باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

تۆت چالغۇ ئەسۋابىنىڭ تىلىمىزدىكى ئاتىلىشى توغرىسىدا

قاسىمجان ئەھمىدى ئۆملۈك، غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.01.08 11:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

«سورىغان بىلىم ئاپتۇ» دېگەندەك بىلمىگەننى سورىغاندىلا، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمىزدا «رويال بىلەن پىيانىنو بىر چالغۇ ئەسۋابىمۇ؟» دەپ سورىغان سوئالىمىزغا، ئوقۇتقۇچىمىز: «ياق، كىچىك ياغاچ توقماقلارنىڭ پولات تارغا ئۇرۇلۇشى بىلەن ئاۋاز چىقىرىدىغان چالغۇ ئەسۋابى رويال بولىدۇ؛ يەلنىڭ مىس ياپراقچىلارنى تىترىتىشى بىلەن ئاۋاز چىقىرىدىغان چالغۇ ئەسۋابى پىيانىنو بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇ يەنە ئوينىغۇچ رويال بىلەن ئېغىز گارمۇنىنى چۇۋۇپ كۆرسىتىپ، سېلىشتۇرۇپ سۆزلەپ يۇقىرىقى قارىشىنى كاللىمىزغا سىڭدۈرۈۋەتكەنىدى.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، «رويال» ۋە «پىيانىنو» ئۇقۇملىرىنى يۇقىرىقىدەك چۈشىنىپ ۋە پەرقلەندۈرۈپ كەلگەن ئىدۇق. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كاللىمىزغا تاشقا مۆھۈر باسقاندەك مەھكەم ئورناپ كەتكەن چۈشەنچىمىزگە «دەز كېتىش»كە باشلىدى. «ئورگان» ئاتالغۇسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىلىمىزدىن ئورۇن ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئىزاھ مەسىلىسىنى قايتىدىن ئەتراپلىق ئويلىشىمىزغا تۈرتكە بولدى.
تۆۋەندە «رويال»، «پىيانىنو»، ئورگان» ۋە «فىسگارمون» ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمىز.
1. 钢琴 ئاتالغۇسى ھەققىدە
钢琴 گەرچە ئاۋاز چىقىرىش پىرىنسىپى (ۋاسىتىسى) ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما تاشقى شەكلى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، 大钢琴 ۋە 小钢琴 دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. رۇسچىدا ئالدىنقىسى (大钢琴) рояль دەپ ئاتالسا، كېيىنكىسى (小钢琴) пианино دەپ ئاتىلىدۇ (سودا باسمىخانىسى تەرىپىدىن 1977- يىلى نەشر قىلىنغان «خەنزۇچە- رۇسچە لۇغەت» 285- بەت). بۇلار ئاخىرقى ھېسابتا تىلىمىزغا «رويال» («رايال» ئەمەس)، «پىيانىنو» («پىئانىنو» ئەمەس) شەكلىدە قوبۇل قىلىنغان («ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 540- ۋە 242- بەت). تۆۋەندە بۇ ئىككى ئاتالغۇ ئۈستىدە ئايرىم- ئايرىم توختىلىمىز.
بىرىنچى،大钢琴 ئاتالغۇسى ھەققىدە
خەنزۇچىدا 大钢琴 يەنە 三角钢琴 دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سەھنىلەردە كونسېرت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. لياۋنىڭ خەلق نەشرىياتى 1984- يىلى نەشر قىلغان «يېڭى رۇسچە- خەنزۇچە لۇغەت» تىكى ئالاقىدار سۆزلەم ۋە رەسىملىك چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندىمۇ 大钢琴 رۇسچىدا рояль دېيىلگەن. بۇ سۆز «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (549- بەت)گە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن لۇغەت تۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە ئىزاھ بېرىلمەي، «پىيانىنو»غا ھاۋالە قىلىنغان. دېمەك، بۇ ئىككى سۆز مەنىداش سۆز قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، «پىيانىنو»نىڭ قوللىنىلىش چاستوتىسى «رويال»غا قارىغاندا كۆپ دېگەندىن دېرەك بېرىپ قويغان. دەرۋەقە، كۈنىمىزدە «پىيانىنو» ئاتالغۇسى «رويال» ئاتالغۇسىدىن كۆپرەك قوللىنىلماقتا، ھەتتا «رويال» ئاتالغۇسى ھەقلىق تۈردە قوللىنىلىشقا تېگىشلىك بولغان جايلاردىمۇ «پىيانىنو» ئاتالغۇسى قوللىنىلماقتا. مەسىلەن:
«ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا پىيانىنو چېلىش مۇسابىقىسى ئاز كەم 40 يىللىق تارىخقا ئىگە.» («شىنجاڭ ياشلىرى» 2013- يىللىق 10- سان، 5- بەت)
«كونسېرت ― بىر يەككە ئورۇنلىغۇچى (ئىسكىرىپكا، پىيانىنو قاتارلىقلارنى چالغۇچى) بىلەن دوخوۋوي ئوركىستېرىنىڭ بىرلىشىپ ئورۇنلىشى ئۈچۈن يېزىلغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا ئەسىرى...» («ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 855- بەت).
بۇ ئىككى مىسالدا دېيىلگەن گەپلەر ئورۇنلىنىدىغان ئورۇن- جاي جەھەتتە سەھنىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە «پىيانىنو» ئەمەس، بەلكى «رويال» ئاتالغۇسى قوللىنىلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، ئۇنداق بولماي، «رويال چىمپىيونى» سۈپىتىدە تونۇلۇشقا تېگىشلىك پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى ئەلفىرە ئاتالغۇ قوللىنىشتىكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن، «پىيانىنو چىمپىيونى» قىلىپ قويۇلغان. نەتىجىدە بىلىپ- بىلمەيلا، ئىككى ئۇقۇم ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن. ئەلفىرەنىڭ شياڭگاڭدىكى مۇسابىقىدە چالغىنى 小钢琴 (竖式钢琴) بولماستىن، بەلكى 大钢琴 (三角钢琴) تۇرسا، ئۇنى «رويال» دەپ ئاتىماي، نېمىشقا «پىيانىنو» دەپ ئاتىغۇدەكمىز؟ ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللىق پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ مىللەت، شۇنداق تۇرۇقلۇق، باشقىلاردىن قوبۇل قىلغان، يەنە كېلىپ قوللىنىشتا ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈلىدىغان تەييار ئاتالغۇنى جاي- جايىدا قوللىنالمىساق نومۇس ئەمەسمۇ! تىلىمىزنىڭ ئىنچىكە ئىپادىلەش كۈچى نەدە قالدى؟! قارىغاندا «پىيانىنو» ئاتالغۇسى كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا چىرايلىق ۋە مەدەنىي ئاڭلانسا كېرەك. ئەمما، لوگىكىلىق ئۇقۇم جەھەتتىن كەسكىن پەرقلىنىدىغان ئاتالغۇلارنى ئالماشتۇرۇپ قوللىنىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.
ئىككىنچى، 小钢琴 (竖式钢琴) ھەققىدە
بۇ چالغۇ ئەسۋابى ئاۋاز چىقىرىش پىرىنسىپى (ۋاسىتىسى) جەھەتتىن رويال بىلەن تامامەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئەممد تاشقى شەكلى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنى جەھەتتىن ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، رۇسچىدا пианино دەپ ئاتالغان ۋە تىلىمىزغا «پىيانىنو» شەكلىدە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ھەجىم جەھەتتىن «رويال»غا قارىغاندا يىغىنچاق بولغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىلەردە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. «پىيانىنو»غا مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن: «كونۇپكىلىق بىر خىل مۇزىكا ئەسۋابى، ئىچكى قىسمىغا نۇرغۇنلىغان مېتال تارلار ۋە تىۋىتلىك رەخت ئورالغان بولقىسىمان كىچىك تاياقچىلار ئورنىتىلغان بولۇپ، تىلى بارماق بىلەن بېسىلغان ھامان تاياقچىلار تارغا ئۇرۇلۇپ، ئاۋاز چىقىرىدۇ» («ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 242- بەت). مەسىلەن:
«ئۇ... خۇددى مەخسۇس پىيانىنو چېلىشقىلا يارىتىلغاندەك ئۇزۇن ھەم نازۇك بارماقلىرىنى پىيانىنونىڭ ئۈستىدە تولىمۇ لەرزان ئوينىتىپ، شوبېرتنىڭ بىر مۇزىكىسىنى چېلىشقا باشلىدى.» («شىنجاڭ ياشلىرى» 2013- يىلى 10- سان، 4- بەت)
يۇقىرىقى جۈملىنىڭ ئالدى- كەينىدىكى مەزمۇنلارنى نەزەردە تۇتماي تۇرۇپ، «پىيانىنو» ئاتالغۇسىنىڭ قوللىنىلىشىدىن نۇقسان تېپىش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر «رويال» بىلەن «پىيانىنو»نىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى جەھەتتىكى پەرقىگە كۆرە، «ئۇ»نىڭ شوبېرتنىڭ مۇزىكىسىنى چوڭ سەھنىدە ئورۇنلىغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە، يۇقىرىقى جۈملىدە «پىيانىنو» ئاتالغۇسىنىڭ قوللىنىلىشىنى توغرا دەپ قارىيالامسىز؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، ئادەتتە سەھنىلەردە 大钢琴 (三角钢琴) ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، يۇقىرىقى جۈملىدە «پىيانىنو» ئاتالغۇسىنىڭ قوللىنىلىشى مۇۋاپىق بولمىغان، شۇنداق ئىكەن، بۇ ئورۇندا جەزمەن «رويال» ئاتالغۇسى قوللىنىلىشى كېرەك.
2. 风琴 ئاتالغۇسى ھەققىدە
风琴 دىن ئىبارەت چالغۇ ئەسۋابى ئاۋاز چىقىرىش پىرىنسىپى (ۋاسىتىسى) جەھەتتىكى پەرقىگە ئاساسەن، 管风琴 ۋە 黄风琴 دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
بىرىنچى،管风琴 ئاتالغۇسى ھەققىدە
管风琴 رۇسچە нáгро دېيىلىدۇ، ئۇيغۇرچە «ئورگان» دەپ يېزىلىدۇ ھەم شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تىلىمىزدىكى «ئەزا» (مەسىلەن، سېزىش ئورگىنى، ئاڭلاش ئورگىنى دېگەندەك) ۋە «تەشكىلات» (مەسىلەن، مەمۇرىي ئورگان، ئورگان گېزىتى دېگەندەك)تىن ئىبارەت مەنىلەرنى بېرىپ كېلىۋاتقان «ئورگان» ئاتالغۇسىنىڭ يۈكى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئېغىرلاشتى، دېگەن گەپ.
تىلىمىزدا «ئەزا»، «تەشكىلات» مەنىسىنى بېرىپ كېلىۋاتقان «ئورگان» ئاتالغۇسىمۇ رۇسچىدىن قوبۇل قىلىنغان كىرمە سۆز بولۇپ، رۇسچە рганó دەپ يېزىلىدۇ. كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، رۇسچىدا нáгро سۆزى بىلەن рганó سۆزىنى تەشكىل قىلغان ھەرپلەر تامامەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرغۇ ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن تەلەپپۇز قىلىنىشىمۇ ئوخشاشمايدۇ، يەنى چالغۇ ئەسۋابىنى كۆرسەتكەندە، ئۇرغۇ «а»غا چۈشسە، «ئەزا» ياكى «تەشكىلات»نى بىلدۈرگەندە، ئۇرغۇ «о»غا چۈشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالدىنقىسى «ئارگان» دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا، كېيىنكىسى «ئورگان» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ- دە، ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. ۋاھالەنكى، تىلىمىزدا گەرچە ئۇرغۇ چۈشەنچىسى بار بولسىمۇ، ئەمما يېزىقتا رۇسچىدىكىدەك ئۇرغۇ بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، تىلىمىزدا «о»غا ئۇرغۇ بەلگىسى قويۇلسا، «ئو» دەپ ئوقۇلىدىغان، قويۇلمىسا «ئا»غا تارتىپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئەھۋال يوق. شۇڭلاشقا، قانداق مەنە بېرىشىدىن ياكى قانداق يېزىلىشى ۋە قانداق ئوقۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ كىرمە سۆز تىلىمىزدا «ئورگان» دەپلا يېزىلغان ۋە شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنغان.
ئەمدى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دىكى «ئورگان» سۆزىگە بېرىلگەن ئىزاھنى كۆرۈپ باقايلى:
«ئورگان ― تىللىق چالغۇ ئەسۋابى، شەكلى ئۇزۇن تۆت چاسا ساندۇققا ئوخشايدۇ، ئىچىدە مىستىن ياسالغان تىللىرى بار، ئۈستى تەرىپىگە بېسىش كونۇپكىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، شۇ كونۇپكىلار بېسىلسا، تىللار ھەرىكەتكە كېلىدۇ، ئاياغ تەرەپتە تەپكۈچ بار بولۇپ، ئاياغ بىلەن تېپىلگەندە، شامال ساندۇقىدا يەل پەيدا بولۇپ، مىس تىللارنى تەۋرىتىپ ئاۋاز پەيدا قىلىدۇ».» («ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 1128- بەت)
تەھقىقلىشىمىزچە، يۇقىرىدا «فىسگارمون» ئۈچۈن بېرىشكە تېگىشلىك ئىزاھ نېمە سەۋەبتىندۇر «ئورگان»غا بېرىلىپ قالغان. ئەسلى «ئورگان»دىن ئىبارەت چالغۇ ئەسۋابىغا تۆۋەندىكىدەك ئىزاھ بېرىلىشى كېرەك ئىدى:
«ئورگان ― تىللىق چالغۇ ئەسۋابى، ئۇ ئاۋاز تۈسى ھەر خىل بولغان بىرقانچە گۇرۇپپا تۇرۇبىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شامال ساندۇقىدا پىرېسلانغان يۇقىرى بېسىملىق ھاۋا (يەل) تۇرۇبىلاردىن ئۆتۈپ ئاۋاز چىقىرىدۇ.» («ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى» 5- نەشرى، 504- بەت)
ئىككىنچى،黄风琴 ئاتالغۇسى ھەققىدە
黄风琴 رۇسچە исгармоньф دېيىلىدۇ، ئۇيغۇرچە «فىسگارمون» دەپ يېزىلىدۇ ۋە شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بۇ ئاتالغۇ تېخى تىلىمىزغا رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاللىقاچان ئىستىمال قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ، بىزنىڭ «فىسگارمون» سۆزىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن:
«نۆۋەتچى مىسسىيونېرنىڭ ئادەمنى زېرىكتۈرىدىغان ناخشىسى... نەچچە يۈز بۇرغىدەك بىراقلا ياڭراپ كېتىدىغان فىسگارموننىڭ ئاۋازى... تولىمۇ يوغان نوتىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ يۇقىرى- تۆۋەن سەكرەيتتى.» (ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى: «پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى» 638- بەت)
خۇلاسە كالام، يۇقىرىدا «رويال» بىلەن «پىيانىنو»، «ئورگان» بىلەن «فىسگارمون»نىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى، شۇنداقلا ئۇلارغا بېرىلگەن تەبىر- ئىزاھلار، خۇسۇسەن رۇسچىدىن قوبۇل قىلىنغان كىرمە سۆز «رويال» بىلەن «پىيانىنو»نى مەنىداش ئاتالغۇ دەپ قاراپ ئالماشتۇرۇپ- ئارىلاشتۇرۇپ قوللانماي، بەلكى رۇسچىدىكىدەك پەرقلەندۈرۈپ، دەل جايىدا قوللىنىش كېرەكلىكى؛ «فىسگارمون» ئۈچۈن بېرىلىشكە تېگىشلىك ئىزاھنىڭ خاتا ھالدا «ئورگان» ئۈچۈن بېرىلگەنلىكى ۋە «ئورگان» ئۈچۈن بېرىشكە تېگىشلىك ئىزاھ- تەبىرنىڭ بېرىلمىگەنلىكى، ئۇنى تولۇقلاش لايىھەسى قاتارلىق ئالاقىدار مەزمۇنلار ئۈستىدە قاراشلىرىمىزنى دەپ ئۆتتۇق. يەنە تەكىتلەيدىغىنىمىز، ئىستېمالدا 大钢琴 (三角钢琴) مەنىسىنى بېرىدىغان چالغۇ ئەسۋابىنى «رويال» دەپ، 小钢琴(竖式钢琴) مەنىسىنى بېرىدىغان چالغۇ ئەسۋابىنى «پىيانىنو» دەپ،管风琴 مەنىسىنى بېرىدىغان چالغۇ ئەسۋابىنى «ئورگان» دەپ،黄风琴 مەنىسىنى بېرىدىغان چالغۇ ئەسۋابىنى «فىسگارمون» دەپ پەرقلەندۈرۈپ قوللىنىشىمىز كېرەككى، بىر- بىرىگە ئالماشتۇرۇپ- ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىشقا بولمايدۇ. قىسقىسى، ئەمەتنىڭ دوپپىسى سەمەتكە كىيگۈزۈپ قويۇلماسلىقى شەرت.
گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا، سەنئەت ئەھلى بولمىغانلىقىمىز، بولۇپمۇ ياۋروپا چالغۇلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولمىغانلىقىمىز، يەنە كېلىپ ئۆگىنىشىمىزنىڭ چوڭقۇر بولماسلىقى ۋەجىدىن، مەزكۇر يازمىدا بىر تەرەپلىمىلىكلەردىن ھەتتا پىرىنسىپال خاتالىقلاردىن ساقلىنالمىغان بولۇشىمىزمۇ مۇمكىن. ناۋادا راستىنلا يېڭىلىشكەن بولساق، ئەھلى سەنئەتكارلار، لۇغەتشۇناسلار ۋە بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ تۈزەتمە ۋە كۆرسەتمە بېرىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

题目:四种乐器在维吾尔语里面的名称


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر