشىدىن ياخشى ئەسەر چىقمايدۇ»، «ئەزەلدىن بۇ يازغۇچى (شائىر)دىن ياخشى ئەسەر چىقىپ باقمىغان» دېگەندەك كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان جۈملىلەر ئارقىلىق ئوبزورچىلىقنى كىشىنىڭ يېغىرىنى ئاچىدىغان ئەيىبنامىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇ ۋەجىدىن يازغۇچى- شائىرلىرىمىز ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىز ئوبزورچىلىقتىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى. دېمەك يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شېئىرىيەت بېغىمىز پەرۋىشسىز قېلىپ، ھەر خىل ياۋا ئوت- چۆپلەر بېسىپ، ئېرىقلىرى لاي- لاتقىلار بىلەن تىنىپ كەتتى. بۇ باغقا ئەجر قىلماي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن تىلنى يارغۇدەك مېۋىلەرنى كۈتۈشكە كىمنىڭ ھەققى بار؟ ئوبزورچىلىقىمىزنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ئەدەبىيات سېپىمىزگە قايتىپ كېلىشى قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە بىر تۈركۈم ئوبزورچىلارنى كۈتۈۋاتىدۇ. بۇ ئوبزورچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ۋە كۆلەم ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرى ۋە نەشرىياتلارمۇ بەلگىلىك قۇربان بېرىشكە ھازىرلىنىشى كېرەك.

  شېئىرىيەت تىل سەنئىتى. تىل شېئىرنىڭ جېنى، شېئىر تىلنىڭ بالاغىتى، تىل قۇرامىغا يەتسە شېئىرغا ئايلىنىدۇ. بۇ ھەقتە فرانسىيە يازغۇچىسى فلوبىر مۇنداق دېگەنىكەن: «بىز ئىپادىلىمەكچى بولغان نەرسىلەرنى پەقەت بىردىنبىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلەشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن پەقەت بىردىنبىر پېئىللا كېرەك. ئۇنىڭ خاراكتېرىنى سۈرەتلەش ئۈچۈن پەقەت بىردىنبىر سۈپەتلا كېرەك. بىز ئەنە شۇ بىردىنبىر سۆز، بىردىنبىر پېئىل، بىردىنبىر سۈپەتنى تاكى ئۇلار تېپىلغۇچە ئىزدىشىمىز كېرەك، ئىزدىگەندىمۇ يېقىنراق كېلىدىغان سۆزنى بايقاش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قىيىن ئىشكەن دەپ بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز كېرەك». گەرچە تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىبىنى «شېئىرىي تىل» ۋە «شېئىرىي تىل ئەمەس» دەپ ئايرىشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن سۆزلەرنىڭ مىسرا تەركىبىدە تاللىنىشى ۋە تاۋلىنىشىنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ. ئولجاس سۇلايمانوف يەنە: «مەنچە بولسا شېئىرىيەت دەرسىنى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تىل ئىلمى كەسپىدىكى ستۇدېنتلار ئۈچۈن مەجبۇرىي پەنگە ئايلاندۇرغان بولاتتىم» دەيدۇ. ئۇستاز شائىر تېيىپجان ئېلىيوفمۇ ھايات ۋاقتىدا: «تىلشۇناسلاردىن شائىرلارغا گرامماتىكا جەھەتتە بىرئاز ئەركىنلىك بەرسەڭلار دەپ ئۆتۈنۈپ باقساممىكىن دەيمەن» دەپ چاقچاق قىلغانىكەن. بەرھەق، تىلشۇناسلىرىمىز شېئىرنىڭ سېھرىي قۇدرىتىنى چۈشەنسە، شائىرلىرىمىز تىلشۇناسلىق قائىدىلىرىدىن خەۋەردار بولسا، «شېئىرلار تىلىمىزنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدىسىدىن چەتنەپ كەتتى» دەپ ۋايساشلار، «پۇتۇمنى ئېسىپ قويدۇم بېشىمغا» دەيدىغان مەنتىقىسىزلىكلەر خېلى ئازايغان، بەزى شېئىرلىرىمىزدىكى ئاددىي خەۋەرلەرچىلىك جەلپ قىلىش كۈچى يوق مىسرالار بازارسىز قالغان بولاتتى. ئەدەبىيات تىلشۇناسلىقى بىزدە تېخى مەخسۇس پەن سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنغىنى يوق، بۇمۇ تىلشۇناسلار، بولۇپمۇ، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى، شائىر- ئوبزورچىلار دىققىتىنى بۇرايدىغان بىر پەن. مۇشۇنداق شارائىتتا شېئىرىيىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى ھەققىدە باش قاتۇرۇش بارلىق يازغۇچى- شائىر ۋە ئوبزورچىلىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتى.

  شېئىر – ھاياتلىققا بولغان ئىنتىلىش، تىل- يېزىققا بولغان مۇھەببەت. مىللىي تىل بولمايدىكەن مىللىي تەپەككۇرمۇ بولمايدۇ، مىللىي شېئىرىيەتنىڭ بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. تىل ئۆگىنىش جەريانىدا مەدەنىيەت ئامىللىرىنى چۈشىنىش ۋە تىلنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان رولىنى چۈشىنىش كېرەك. تىل مەدەنىيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، تىل بولمىسا مەدەنىيەتمۇ بولمايدۇ. كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇ بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ پۈتكۈل قىياپىتىنى ئىپادە قىلغۇچى، بىر مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگۈچى. ئۇ بىر مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى شۇ مىللەتنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى، قىممەت قارىشى، تەپەككۇر شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ. دۇنيا تەرەققىي قىلىپ، يەر شارى «كەنت» كە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان، مەدەنىيەتلەر ئاسسىمىلىياتسىيىسى كۈنسېرى يامراپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تىل- يېزىقىمىزمۇ مۇقەررەر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. مۇشۇ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت زور ۋەزىپىمۇ مۇقەررەر ھالدا ئەدەبىياتىمىزنىڭ، بولۇپمۇ شېئىرىيىتىمىزنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنمەكتە. چۈنكى ئەدەبىيات، بولۇپمۇ شېئىرىيەت تىل- يېزىقىمىزنى ئاخىرغىچە ساقلاپ تۇرىدىغان قورغان، بۇ قورغان يىمىرىلسە، مىللىي خاسلىقىمىزمۇ يىمىرىلىدۇ، بۇ قورغان ھالاك بولسا بىزمۇ مەۋجۇدلۇقىمىزنى يوقىتىمىز.

  شېئىرىيەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىچىدىكى تىلنى ئەڭ ئىخچام، ئەڭ يارقىن ئىپادىلەيدىغان ژانېر. شۇڭلاشقا، تىلىغا ئوبدان ئىشلەنگەن باشقا ژانېردىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇغان كىشىمۇ «شېئىردەك چىقىپتۇ» دەپ ماختايدۇ. شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات گۈلزارىمىزدا يەنىلا خۇش پۇراق چېچىپ جۇلالىنىشى شېئىرىيىتىمىزگە جان كۆيدۈرىدىغان شائىرلارغا، ئۇلارنى پەرۋىش قىلغۇچى شېئىر ئوبزورچىلىرىمىزغا مۇھتاج. قېنى ھەممىمىز مۇشۇ ھەقتە بىرلىكتە باش قاتۇرايلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر