باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

يەنە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈپ سۆزلەر ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار، مۇھەممەدئېلى ئابلىز

2015.01.08 11:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

قىسقىچە مەزمۇنى: ھازىرغىچە تىلىمىزدا نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر بولسۇن ياكى باشقا تىللاردا يېزىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈپ سۆزلەرگە دائىر ئەسەرلەر بولسۇن، «جۈپ سۆز» دېگەن بۇ ئۇقۇم ھەققىدە ئېنىق جاۋاب يوق ياكى ئۇلاردا پەرقلەر خېلىلا بار. مەزكۇر ماقالىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈپ سۆزلەرگە ئائىت تەتقىقاتلار سېلىشتۇرۇلۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈپ سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى ھەققىدىكى پەرقلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى جۈپ سۆزلەر پەرق

ھەممىزگە مەلۇم, جۈپ سۆزلەر ئۇيغۇر تىلى لىكسىكولوگىيەسدە سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشىدىكى بىر تەركىبى قىسىم. ھازىرغىچە تىلىمىزدا نەشر قىلىنغان ئەسەر ياكى ماقالىلەر بولسۇن ياكى باشقا تىللاردا يېزىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈپ سۆزلەرگە دائىر ئەسەر ياكى ماقالىلەر بولسۇن، ئۇلاردا «جۈپ سۆز» دېگەن بۇ ئۇقۇمغا نىسبەتەن بىر خىل ئېنىقسىزلىق خاھىشى مەۋجۇت. ئەھەدجان مۇھەممىدۇللاھ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈپ سۆزلەر ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «مۇلاھىزە» دەپ ئاتايمىز) ناملىق ماقالىسىدە («تىل ۋە تەرجىمە» 2009.1) جۈپ سۆزلەر ھەققىدىكى بىر قىسىم مۇلاھىزىلەر ئاساسىدا ئۆزىنىڭ جۈپ سۆزلەرگە بولغان بەزى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان مەنبەلەردىكى جۈپ سۆزلەرگە دائىر قائىدىلەرنى تۆۋەندىكىگە يىغىنچاقلىغان.
1. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى»دا، «جۈپ سۆزلەر تەڭداش ئىككى بۆلەكنىڭ جۈپلىشىشىدىن ھاسىل بولغان لېكىسىكىلىق بىرلىكلەردۇر» دەپ قاراپ، جۈپ سۆزلەرنى تۈزۈلۈشىگە قاراپ تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلگەن:
1) مەلۇم جەھەتتىن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى سۆزنىڭ جۈپلىشىشىدىن ھاسىل بولغان جۈپ سۆزلەر. بۇ خىل جۈپ سۆزلەر ئىككى سۆزنىڭ مەنە جەھەتتىن يۇغۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ھاسىل بولغان يېڭى بىر لېكسىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسلەن، قىش- ياز (يىل بويى)، دەپتەر- قەلەم (ئوقۇش قوراللىرى)، بۈگۈن- ئەتە (يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە)، جاپا- مۇشەققەت (تۈرلۈك قىيىنچىلىق) دېگەندەك، بۇ خىلدىكى جۈپ سۆزلەرنىڭ مەنە جەھەتتە مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن مۇنداق ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ.
ئا. مەنىداش مۇناسىۋەتتىكى جۈپ سۆزلەر. مەسىلەن:
پۈتمەس– تۈگىمەس، مېھرى- شەپقەت، قايغۇ- ھەسىرەت، ئارزۇ- ئارمان
ئە: تۈرداشلىق مۇناسىۋەتتىكى جۈپ سۆزلەر. مەسىلەن:
دەپتەر- قەلەم، يوتقان- كۆرپە، ئوق- دورا، قوغۇن- تاۋۇز، ئاچ- يالىڭاچ
ب: قارىمۇ- قارشى مۇناسىۋەتتىكى جۈپ سۆزلەر. مەسىلەن:
ئاستىن- ئۈستۈن، ئاق- قارا، ئېگىز- پەس، بۈگۈن- ئەتە، كىرىش- چىقىش، بېرىش-كېلىش
2) بىر سۆزنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولغان جۈپ سۆزلەر. مەسىلەن:
يول- يول، قاچ- قاچ، ئۇر- ئۇر، باس- باس.
3) بىر سۆزنىڭ مۇستەقىل قوللىنىلمايدىغان بىر بۆلەك بىلەن جۈپلىشىشى ئارقىلىق ھاسىل بولغان جۈپ سۆزلەر (بۇ يەردە مۇستەقىل قوللىنىلمايدىغان بۆلەك مەنە دائىرىسىنى كىڭەيتىش رولىنى ئوينايدۇ). مەسىلەن:
بالا- چاقا، قاچا- قۇچا، تۆمۈر- تەسەك، ئاغرىق- سىلاق، مېۋە- چېۋە، كىيىم- كېچەك.
4) بىر سۆزگە (ئىسىملارغا) «پ»، «م» قاتارلىق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قاپىيەداش سۆزلەرنىڭ قېتىلىشى بىلەن ياسالغان جۈپ سۆزلەر (بۇ خىل سۆزلەرمۇ مەنە كېڭەيتىش رولىغا ئىگە. يەنە بىر تەرەپتىن سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىگە غەيرى رەسمىيلىك ياكى ياقتۇرماسلىق تۈسىنى كىرگۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ). مەسىلەن:
نان- پان، چاي- پاي، ئات- پات، پارتا- مارتا، پەلەي- مەلەي
5) مۇستەقىل قوللىنىلمايدىغان ئىككى بۆلەكنىڭ چۈپلىشىپ كېلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولغان جۈپ سۆزلەر. مەسىلەن:
ئوڭغۇل-دوڭغۇل، ئوڭتەي-توڭتەي، ئاپاق-چاپاق، ئەلەڭ- سەلەڭ
2. «قسىقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى»دە، جۈپ سۆزلەرنى ئىككى بۆلەكنىڭ چۈپلىشىپ كېلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولغان لېكسىلىق بىرلىك دەپ قاراپ، جۈپ سۆزلەرنى مەنە ئىپادىلەيدىغان باشقا- باشقا ئىككى بۆلەكنىڭ تەڭداشلىق مۇناسىۋەتتە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان جۈپ سۆزلەر، بىر سۆزنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولغان جۈپ سۆزلەر، قاپىيەداش جۈپ سۆزلەر دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلگەن.
3. «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى»دە، جۈپ سۆزنى «جۈپلەنمە سۆز» دەپ ئاتاپ، ئىككى سۆزنىڭ تەڭداش مۇناسىۋەتتە جۈپلىنىشىدىن ياكى بىر سۆز بىلەن ئادەتتە مۇستەقىل سۆز ھېسابلانمايدىغان بىر تەركىبنىڭ جۈپلىنىشىدىن ھاسىل بولغان لېكسىكىلىق بىرلىك دەپ ئاتىغان. بۇ كىتابنىڭ تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرقى ساننى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ جۈپلىنىشىدىن ھاسىل بولغان جۈپلەنمە سۆزلەر بار. بۇ خىلدىكى جۈپلەنمە سۆزلەر سانلىق مەلۇماتنىڭ ئېنىقسىزلىقى ياكى مۈجىمەللىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن:
قىرىق- ئەللىك، ئون- يىگىرمە، تۆت- بەش، بىر- ئىككى دېگەندەك.
4. فېدرىخ دېيوڭ يازغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى»دا جۈپ سۆزلەرنى ئىككى ئېلېمېنتنىڭ باغلاش بەلگىسى (سىزىقچە) ئارقىلىق باغلىنىشىدىن تۈزۈلگەن لېكسىكىلىق بىرلىك دەپ ئاتىغان. بۇ كىتابتا «پالان- پوكۇن، پالانچى- پۇستانچى» دېگەندەك «نامەلۇملۇق»نى، «ئۇنداق- مۇنداق» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بىرىكمىنىمۇ جۈپ سۆزلەرنىڭ بىر تۈرى قىلىپ كۆرسەتكەن.
يۇقىرىقىلار «مۇلاھىزە» ئاپتورى يىغىنچاقلىغان ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان مەنبەلەردە «جۈپ سۆزلەر»گە بېرىلگەن تەبىرلەر. ئۇ مۇشۇ ئاساستا ئۆزىنىڭ جۈپ سۆزلەرگە بولغان قارىشىنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويغان:
بىرىنچى خىل تەبىرگە بولغان قارىشى: جۈپ سۆزلەردىكى ئىككى بۆلەكنىڭ تەڭداش بولۇپ كېلەلىشى ناتايىن. مەسىلەن، «ئېگىز- پەس»، «شاد- خۇرام» دېگەندەك سۈپەتلەردىن تۈزۈلگەن جۈپ سۆزلەردە، ئىككى بۆلەكنىڭ تۈزۈلۈشى تەڭداش بولالمايدۇ. بۇ يەردىكى تەڭداشلىق مەنە جەھەتتىكى تەڭداشلىقنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى تۈزۈلۈش جەھەتتىكى تەڭداشلىق دېيىلسە، ئۇنداقتا «نان- پان»، «ئاش- پاش» دېگەن جۈپ سۆزلەردىكى «پان، پاش» دېگەن مەنىلىك بۆلەككە تەڭمۇ؟ شۇڭا، بۇلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم.
ئىككىنچى خىل قاراشقا بولغان قارىشى: «قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى»دە، جۈپ سۆزگە ئىككى بۆلەكنىڭ تەڭداشلىق مۇناسىۋىتى جەھەتتىن ئېنىقلىما بەرگەن. جۈپ سۆزلەردىكى ئىككى بۆلەك تۈزۈلۈش جەھەتتىن قاپىيەداش بولالايدۇ. ئەمما «ئاش» «پاش»قا مەنە جەھەتتىن تەڭداش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن، «ئاش- پاش»، «ماي- پاي» دېگەن جۈپ سۆزلەردە ئىككى بۆلەك تۈزۈلۈش جەھەتتىن قاپىيەداش بولغان بىلەن مەنە جەھەتتىن تەڭداش بولالمايدۇ.
ئۈچىنچى خىل تەبىرگە بولغان قارىشى: مۇستەقىل قوللىنىلمايدىغان ئىككى بۆلەكنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان جۈپ سۆزلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. «ئوڭغۇل- دوڭغۇل»، «ئوڭتەي- توڭتەي» دېگەندەك جۈپ سۆزلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. مۆلچەر ساننىمۇ «جۈپ سۆز» دەپ قارىغان. ئەگەر بۇنداق قارايدىغان بولساق، سانلارنىڭ ھەممىسى جۈپ سۆز ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ جۈپ سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش قائىدىسىگە خىلاپ، شۇڭا بۇلار پەقەت مۆلچەرنى، دەرىجىنى بىلدۈرىدىغان سانلاردىن ئىبارەت.
تۆتىنجى خىل قاراشقا بولغان تەبىرى: تۈرگە ئايرىشمۇ يۇقىرىقى تەتقىقات ئەسەرلىرىگە ئاساسەن ئوخشاپ كەتسىمۇ، لېكىن تەتقىقاتچىلىرىمىز ھېس قىلمىغان بەزى نۇقتىلارنى ھېس قىلىپ جۈپ سۆزلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن.
«مۇلاھىزە» ئاپتورىنىڭ قارىشى بويىچە جۈپ سۆزلەر ياسالغاندىن كېيىن لېىكسىكىلىق مەنە بىلدۈرمەستىن، ئىستىلىستىكىلىق مەنە بىلدۈرىدىغان، جۈملىدە سىزىقچە ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدىغان، جۈملىدە بىر سۆز دەپ قارىلىپ ئاخىرقى تەركىبكىلا قوشۇمچە ئۇلىنىدىغان سۆزلەردۇر.
بىرىنجى، جۈپ سۆزلەر ئوخشاش بىر تۈركۈمگە تەۋە بولغان ئىككى تەركىبتىن تۈزۈلىدۇ. (بۇ ئىككى تەركىبنىڭ ھەر ئىككىسى مۇستەقىل بولۇشىمۇ، بىرى مۇستەقىل، يەنە بىر مۇستەقىل بولمىغان بولۇشىمۇ، ھەر ئىككىسى مۇستەقىل سۆزگە تەۋە بولمىغان سۆزلەردىن تۈزۈلۈشىمۇ مۇمكىن)
ئىككىنجى، جۈپ سۆزلەر ئادەتتە باشقا شەكىلدە ياسالغان سۆزلەر (بىرىككەن سۆز، مورفولوگىيەلىك ئۇسۇلدا ياسالغان سۆز)دەك يېڭى لېكسىكىلىق مەنە بىلدۈرمەستىن، بەلكى ئەسلىدىكى تەركىبلەرنىڭ مەنىسى ئاساسىدا ھەر خىل ئىستىلىستىكىلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: قايغۇ- ھەسرەت، ساق- سالامەت، ياخشى- يامان.
ئۈچىنچى، ئىككى بۆلەك سىزىقچە ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. ئاتا- ئانا، ئاق- قارا...
تۆتىنچى، ئەگەر جۈملىدە قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلەشكە توغرا كەلسە، ئاخىرقى تەركىبكىلا قوشۇمچە ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: مەن ئاتا- ئانامنى بەكمۇ سېغىندىم.
ئۇنىڭدىن باشقا، «مۇلاھىزە» ئاپتورى جۈپ سۆزلەرنىڭ ياسالغان شەكلىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىغان بولۇپ، ماقالىمىزنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئالاقىدار مەزمۇنلار قىسقارتىلدى. ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ بۇ ماقالىگە بولغان كۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز:
1. سىزىقچە قويماي تۇرۇپمۇ جۈپ سۆز ياسىغىلى بولىدۇ. «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى»دە «ھازىر زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى جۈپ سۆزلەر قەدىمدىن كېلىۋاتقان ئادەت بويىچە ‹-ئۇ› تاۋۇشى بىلەن باغلىنىپمۇ كىلىدۇ» (ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي، 15- بەت، 2011) دېيىلگەن. مەسىلەن: دەردۇ ئەلەم، ئەيشۇ ئىشرەت، باغۇ بوستان، تاغۇ تاش، ئىنسۇ جىن، خارۇ زار.
دېمەك، ئارىسىغا سىزىق قويۇلۇش جۈپ سۆزلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەمەس، جۈپ سۆز بولالايدىغان بەزى سۆزلەرنى ئارىسىغا سىزىقچە قويۇلماسلىقىمۇ مۇمكىن.
2. ئىككى بۆلەك سىزىقچە ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى جۈپ سۆز بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدە تەكرارلانما سۆز، قاتما سۆزلەرمۇ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قائىدە جۈپ سۆزلەرنى ئېنىقلاشتا پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. مەسىلەن:
قاتما سۆز: قاقتى- سوقتى، قېقىندى- سوقۇندى، باردى- كەلدى.
تەكرارلانما سۆز: يول- يول، چوڭ- چوڭ، تېز- تېز، پارچە- پارچە، پارە- پارە...
ئۇنىڭ ئۈستىگە تىلىمىزدىكى ھەرقانداق سۈپەتلەرنى تەكرارلاپ ئىشلىتىشكە بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھالەت ھازىرقى شېئىرلاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىۋاتىدۇ.
3. «مۆلچەر سان»نى «جۈپ سۆز» دەپ قاراش مەسلىسىگە كەلسەك، «مۇلاھىزە» ئاپتورى «مۆلچەر ساننىمۇ جۈپ سۆز دەپ قارىساق، سانلارنىڭ ھەممىسى جۈپ سۆز ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ جۈپ سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش قائىدىسىگە خىلاپ، شۇڭا، بۇلار پەقەت مۆلچەرنى، دەرىجىنى بىلدۈرىدىغان سانلاردىن ئىبارەت» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ يەردە بىر لوگېكىلىق خاتالىق بار، بىز بۇ يەردە ئالدى بىلەن «سان» بىلەن «جۈپ سۆز» دېگەن ئاتالغۇنىڭ بىر تۈردىكى نەرسىگە تەۋە ئەمەسلىكىنى ئايرىشىمىز كىرەك. جۈپ سۆز ياكى ئەمەسلىكىگە كەلسەك، «ئۇيغۇر تىلى لېكسكولوگىيەسى» دېگەن كىتابتىكى ئېنىقلىمىدا «ساننى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنىڭ جۈپلىنىشىدىن ھاسىل بولغان سۆزلەر جۈپلەنمە سۆز دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىلدىكى جۈپلەنمە سۆزلەر سۆزلىگۈچى ئېيتىۋاتقان سانلىق مەلۇماتنىڭ مۈجىمەللىكى ياكى ئېنىقسىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ» دېيىلگەن. قىرىق- ئەللىك (ئادەم)، ئون– يىگىرمە (ماشىنا)، تۆت- بەش (ئەسىر) دېگەندەك. بۇ يەردىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەر شۇكى، خالىغان ئىككى سان ئۆزئارا قوشۇلۇپ جۈپ سۆز ھاسىل قىلمايۋاتىدۇ، بەلكى بەلگىلىك كونتېكىستقا كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا «جۈپ سۆز» دەپ ئېنىقلىما بېرىلىۋاتىدۇ، ھەرگىزمۇ يەككە تۇرغان ھالىتىدە جۈپ سۆز ئەمەس.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى، جۈپ سۆزلەر ھەققىدە ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەردە ئېنىقسىزلىقلار مەۋجۇت. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللار ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشمىز كىرەك. ئەگەر بۇنى سۆز تۈركۈمى دەپ قارىساق، چوقۇم لۇغەتكە كىرگۈزۈش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان لۇغەتلەردە يۇقىرىقى تەلەپكە چۈشىدىغان جۈپ سۆزلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. شۇڭا لېكسىكا دائىرىسىدە بۇ مەسلىنى ھەل قىلالمىساق، بۇنى لېكسىكا دائىرىسىدىن چىقىرىپ، سىنتاكسىس دائىرىسدە ھەل قىلىش كىرەك دەپ قارايمىز.
ھازىرقى سىنتاكسىس تەھلىلى ئەنئەنىۋى سىنتاكسىس تەھلىلىگە قارىغاندا كۆپ تەرەپلىمە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىغا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن، جۈپ سۆز مەسىلىسى سىنتاكسىسلىق تەھلىل ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئايىغى چىقمس دەتالاشلاردىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن.

پايدىلانمىلار:
{1} خەمىت تۆمۈر: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» (مورفولوگىيە)، بېيجىڭ: مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987.
{2} ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي: «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى ۋە لېكسىكا تەتقىقاتى» مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011.
{3} قازاق س س ر پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى تۈزگەن: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (2- قىسىم). ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985.
{4} مىرسۇلتان ئوسمانوف، مۇھەممەترېھىم سايىت: «قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى». ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1991.
{5} Frederick De Jong: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» (ئىنگلىزچە) UTRECHT. 2007.
{6} ئەھەد مۇھەممىدۇللاھ: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈپ سۆزلەر ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2009- يىللىق 1- سان، ئۇيغۇرچە نەشرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر