باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

«ئورخۇن» ئەمەس، «ئورقۇن»

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.01.08 11:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

قىسقىچە مەزمۇنى: مىلادىيە 2- 9- ئەسىر ئۇيغۇر تىلى بولغان ئورقۇن- يېنىسەي تىل- يېزىقىدىكى «ئورقۇن» ئاتالغۇسى دەريا نامىدىن كەلگەن بولۇپ، تىلىمىزدا رۇسچە ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىدىن كىرگىنى بويىچە «ئورخۇن» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «خ» تاۋۇشى يوق. ئەينى دەۋر ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىمۇ بۇ سۆز «ئورقۇن» دەپ خاتىرىلەنگەن. شۇڭا بۇنى ئەسلىي بويىچە «ئورقۇن» دەپ ئېلىش كېرەك.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئورخۇن ئورقۇن

تىل- يېزىقىمىز يىللار مابەينىدە تىل تەتقىقاتچىلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىزدىنىشى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا بارغانسېرى مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. ھالبۇكى، بۇ ھەرگىزمۇ قوللىنىۋاتقان تىل- يېزىق ئەمەلىيىتىمىزدە ھېچقانداق نۇقسان يوق دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ كەلگەنلىكى ھەممىگە ئايان. يىللار داۋامىدا سىرتتىن قوبۇللانغان سۆزلەرنىڭ تەسىرى، ئەسلى ئۆز تىلىمىزدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ ئاۋۋال باشقىلار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ، بىزگە تەرجىمە ۋاسىتىسى بىلەن تونۇشتۇرۇلۇپ، ئاندىن ئۆز تەتقىقاتچىلىرىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىۋاتقانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەت. تىلىمىزدىكى ئاتالغۇ- سۆزلەملەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتىش ھەر بىرىمىزدىن يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە ھەقىقەتكە، تىلىمىزنىڭ ئەسلىگە سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. تىلىمىزدا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە كىرىپ ئۆزلەشكەن ۋە ئۆزلىشىۋاتقان ساكچە، سوغدىچە، توخرىچە، ئودۇنچە، كۈسەنچە، سانسىكرېتچە، ئەرەبچە، پارسچە، رۇسچە، خەنزۇچە، لاتىنچە، ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار خېلى بار. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ تىلىمىزنىڭ ئەزەلدىنلا ساپلىقىنى يوقاتقان تىل ئىكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى مەھمۇد كاشىغەرىي شاھانە ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە: «ئەڭ ئوچۇق ۋە توغرا تىل پەقەت شۇ بىر تىلنى بىلىپ، پارسلار بىلەن ئارىلاشمايدىغان ۋە چەت ئەللەر بىلەن بېرىش- كېلىش قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ تىلىدۇر. ئىككى تىل بىلىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ تىلىدا بۇزۇقلۇق بار» دەپ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق شەھەرلەشكەنلىكىنىڭ، باشقا مەدەنىيەت چەمبىرەكلىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچراشقانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. لېكىن تىلىمىزدا ئەسلى ئۆز تىلىمىزدا بار- يوقلۇقى بىلەن كارىمىز بولماي، باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىدىن ئۆز تىلىمىزغا قايتا تەرجىمە قىلىدىغان ئەھۋاللار خېلى بار. ئالايلى، تىلىمىزدىكى «تەڭرىتاغ»، «قۇرۇم (تېغى)» سۆزلىرى خەنزۇچىغا مەنەن ۋە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «天山» ۋە «昆仑(山)» دەپ تەرجىمە قىلىنىپ، خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن رۇسچىغا «تيانشان» ۋە «كوئېنلۇن (تېغى)»دەپ ئېلىنسا، بىز رۇسچىدىن شۇ پېتى «تيانشان» ۋە «كوئېنلۇن» دەپ قوبۇل قىلىپ، 60- 70 يىل قوللاندۇق. مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ نامىنىمۇ ھازىرقى زامان تىلىمىزغا خاھىشىمىزچە «ماخمۇت قەشقىرى» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» دەپ تەرجىمە قىلىۋېلىپ، مانا ئەمدى تۈزىتىپ ئولتۇرۇپتىمىز. بىلمىگەندە ئەيىب يوق، گەپ تۈزىتىشتە. يۇقىرىقىغا ئوخشاش تىلىمىزدا ئەسلىسىنى قويۇپ، تەرجىمىسىنى قوللىنىۋاتقان ھادىسىلەر ھازىرمۇ مەۋجۇت. مەن بۇ ماقالەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىيە 2-3- ئەسىردىن مىلادىيە 9- ئەسىرگىچە بولغان تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك «ئورقۇن» ئاتالغۇسىغا قارىتا ئۆزۈمنىڭ پىكرىمنى قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.
بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلىرىمىزدا گەپ بولمىدىمۇ ئەمەس، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 2004- يىللىق 30- مارت سانىدا گۈلنار ئېزىزنىڭ «ئورخۇنمۇ، ئورقۇنمۇ؟» ناملىق ماقالىسى، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىللىق 4- سانىدا غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇرنىڭ «<قوچو>، <ئورقۇن> سۆزلىرىنىڭ ئىملاسى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، بۇ سۆزنىڭ توغرا ئېيتىلىشى ۋە يېزىلىشى بولغان «ئورقۇن»نى قوللىنىش توغرىسىدا ئەقىلگە مۇۋاپىق تەكلىپ- تەۋسىيەلەر بېرىلدى. لېكىن مەتبۇئاتلاردا بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىملاسى تېخىچە بىرلىككە كەلگىنى يوق.
ئورقۇن ئاتالغۇسى ئورقۇن دەرياسىنىڭ نامىدىن كەلگەن، ئورقۇن دەرياسى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا، بۇ دەريا ھانگاي تاغلىرىدىن باشلىنىپ، شىمالغا قاراپ ئېقىپ، موڭغۇلىيە- رۇسىيە چېگراسىدىكى سېلېنگا (سەلەڭە) دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. تۇرا دەرياسى ۋە تامىر دەرياسى ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرى ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيەنىڭ ئالدى- كەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى دەل مۇشۇ ئورقۇن دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان جايى توغرىسىدا «ۋېينامە»دە ھەممىدىن ئاۋۋال مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇنىڭدا: «شاھ ئالىيلىرى غەربكە يۈرۈش قىلىپ لۇخۇنخەي (ئورقۇن دەرياسىنىڭ ئېغىزى)دە ئېگىز ھارۋىلىقلار، يۈەنخې (ئۇيغۇر)لارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدى» دەپ يېزىلغان. دېمەك، ئورقۇن دەرياسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانلىرىدىن بىرى بولغاچقا، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋرگە تەۋە تىل- يېزىقىمۇ ئورقۇن- يېنىسەي تىل- يېزىقى دەپ ئاتالغان، لېكىن بۇ ئاتالغۇ تىلىمىزدا رۇسچىدىن ھەمدە رۇسچە ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىدىن كىرىپ ئۆزلەشكىنى بويىچە «ئورخۇن» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئاتالغۇ خەنزۇچىدىمۇ چەت تىللاردىن تەرجىمە قىلىنغىنى بويىچە «鄂尔浑» دەپ يېزىلىدۇ. بۇ سۆز بىر قىسىم ئەسەرلەردە «ئورقۇن» بويىچە ئېلىنسا (ئالايلى، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تىزىس»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1987- يىلى نەشرى، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001- يىلى نەشرى، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى»، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2002- يىلى نەشرى، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى»، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2004- 2005- يىلى نەشرى، «قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2007- يىلى نەشرى)، يەنە بەزى تەرجىمە ئەسەرلەر ۋە ئۆز ئاپتورلىرىمىز تەرىپىدىن يېزىلغان شۇ دەۋر تارىخى، تىلى- يېزىقىغا بېغىشلانغان تەتقىقات ئەسەرلىرىدىمۇ «ئورخۇن» دەپ ئېلىنماقتا (ئالايلى، ۋ. م. ناسىلوف: «ئورخۇن يېنىسەي ۋادىلىرىدىن تېپىلغان يادىكارلىقلارنىڭ تىلى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005- يىلى نەشرى، ئۇيغۇر سايرانى، سابىت روزى تەرجىمىسى؛ ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005- يىلى نەشرى، ۋاھاكازالار).
بۇ سۆزنىڭ ئەسلى زادى نېمە؟ قەدىمكى ۋەسىقىلەر تىلىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئاللىقاچان بىزنىڭ ھازىرغىچە تېپىلغان دەسلەپكى يازما يادىكارلىقلىرىمىز خاتىرىلەنگەن 6 ـــ 9- ئەسىر تىل- يېزىقىنى شۇ يازما يادىكارلىق تېپىلغان جاينىڭ نامى بىلەن «ئورقۇن- يېنىسەي تىل- يېزىقى» دەپ ئاتىدى. بۇ دەۋردە قوللىنىلغان تىلىمىزدا «ئا، ئە، ئى (i)، ئى (ï) ، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ» قاتارلىق سەككىز سوزۇق تاۋۇش بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئا، ئە» تاۋۇشىغا ئوخشاش بىر بەلگە، «ئى (i)، ئى (ï)» تاۋۇشلىرىغا ئوخشاش بىر بەلگە، «ئو، ئۇ» تاۋشلىرىغا ئوخشاش بىر بەلگە، «ئۆ، ئۈ» تاۋۇشلىرىغا ئوخشاش بىر بەلگە قوللىنىلغان. «ب، پ، ت، د، ر، ز، چ، س، ش، غ، گ، ي، ق، ك، ل، م، ن، ڭ» قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بار (ئۇندىن باشقا، يادىكارلىقلارنى خاتىرىلىگەن يېزىقتا «ئىي، ني، نت، نچ» قاتارلىق قوشۇپ ئوقۇلىدىغان يېزىق بەلگىلىرىمۇ بار). ئەمما «خ، ج، ژ، ف» دېگەندەك ئۈزۈك تاۋۇشلار يوق. ئاخىرىدىكى بۇ تۆت ئۈزۈك تاۋۇش كېيىنكى دەۋردىكى تىللار ئۇچرىشىشىنىڭ تەىسىرىدىن پەيدا بولغان، كۆپىنچىسى باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تاۋۇشلاردۇر. ئورقۇن- يېنىسەي مەڭگۈتاشلىرىدىمۇ «ئورقۇن سۈيى (دەرياسى)» دەپ ئۇچرايدۇكى، ھەرگىزمۇ «ئورخۇن سۈيى» دېگەن شەكلى ئۇچرىمايدۇ. (ئۆزىدە يوق تاۋۇش بىلەن ئىپادىلەش ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەستە!) «مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى» ۋە «تاريات تېرخىن مەڭگۈ تېشى»دا مۇنداق ئۇچرايدۇ:
» .1ʃu...... an͡ta: qalmɨsɨ: bodun: on ujɣur: toquz oɣuz yzɛ jyz jɨl olurup: s...... a: orqun øgyz: o......«
مەنىسى: «... شۇ يەردە قالغان خەلقى ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ئۈستىدە يۈز يىل ئولتۇرۇپ، ... ئورقۇن دەرياسى...» («مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى» شىمالىي يۈزى، 3- قۇر)
» .2an͡ta: bodun: iʧikdi...... qarluq tapa: tɛzip kirti: an͡ta: jana: tysip: orqun: balɨqlɨɣ: bɛltirintɛ: ɛl ørginin: an͡ta: ørgipɛn ititdim: ɛl ɛbin......«
مەنىسى: «ئۇ يەردە خەلقلەر بويسۇندى... قېچىپ قارلۇقلارغا قوشۇلدى. ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ، ئورقۇن (دەرياسى) بىلەن بالىقلىق (دەرياسى)نىڭ قوشۇلغان يېرىدە قاغان ئوردىسى سالدۇردۇم، ئوردىنى ...» («مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى» جەنۇبىي يۈزى، 34- قۇر)
.3:tørt buluŋdaqɨ: bodun: kyʧ bɛryr: jaɣim : bølyk... joq bol͡ti ... sɛkiz ara ɨlɣɨm tarɨɣlaɣɨm: ... sɛkiz sɛlɛŋɛ: orqun tuɣla: sɛbɛntyrdy: qarɣa: burɣu: ol jɛr ɛkin ʃubɨmɨn qonar køʧyrbɛn
«تۆت تەرەپتىكى خەلق كۈچ بېرەر، دۈشمىنىم ئۆز بۆلۈكىدىن ئايرىلدى ... سەككىز (دەريا) ئارا چارۋىلىرىم، ئېتىزلىرىم، سەككىز سېلېنگا، ئورقۇن، تۇغلا (دەريالىرى) مېنى سۆيۈندۈردى. قارغا، بۇرغۇ دېگەن يەرلەردە، ئىككى سۈيۈمنىڭ (دەريانىڭ) ئارىلىقىدا قونار- كۆچەرمەن.» («تاريات تېرخىن مەڭگۈ تېشى» غەربىي يۈزى، 4- قۇر)
.4 ɛʧym: apam: sɛkiz on jil: olurmɨs: øtykɛn ɛli: tɛgrɛs ɛli: ɛkin ara: orqun: øgyzdɛ
مەنىسى: «... ئەجدادلىرىم خانلىقتا سەكسەن يىل ئولتۇرغان. ئۆتۈكەن ئېلى ۋە (ئۇنىڭغا) قاراشلىق ئەللەر (سېلېنگا، تۇغلا) ئىككى (دەريا) ئارىلىقىدا، ئورقۇن دەرياسىدا» («تاريات تېرخىن مەڭگۈ تېشى»، شەرقىي يۈزى، 18- قۇر)
دېمەك، يۇقىرىقى مىساللاردا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەينى ۋاقىتتىكى تىلىمىز خاتىرىلەنگەن يازما يادىكارلىقلاردا بۇ سۆز «ئورقۇن» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ سۆزمۇ ماقالىمىزنىڭ بېشىدا ئېيتىپ ئۆتكەن «تەڭرىتاغ»، «قۇرۇم» ئاتالغۇلىرىغا ئوخشاشلا سەرسانلىقتىن كېيىن «ئورخۇن»غا ئۆزگىرىپ قالغان بىچارە ئاتالغۇدۇر. تۈركىيە ۋە باشقا چەت ئەل ئالىملىرىمۇ بۇنىڭ توغرىسى «ئورقۇن» دەپ قارايدۇ. تۈركىيە تۈركولوگى ھۈسەيىن نامۇقنىڭمۇ ئۆزىگە «ئورقۇن (orkun)» دەپ تەخەللۇس قويغانلىقى بۇ نۇقتىنى دەلىللەيدۇ. بۇ ئاتالغۇ ھازىرقى موڭغۇلچە تەلەپپۇزى، رۇس تىلى ۋە باشقا چەت ئەل تىللىرىدىكى تەلەپپۇزىدىن خەنزۇچىغا «鄂尔浑» دەپ تەرجىمە قىلىنغان، بىزمۇ بۇ سۆزنىڭ ئاق- قارىسىنى پەرق قىلمايلا، «ئورخۇن» دەپ ئۆزلەشتۈرۈۋالدۇق. ھازىرغىچە بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە ئېنىق بىر پىرىنسىپ بېكىتىلمىگەچكە، گېزىت- ژۇرنال، نەشرىياتلار بىر- بىرىنى دوراپ «ئورخۇن» دەپ قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ياشاپ ئۆتكەن بىر ۋادىنىڭ نامىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىلىدا بولمىغان بىر تاۋۇش بىلەن ئىپادىلەشنىڭ ئۆزى ئەجدادلىرىمىزغا قىلىنغان بىر ساتقىنلىق. شۇڭا بۇنى ئەسلىي بويىچە «ئورقۇن» دەپ ئېلىش ھەم بېكىتىش زۆرۈر. شۇڭا تارىخچىلىرىمىز، قەدىمكى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىمىز ۋە تىلشۇناس- ئەدىبلىرىمىزمۇ يازمىلىرىدا توغرىسىنى ئىشلەتسە، ئاساسلىقى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىكى مۇھەررىر، كوررېكتورلارمۇ بۇ سۆزنىڭ ئەسلىنى بېكىتىشكە تىرىشسا، مېنىڭچە تارتىشقۇدەك ئىشمۇ يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر