باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

ئۇيغۇر تىلى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشى ھەققىدە*

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.01.08 11:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان تەرەققىيات تارىخىنى دەۋرگە بۆلۈش ئاساسىي نىشان قىلىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ پۈتكۈل تۈركىي تىللارنى دەۋرگە بۆلۈش قارىشى بايان قىلىنىش بىلەن بىللە، ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىنى قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى، ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەپ تۆت باسقۇچقا ئايرىش قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر تىلى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچ

ئۇيغۇرلار مەيلى موڭغۇل يايلاقلىرىدا بولسۇن، مەيلى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي ئېتىكىدە بولسۇن ۋە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولسۇن، تارىختا ئۆز تىلىنى يېزىق دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن تۈرلۈك يېزىقلاردا ئىپادىلەپ كەلگەن. ھاكىمىيەت، دىن، مەدەنىيەت ئۆزگىرىشلىرىنى كۆپلەپ باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ تارىخ ئېقىنىنى بويلاپ ئۆز تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن.
ئۇيغۇر تىلى تارىخىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشى ئۇيغۇر تىلى تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنىڭ يەكۈنلىرىگە بىۋاسىتە تەسر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇر تىلى تارىخىنى دەۋرلەرگە بۆلۈش مەسىلىسى ئۇزاقتىن بېرى ئالىملارنىڭ كۈچلۈك دىققەت- ئېتىبارىنى تارتىپ كەلمەكتە. ئېلىمىزدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئالىملار ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى دەۋرلەرگە ئايرىشتا، ھەرقايسىسى ئۆز چۈشەنچىسى ۋە قاراشلىرى بويىچە ھەر خىل يول تۇتقان. زادى قانداق دەۋرگە ئايرىش ھازىرغىچە بىر تۇرغۇچقا كېلەلمىگەن مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. بەزىلەر ئۆز ۋاقتىدىكى، يەنى ئەينى ۋاقىتتا تېپىلمىلارنىڭ دەسلەپ تېپىلغان ۋاقتىدىكى قىياسى بويىچە ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزىلىرى ئۇنى قىسمەن ئىسلاھ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. يەنە بەزىلەر بولسا ئۇنى مەلۇم مىللەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى بويىچە ئاتاشنى لايىق تاپماقتا. ئەمما شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللار ھەرگىزمۇ بىر- بىرىدىن مۇستەسنا، ئايرىم ھالدا تەرەققىي قىلغان ئەمەس، ھەممىسى بىر- بىرىنىڭ ئىچىدە، بىر- بىرىنى شەرت قىلىپ ھەم تولۇقلاپ خېلى ئۇزاق بىر تارىخىي دەۋردىن كېيىن، ئەينى دەۋردىكى قەبىلە، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئاساسىدا ئايرىم مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتتا تۈركىي قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىچىدىكى باشلامچى، يېتەكچى قەبىلىلەرنى ئاساس قىلىپ مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەچكە، ئۇيغۇر تىلىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىي قەبىلىلەر تىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم غول شاخلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانا تۈپىنى ھۇن دەۋردىكى قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەر تىلى ياكى ئورتاق ئالتاي تىلى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.
بەزى ئالىملار ئومۇمىي تۈركىي تىللارنى بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە دەۋرگە بۆلۈپلا چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرقى زاماندىكى كونكرېت تىللارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىنى دەۋرلەرگە بۆلۈپ كونكرېت ئىپادىلىمىگەن. جۇڭگو ۋە چەت ئالىملىرى ئۇيغۇر تىلىنى دەۋرگە بۆلگەندە، ئاساسلىقى قەدىمكى تۈركىي تىللارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغان. بۇ ئالىملار قەدىمكى تۈركىي تىللارنى مۇنداق دەۋرلەرگە بۆلىدۇ.
_________
* مەزكۇر ماقالە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات فوندىنىڭ 2010- يىللىق تەتقىقات تېمىسى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى»نىڭ باسقۇچلۇق تەتقىقات نەتىجىسى. تەستىق نومۇرى: 10BYY076
سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگى باسكاكوف قەدىمكى زامان تۈرك تىلى ۋە ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى مۇنداق ئالتە باسقۇچقا يىغىنچاقلايدۇ: (1) ئالتاي دەۋرى (بۇ دەۋرنىڭ ئېنىق يىلىنى بېكىتىش مۇمكىن ئەمەس)؛ (2) مىلادىيە 5- ئەسىردىن بۇرۇنقى ھۇن دەۋرى (بۇ دەۋر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن مىلادىيە 5- ئەسىرگىچە بولغان ھۇنلار دەۋرى)؛ (3) 6 ~ 9- ئەسىرلەردىكى قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى؛ (4) 9 ~ 15- ئەسىرلەردىكى ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى؛ (5) 16~ 19- ئەسىرلەردىكى يېقىنقى زامان تۈرك تىلى دەۋرى؛ (6) 20- ئەسىردىكى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللار .
ۋېنگىرىيەلىك تۈركولوگ رونا تاسنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: (1) ئالتاي/ ئىلگىرىكى تۈرك تىلى دەۋرى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3000 ~ 4000- يىللار)؛ (2) قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3000 ~ 500- يىللاردىن مىلادىيە 400- يىلغىچە)؛ (3) يېقىن قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى (مىلادىيە 400 ~ 550- يىللاردىن مىلادىيە 1000 ~ 1200- يىللار)؛ (4) ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى (تەخمىنەن مىلادىيە 1200- يىلىدىن باشلىنىدۇ، تۆۋەنگە قاراپ ماڭغاندا ھەر قايسى دەۋرلەر كونكرېت تىللارغا ئاساسلىنىپ ئايرىلىدۇ)؛ (5) يېڭى تۈركىي تىللار دەۋرى؛ (6) ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى دەۋرى. .
تۈركىيەلىك ئالىم ئەخمەت جەفەر ئوغلۇ تۈركىي تىللارنىڭ تارىخىنى يەتتە دەۋرگە بۆلىدۇ: (1) ئالتاي دەۋرى (تۈرك- موڭغۇل ئورتاق گەۋدىسى)؛ (2) ئەڭ قەدىمكى تۈرك تىلى دەۋرى (ئىپتىدائىي تۈرك تىلى گەۋدىسى)؛ (3) ئىپتىدائىي تۈرك تىلى دەۋرى؛ (4) قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى؛ (5) ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى؛ (6) يېقىنقى زامان تۈرك تىلى دەۋرى؛ (7) ھازىرقى زامان تۈرك تىلى دەۋرى. .
ۋېنگىرىيەلىك تۈركولوگ لىگېتى مىلادىيە 6- ئەسىردىن كېيىنكى تۈرك تىلىنىڭ تارىخىنى ئۈچ ئاساسىي دەۋرگە بۆلىدۇ: 1) قەدىمكى زامان تۈرك تىلى (مىلادىيە 6 ~ 9- ئەسىرلەر)؛ 2) ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى (مىلادىيە 5 ~ 15- ئەسىرلەر)؛ 3) يېقىنقى زامان تۈرك تىللىرى دەۋرى (16- ئەسىردىن ھازىرغا قەدەر) .
ئامېرىكىلىق نىكولاي پوپپې تۈركىي تىللارنىڭ تارىخىنى مۇنداق بەش دەۋرگە بۆلىدۇ: 1) ھۇن تىلى دەۋرى (مىلادىيە 4 ~6 - ئەسىرلەر)؛ 2) ۋولگا، دوناي بۇلغارلىرى تىلى دەۋرى (6- ئەسىر)؛ 3) قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى (6 ~ 10- ئەسىرلەر)؛ 4) ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى (10 ~ 15- ئەسىرلەر)؛ 5) ھازىرقى زامان تۈركىي تىللار دەۋرى (16- ئەسىردىن كېيىن). .
سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگى تېنىشېف قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار تىلىنى مۇنداق توققۇز ۋارىيانتقا ئايرىيدۇ: 1) رۇنىك ئورتاق تىلى (7 ~ 9 - ئەسىرلەر)؛ 2) قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى (8 ~ 10- ئەسىرلەر)؛ 3) قاراخانىيلار ــــ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى؛ 4) خارەزم ــــ تۈرك ئەدەبىي تىلى (13 ~ 14- ئەسىرلەر)؛ 5) چاغاتاي ئەدەبىي تىلى (15 ~ 19- ئەسىرلەر)؛ 6) تۈرك ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇنىڭ ۋارىيانتلىرى؛ 7) سالجۇق ئەدەبىي تىلى (13 ~ 14- ئەسىرلەر)؛ 8) مەملۇك ۋە ئەرمىنىيە- قىپچاق ئەدەبىي تىلى (13 ~ 14- ئەسىرلەر).
گېرمانىيە مېينىز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لارس يوھانسون تۈركىي تىللار تارىخىنى مۇنداق تۆت دەۋرگە بۆلىدۇ: 1) قەدىمكى زامان دەۋرى:. 2) ئوتتۇرا ئەسىر: 3) ھازىرقى زاماندىن ئىلگىرىكى دەۋر: 4) ھازىرقى زامان دەۋرى .
ئېلىمىز ئالىملىرىدىن گېڭ شىمىن ئەپەندى ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى بايان قىلغاندا، ئۇنى مۇنداق تۆت باسقۇچقا بۆلىدۇ: 1) مىلادىيە 8- ئەسىردىن 9- ئەسىرگىچە، بۇ دەۋرنىڭ تىلى «مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى»، «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى»، «سۇجى مەڭگۈ تېشى» قاتارلىق مەڭگۈ تاشلاردا كۆرۈلىدۇ؛ 2) 9- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە، يەنى «ئالتۇن يارۇق»، «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»، «خۇانسىفت» («مانى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ توۋانامىسى»)، «ئېۋانگىلۇم»، «قۇتادغۇ بىلىك»، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» قاتارلىق يازما يادىكارلىقلارنىڭ تىلى؛ 3) 13- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە، يەنى «ئوغۇزنامە»، «قىسسەسۇل ئەنبىيا» قاتارلىق يازما يادىكارلىقلارنىڭ تىلى؛ 4) 16- ئەسىردىن كېيىنكى يازما يادىكارلىقلارنىڭ تىلى .
جاڭ تيېشەن ئەپەندى تۈركىي تىللار يازما يادىكارلىقلىرىنى دەۋرلەرگە بۆلگەندە، تىل ئالاھىدىلىكى، جەمئىيەت تارىخى، يېزىق تىپى قاتارلىق ئۈچ ئۆلچەمگە ئاساسلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا بۇ ئۈچ ئۆلچەمگە ئاساسلىنىپ تۈركىي تىللار يازما يادىكارلىقلىرىنى تۆۋەندىكىدەك دەۋرگە بۆلىدۇ: 1) قەدىمكى زامان تۈرك تىلى يازما يادىكارلىقلىرى ياكى قەدىمكى زامان تۈرك يازما يادىكارلىقلىرى (6 ~ 9- ئەسىرلەر)؛ 2) ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈركىي تىللار يازما يادىكارلىقلىرى ياكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى يازما يادىكارلىقلىرى (9 ~ 15- ئەسىرلەر)؛ 3) يېقىنقى زامان تۈرك تىلى يازما يادىكارلىقلىرى ياكى چاغاتاي تىلى يازما يادىكارلىقلىرى .
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئالىملار تۈركىي تىللارنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى دەۋرگە بۆلگەندە، ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تۈركىي تىللارنىڭ ئۆزىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان دەۋر ۋە باسقۇچلارغا بۆلگەن. لېكىن ئۇلاردىكى بىر ئورتاقلىق شۇكى، تۈركىي تىللارنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى دەۋرلەرگە بۆلگەندە جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تىلنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقنى ئىپادىلىگەن.
يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى ئالىملار ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى دەپ ئۈچ باسقۇچقا، يەنە بەزىلەر بولسا قەدىمكى تۈركىي تىلى دەۋرى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، چاغاتاي تىلى دەۋرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى دەپ تۆت باسقۇچقا، يەنە بەزىلەر بولسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى، ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى، كاشغەر تىلى دەۋرى، چاغاتاي تىلى دەۋرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدىن ئىبارەت بەش دەۋرگە ئايرىپ تونۇشتۇرىدۇ. بىزمۇ بۇ قاراشلارنى خاتا دېمەيمىز. ئەمما شۇنى قەيت قىلىپ قويۇشىمىز كېرەككى، چەت ئەل ئالىملىرى ئۇنىڭغا قانداق نام بەرسۇن ۋە ياكى خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا قانداق خاتىرىلەنسۇن، ئۇيغۇر تىلى قەدىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بىر خىل لىنىيەنى بويلاپ، يەنى ئاشۇ تىلنى قوللانغۇچى خەلق ئەجدادىدىن ئەۋلادىغىچە ئاشۇ بىر تىلنى، يەنى ئۇيغۇر تىلىنى تەرەققىيات باسقۇچى بويىچە قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ تارىخىي ماتېرىياللاردا قانداق خاتىرىلىنىشىدىن ۋە ياكى چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ قانداق چۈشىنىۋېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا ئۇيغۇر تىلى دېيىلىشى كېرەك. چەت ئەل ئالىملىرى ئەڭ دەسلەپ موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىكى ئورقۇن- يېنىسەي دەريالىرى بويىدىن تېپىلغان ئابىدىلەر تىلىنى بايقىغاندا، ئۇنىڭ يېزىق شەكلىگە قاراپ، ئۇنى قەدىمكى گرېكلەر قوللانغان رۇنا (رۇنىك) يېزىقىغا ئوخشىتىپ قالغان، كېيىن بۇنىڭ قەدىمكى تۈركىي تىلى ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئىستېخىيىلىك ھالدا ئۇنى «تۈرك- رۇنىك يېزىقى» دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ ئورقۇن- يېنىسەي دەريالىرى بويىدىن تېپىلغانلىقىغا قاراپ «ئورقۇن- يېنىسەي ئابىدىسى تىلى» دەپمۇ ئاتىغان. دېمەك بۇ خىل ئاتاش ھەرگىزمۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىت بويىچە كۆنۈپ قېلىشتىن بولغان. «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىمۇ ئەنە شۇنداق ھەرقايسى دەۋردىكى تارىخشۇناس ۋە تەرجىمانلارنىڭ ھەر خىل خەتلەرنى ئىشلىتىپ «ئۇيغۇر» سۆزىنى ئىپادىلىگەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەلۋەتتە، تارىخىي دەۋرلەردە ئارىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېقىن- يىراق بولۇشى، خانلىقلار ئارىسىدىكى قوشۇلۇش- بۆلۈنۈش سەۋەبلىرى، ئىتتىپاقلىشىش- قارشىلىشىش جەريانلىرى تۈپەيلىدىن شۇ بىر سۆزنى ئىپادىلەيدىغان خەتلەرنىڭ بەزىدە ئىجابىي مەنىدىكى خەتلەرگە، بەزىدە سەلبىي مەنىدىكى خەتلەرگە ئالماشقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمىساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پەقەت شۇ بىرلا «ئۇيغۇر» سۆزىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايمىز. «چاغاتاي تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي يېزىقى»، «چاغاتايچە» دېگەن ئاتالغۇلار ئۈستىدىمۇ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆپ. چۈنكى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن موغۇلىستانغا خان بولۇپ، چاغاتاي خانلىقىنى قۇرغاندا، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى يەنىلا يەرلىك ئۇيغۇرلار بولۇپ، چاغاتاي بۇ تىل- يېزىقنى موڭغۇل خانىدانلىقىدىن ئېلىپ كەلمىگەن، شۇنداقلا بۇ ئۇ خانلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن قوللانغان تىل- يېزىقمۇ ئەمەس، بۇ تىل- يېزىق مۇشۇ يەردە، ھەتتا ئۆز دائىرىسىدىنمۇ كەڭ دائىرىدە بۇرۇندىن قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان تىل- يېزىق. «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئەمەلىيەتتە، ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› ۋە ‹قۇتادغۇ بىلىك›قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر باش بەلگە بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر تىلى)نىڭ داۋامى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى، ھېلىھەم زوق- شوخ بىلەن تەرەننۇم قىلىنىۋاتقان ۋە تۈگىمەس- پۈتمەس مۇھەببەت بىلەن ئوقۇلىۋاتقان ئۇيغۇر 12 مۇقامى تېكىستلىرىنىڭ تىلى بولغانلىقى، شۇنداقلا ھازىرغىچە بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدا، نىسبەتەن زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئەدەبىي، تارىخىي ۋە ئىسلامىي ئەسەرلەر يېزىلغان شاراپەتلىك تىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىش ۋە بېرىلىپ تەتقىق قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئەمەلىي قىممەت، رېئال ئەھمىيەت ۋە ئىقباللىق زۆرۈرىيەتكە ئىگىدۇر.» شۇڭا، بۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ بۇ تىل- يېزىق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق بىر خاننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق.
يۇقىرىقى سەۋەبلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى دەۋرلەرگە ئايرىشتا، يەنىلا ئەسلىگە سادىق، ئىلمىي، بىر يۆنىلىشلىك بولۇشنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. بىز «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى» ئۈستىدە توختالغاندا، چوقۇم مۇشۇ نۇقتىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان تەرەققىيات باسقۇچىنى تۆۋەندىكىچە بىر پۈتۈن سىستېما بويىچە ئايرىشنى لايىق تاپتۇق.
1- باسقۇچ: قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى
بۇ باسقۇچ ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشىدىن (بىز پەقەت يازما پاكىت ئاساسى بولغان كۆكتۈرك، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغان ئابىدىلەر يېزىق تىلىنى ئاساس قىلىمىز) تارتىپ، ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىن غەربكە كۆچكىچە بولغان دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دەۋر تۈرك خانلىقى بىلەن ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككى خانلىق قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا ئۆزىنىڭ تىلىنى خاتىرىلەپ بىر تۈركۈم مەڭگۈتاش يادىكارلىقلىرىنى مىراس قالدۇرغان. تىلشۇناسلار ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى بىلەن قەدىمكى زامان تۈرك تىلىنى تارىخىي سېلىتۇرما تىلشۇناسلىق ئۇسۇلى بويىچە تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار ۋە يېقىنلىقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرىدىكى نۇرغۇن تىل ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
2- باسقۇچ: ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى
بۇ باسقۇچ ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەن (9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى)دىن كېيىنكى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا قوللىنىلغان قۇچۇ ئۇيغۇر تىلى دەۋرى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسىدا قوللىنىلغان خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى دەۋرى ھەمدە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى خارەزم ئۇيغۇر تىلى دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى مىلادىيە 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلىنىپ، مىلادىيە 13- ئەسىرنىڭ بېشىدا ئاخىرلىشىدۇ. مىلادىيە 840- يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار غەربكە قاراپ كۆچۈپ ئىلگىر- ئاخىر بولۇپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار سۇلالىسى قاتارلىق ھاكىمىيەتلەرنى قۇردى. بۇ دەۋردە دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قوچۇ ۋە خېشى (گەنجۇ ۋە شاجۇ)دىكى بۆلىكىدە بۇددا دىنى بىلەن مانى دىنى ئەۋج ئېلىپ، ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر يېزىقى، مانى يېزىقى، سوغدى يېزىقى، سۈرىيان يېزىقى، براخما يېزىقى، خەنزۇ يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى ئىشلەتتى؛ قاراخانىيلار سۇلالىسى مىلادىيە 10- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى خاقانىيە يېزىقىنى ئىشلەتتى.
بۇ دەۋردە ئىككى خىل يېزىق تىلى بارلىققا كەلدى: قوچو ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا «ئالتۇن يارۇق»،«شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»، «ئېۋانگېلۇم»، «ئېزوپ مەسەللىرى»، «خۇانسىفىت»، «مايترى سىمت» قاتارلىق بۇددا دىنى، مانى دىنى، نىستورىيان دىنىغا ئائىت تەرجىمە ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى؛ خاقانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا «قۇتادغۇ بىلىك»، «دىۋان لۇغاتىت تۈرك»، «دىۋانى ھىكمەت»، «ئەتەبەتۇلھەقايىق»، «قۇرئان كەرىم تەپسىرى» قاتارلىق ئەسەرلەر يېزىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 20- ئەسىرنىڭ بېشىدا يەكەن، خوتەن، مارالبېشى قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ۋە خاقانىيە يېزىقىدا يېزىلغان ئەسەرلەر قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋەدۇر.
بۇ دەۋر تىلىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، غەربىي يۇرتنىڭ تۈركلىشىشى (ئۇيغۇرلىشىشى) ۋە ئىسلاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار غەربىي يۇرتقا كۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ياشاپ كېلىۋاتقان ساك، توخرى، سوغدى قاتارلىق ھىندى- ياۋروپا تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى. ساك، توخرى، سوغدى تىللىرىنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇر تىلى ئىگىلىدى. گەرچە بۇ تىللار يوقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى، لېكسىكىسى ۋە گىرامماتىكىسىدا ئاستقاتلامغا ئايلىنىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. 13- ئەسىردىن 14- ئەسىرنىڭ بېشىغىچە خارەزمنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاھالىسىنى ئاساس قىلغان خارەزم ئۇيغۇر تىلى 100 يىلچە ئەدەبىي يېزىق تىلى سۈپىتىدە ھۆكۈم سۈردى ۋە بۇ تىللار بىلەنمۇ بەزى ئەسەرلەر يورۇقلۇققا چىقتى.
بۇ يەردە يەنە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، باشتا قەيت قىلىنغاندەك بەزى تىلشۇناسلار ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىق تىلى ـــ قوچۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن خاقانىيە ئۇيغۇر تىلىنى، ئۇندىن كېيىنكى دەۋردىكى بۇددىزم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىسلامىيەت مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى ئىككى دەۋر تىلى دەپ ئايرىۋېتىدۇ. بىز بۇ ئىككى جۈپ يېزىق تىلىنى ئوخشاش دەۋرگە قويۇشنى مۇۋاپىق، دەپ قارايمىز. بۇنىڭ سەۋەبى: 1) قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن قۇرۇلغان ھاكىمىيەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولغان دەۋرى ئوخشاش، شۇڭا بىر دەۋرگە ئايرىش مۇۋاپىق؛ بۇددىزم مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بولغان خېشى ئۇيغۇرلىرى ۋە قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى مەۋجۇت بولغان دەۋر ئوخشاش بولۇپ، 13 ~ 15- ئەسىرلەردىكى موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بىر دەۋرگە ئايرىش مۇۋاپىق. 2) گەرچە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان رايون، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن خاقانىيە تىلى بىلەن قوچۇ ئۇيغۇر تىلىدا، بۇددىزم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىسلامىيەت مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گىرامماتىكا جەھەتلەردە بەلگىلىك پەرقلەر كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىق ۋە ئوخشاشلىق ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشماسلىقتىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، خاقانىيە تىلى بىلەن قوچۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرىگە، 13 ~15- ئەسىرلەردىكى بۇددىزم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىسلامىيەت مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى «ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى» دەۋرىگە تەۋە قىلىش، يەنى ئوخشاش بىر دەۋردە ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئىستېمال قىلىنغان ئىككى جۈپ يېزىق تىلىنى ئوخشاش بولمىغان ئىككى دەۋرگە تەۋە قىلىش ئۇيغۇر تىلى تارىخىنى دەۋرلەرگە بۆلۈشكە پايدىلىق.
3- باسقۇچ: يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى
بۇ باسقۇچ 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر تىلى تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەكەن سەئىدىيە خانلىقى، جۇڭغار خانلىقى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىنى بېسىپ ئۆتتى؛ قەشقەرنى مەركەز قىلغان ئىسلامىيەت مەدەنىيەت رايونى بىلەن قوچونى مەركەز قىلغان بۇددىزم مەدەنىيەت رايونى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. يېزىق جەھەتتە، ئۇيغۇرلار ئوخشاش بولمىغان يېزىقلارنى ئىشلىتىدىغان دەۋرگە خاتىمە بېرىلىپ، خاقانىيە يېزىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن چاغاتاي دەۋرى يېزىقىنىڭ مۇتلەق نوپۇزى تىكلەندى. بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى «چاغاتاي يېزىق تىلى» ياكى «چاغاتاي تىلى»، «چاغاتاي تۈركچىسى» دەپ ئاتىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلغان بولسىمۇ، بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالغۇ بولمىغاچقا، بىز بۇ دەۋر تىلىنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىدا تۇتقان دەۋر ئورنىغا قاراپ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتاشنى لايىق تاپتۇق. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرىدىن نەۋائىي، نەۋبەتى، زەلىلى، نىزارى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى مۇشۇ تىلدا يېزىلدى، ئەرەب تىلى ۋە پارس تىلىدىن تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلەر مۇشۇ دەۋر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.
4- باسقۇچ: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى
بۇ باسقۇچ 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن تاكى ھازىرغىچە بولغان ئاز كەم 100 يىللىق دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندە تەدرىجىي بۆلۈنۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى (چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر تىلى)نى ئورتاق يېزىق تىلى ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ كەلگەنىدى. لېكىن، بۇ تىل كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا ئېغىز تىلىدىن تەدرىجىي يىراقلىشىپ، ئۆگىنىش ۋە ئىستېمال قىلىش ئىنتايىن قىيىن بولغان بىر تىلغا ئايلىنىپ قالدى، بولۇپمۇ 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ چار رۇسىيەگە قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە بۇ تىلنى ئىستېمال قىلىدىغانلار ئومۇمىي ئاھالىگە نىسبەتەن ئاز سانلىققا ئايلاندى.
ئېغىز تىلىنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، 20- ئەسىرنىڭ 10 ~ 20- يىللىرىدىن باشلاپ، چار روسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلىرى شىنجاڭدا كەڭ تارقىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۈرۈمچى، ئىلى ۋە قەشقەر شېۋىلىرى تەدرىجىي ھالدا ھەر قايسى دىيالېكت رايونلىرىنىڭ ئورتاق ئالاقە قورالىغا ئايلاندى. چۈنكى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە مىنگونىڭ بېشىدا، ئىلى ۋە ئۈرۈمچى شىنجاڭنىڭ سىياسىي مەركىزى، قەشقەر بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى ئىدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە مەركىزىي دىيالېكت (ئىلى، قەشقەر، ئۈرۈمچى، تۇرپان شېۋىلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالاقە قورالىغا ئايلاندى ۋە ئۈرۈمچى تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز بولۇپ شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى شەكىللىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، 20 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ يېزىق تىلىغا ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر