باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرى ھەققىدە

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.01.08 11:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئەھۋالى، ئۇنىڭ مەدەنىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، باشقا تىللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش پۇرسىتىدە ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرىنى توپلاش- رەتلەش خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھۈنەر- كەسىپلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇ

مەدەنىيەت ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمگەك داۋامىدا يارىتىلغان، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنى تونۇغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە كېرەكلىك بايلىقلارنى ئىجادىي قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك جۇغلاش- توپلاشلىرىنىڭ نەتىجىسى. مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى شىنجاڭدىكى ئۆزگىچە تەبىئىي مۇھىت، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە مىللەتلەر ۋە ئۇلار قوللانغان تىل- يېزىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇ بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىجتىمائىي تارىخىي ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئىجاد قىلغان ھەم ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋام قىلىپ كەلگەن ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت جۇغلانمىسى. مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مىللەتلەرنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىنى، پسىخىك ھېسسىياتىنى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شىنجاڭ ئەزەلدىنلا كۆپ مىللەت ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن رايون، بۇ رايوندا ھەر مىللەت خەلقى مول ۋە رەڭگارەڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ كەلگەن. «شىنجاڭ يىلنامىسى»دىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭنىڭ 2005- يىلىدىكى مىللەت تەركىبى 55 بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىليون 103 مىڭ 500 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 7 مىليون 980 مىڭ 300 بولۇپ، ئاپتونوم رايون نوپۇسىنىڭ %39.74 نى، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 12 مىليون 101 مىڭ 200 بولۇپ، ئاپتونوم رايون نوپۇسىنىڭ %60.26 نى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 8 مىليون 976 مىڭ 700 بولۇپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %45.73 نى ئىگىلىگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندىن تاشقىرى، يەنە بىر قىسمى سودا، چارۋىچىلىق ۋە ھۈنەر- كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان بوستانلىق تىپىدىكى يېزا ئىگىلىك مىللىتى بولۇپ، ئاشلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىن سىرت، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۇنەرۋەنچىلىكمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر- كەسىپ تۈرلىرى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، داڭلىقلىرىدىن خوتەننىڭ گىلەمچىلىك، يىپەكچىلىك ۋە قاشتېشى، قەشقەرنىڭ كۇلالچىلىق ۋە دوپپىچىلىقى، يېڭىسارنىڭ پىچاقچىلىقى قاتارلىقلار بار. ئۇندىن باشقا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك، بىناكارلىق، بېلىقچىلىق، ياغاچچىلىق، تۆمۈرچىلىك، مىسكەرلىك، زەرگەرلىك، ئويمىكارلىق، نەققاشلىق، مۇزىكا چالغۇلىرى ياساش... قاتارلىق كۆپ خىل ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر سەنئىتى تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە بولۇپ، مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىپ، خەلقئارا بازارغا يۈزلەندى. مەسىلەن، قەشقەر ۋە ئاتۇشتىكى مىمارچىلىق نامايەندىلىرى، تۇرپاننىڭ كارىزى، لوپنۇردىكى ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردىكى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، نۇرغۇن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بەزى ئەنئەنىۋى ھۈنەر- كەسىپلەر پەقەتلا ئادەتتىكى تۇرمۇش قامداش دائىرىسىدىن ھالقىپ، ھازىر ئىقتىسادنى گۈللەندۈرىدىغان، خەلقنى ھاللىق سەۋىيىگە ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم كەسىپلەرگە ئايلانماقتا. بۇنداق كەسىپلەرنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش، نەپىسلەشتۈرۈش، بازارغا يۈزلەندۈرۈش زۆرۈر.
ئۇيغۇر ھۈنەر- كەسىپلىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات تارىخى داۋامىدا ئۆز تۇرمۇش ئەنئەنىسى، مىللىي پسىخىكىسى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ماس كېلىدىغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى يوقلۇقتىن بارلىققا چىقىرىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن ھەمدە ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەرگە ماس كېلىدىغان ئىسلاھاتلارنى قىلىپ قول ھۈنەرۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى تېخىمۇ نەپىسلەشتۈرگەن. ئەپسۇسكى، بىزنىڭ بىر قىسىم قول ھۈنەرۋەنچىلىك تېخنىكىمىز مەلۇم جەمەت، مەلۇم رايون دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قېلىپ، ھازىرقى ئىلغار ماشىنا تېخنىكىسىنىڭ خىرىسى ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالماقتا. بۇنىڭ بىر سەۋەبىنى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ شۇ كەسىپنى زامانغا لايىق تۈجۈپىلەپ بازارغا سالالمىغانلىقىدىن ئىزدىسەك، يەنە بىر سەۋەبىنى شۇ كەسىپكە بولغان تەتقىقات، بازارغا يۈزلەندۈرۈشىمىزنىڭ دېگەندەك ياخشى ئەمەسلىكىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.
ھۈنەر- كەسىپ بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەدەنىيەت ھادىسىسى، ئۇنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنىڭ قائىدە- قانۇنىيەتلىرى، بازارغا يۈزلىنىشى، بازار ئېھتىياجىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ مىللىيلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم بەلگە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئاتالغۇلارنىمۇ تەتقىق قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ ئاتالغۇلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى، يىل دەۋرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسى بولىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت تارىخىمىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تۇراقلاشقان مىللىيلىك ئالاھىدىلىكلىرى ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى تۈرلۈك ئېتنىك تەركىبلەرنىڭ قوشۇلۇشى، بۆلۈنۈش، كېيىن يەنە قايتىدىن قوشۇلۇش ۋە قىسمەن قوشۇلۇش ۋە قىسمەن بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. ئەنە شۇ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مىللىي ئالاھىدىلىكى بولغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرىنىڭ ئاساسى بارلىققا كەلدى ۋە تەدرىجىي راۋاجلىنىپ مۇكەممەللەشتى.
ئۇيغۇر خەلقى ئۆز تارىخىدا ھازىرقى موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدىكى ئورخۇن، سېلېنگا، تۇغلا دەريا ۋادىلىرىدىن تارتىپ تارىم، تەڭرىتاغ، ئىلى، ئالتاي ئەتراپلىرىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايوندا ياشىغان تۈرلۈك ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىش، بۆلۈنۈش ۋە كېيىن يەنە باشقا ئېتنىك تەركىبلەر بىلەن قوشۇلۇش قاتارلىق مۇرەككەپ تەرەققىيات جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ھەر قايسى تۈركىي تىللىق ئۇرۇق- قەبىلىلەر بىلەن بىرىكىشتىن سىرت، يەنە باشقا تائىپىلەر بىلەنمۇ ئوخشاشمىغان دەرىجىدە يېقىنلىشىش ۋە ئۆزئارا سىڭىشىش جەريانلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈنكى موڭغۇل يايلاقلىرى ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قاناتلىرىدىكى بوستانلىقلاردا ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تۈرلۈك ئېتنىك توپلار بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. ياۋرو- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان مەزكۇر بوستانلىقلار تارىختىكى مەشھۇر يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىنى ھاسىل قىلغاچقا، شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرى ئۇچرىشىپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ئاۋات ماكانغا ئايلانغان. جۇڭگونىڭ يىپەك ماللىرى غەربتىكى ئەللەرگە توشۇلىدىغان ئەنە شۇ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنلىرىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا تۈرلۈك تىللارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى جىددىيلەشتى ۋە كېڭەيدى. تارىم ۋادىسىدا ئۇيغۇر تىلى تۈرلۈك تۈركىي قوۋملەر تىللىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا يەنە ساك، سوغدى، توخار (توخرى) تىللىرىدىن ئىبارەت شەرقىي ئىران سىستېمىسىغا كىرىدىغان قەدىمكى تىللار بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.
مەلۇمكى، ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى ئىچىدە ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ راۋاجلانغان تىل. ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرىمۇ تىلىمىزدىكى مۇھىم دىئالېكت تەركىبلىرىنىڭ بىرى. ھازىر ئىلىم ساھەسىدە دىئالېكت چۈشەنچىسى ئوخشاشمايدىغان مەزمۇنلارغا ئىگە بولۇپ تۇرماقتا. غەرب ئالىملىرى دىئالېكتنى بىر قەدەر كەڭ مەنىدە چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ تەبىرىدە مۇئەييەن تىلنىڭ بەلگىلىك زېمىن بىرلىكى، ئىجتىمائىي توپ بىرلىكى ۋە ياكى كەسىپ ئورتاقلىقىغا ئىگە بولغان تۈرلىرى دىئالېكت دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تەبىر بويىچە ئالغاندا، دىئالېكت مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: (1) مەلۇم بىر رايوندىكى ئاھالىنىڭ ئالاقە ۋاسىتىسى بولغان يەرلىك دىئالېكت؛ (2) جەمئىيەتتىكى ئوخشىمىغان تەبىقىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىجتىمائىي توپ دىئالېكتى؛ (3) ھەر قايسى ھۈنەر- كەسىپلەر دائىرىسىنى شەرت قىلغان كەسىپ دىئالېكتى. دېمەك، بىز دەۋاتقان ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرىمۇ كەسپىي دىئالېكت دائىرىسىگە كىرىدۇ. چۈنكى ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرى شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئارىسىدا قوللىنىلىدىغان، ئومۇمىي خەلققە تولۇق تونۇشلۇق بولمىغان تىل تۈركۈمىدىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت ۋە شېۋىلەر لۇغىتى» تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش، توپلاپ- رەتلىنىش ئىشى تېخى ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولغاچقا، بۇ ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ساھەسىدە بىر بوشلۇق بولۇپ تۇرماقتا.
تىلىمىزدىكى بۇنداق كەسپىي دىئالېكتلار ۋە يەرلىك شېۋىلەر تارىخىي يوسۇندا شەكىللىنىدۇ ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يەنە تارىخىي يوسۇندا بىرلىككە كېلىپ يوقىلىدۇ.
«بىر تىل يوقالسا بىر خىل تەپەككۇر ئۇسۇلى يوقىلىدۇ» دېگەننى نەزەرىيە جەھەتتىن توغرا دەپ ئېتىراپ قىلىش كېرەك. دەرۋەقە، تىل بىلەن تەپەككۇر ئۆزئارا زىچ باغلانغان بولغاچقا، تىل يوقىلىش بىلەن شۇ تىلغا باغلانغان مۇئەييەن تەپەككۇر ئۇسۇلىمۇ يوقىلىدۇ. لېكىن بىر مىللەتنىڭ تىلىدىكى كەسپىي دىئالېكت ياكى رايون دىئالېكتىنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىي تىلىغا قوشۇلۇپ كېتىشى ھەرگىزمۇ شۇ كەسپىي دىئالېكت ياكى رايون دىئالېكتى ۋەكىللىك قىلىدىغان تەپەككۇرنىڭ يوقىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ كەسپىي دىئالېكت ياكى رايون دىئالېكتى ماھىيەتتە ئىزسىز يوقىلىپ كەتمەيدۇ، بەلكى باشقا دىئالېكت- شېۋىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي ئەدەبىي تىلىنى بېيىتىدۇ، شۇنداقلا، شۇ ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنىمۇ بېيىتىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، دىئالېكت- شېۋىلەر ئەدەبىي تىلغا يۇغۇرۇلۇپ، بىر پۈتۈن مىللىي تىلنىڭ ئورگانىك قىسمىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئىز- دېرەكسىز يوقىلىپ كەتمەيدۇ. تىلىمىزدىكى تۆمۈرچىلىككە ئائىت قىسمەن ئاتالغۇلارنى كۆرۈپ باقايلى:
ئاتەشكۈ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىدىكى ئوچاقنىڭ شامال كۆزىنى ئاچىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.
پوتال ھەر خىل ئەسۋابلارنى زىننەتلەش، پەردازلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان زىننەت بۇيۇمى.
تولۋۇر تۆمۈرچىلىكتە تۆشۈك تېشىلىدىغان تۆمۈرنىڭ ئاستىغا قويىدىغان تۆشۈكلۈك ياپىلاق تۆمۈر.
تېكىنەك تاقا مىخنىڭ ئۇچىنى قايتۇرىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
تىغچى ئات- ئۇلاغلارنى تاقىلىغاندا، قېقىلغان مىخنىڭ ئۇچىنى كېسىدىغان قەلەم.
جەندىر تۆمۈرگە بۇرما چىقىرىدىغان ئەسۋاب.
جۈپتەك ئىنچىكە ۋە كىچىك نەرسىلەرنى قىسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قىسقۇچ.
دوكپايە تۆمۈرچى، تاقىچىلار ئىشلىتىدىغان بىر خخل سەندەل. «مىخ سەندەل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
سەندەل تۆمۈرچىلەر تۆمۈرنى ئۈستىدە قويۇپ، بولقا ياكى بازغان بىلەن ئۇرۇپ بىر نەرسە ياسايدىغان قۇيما ئەسۋاب.
سىركا تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىنىڭ ئوچىقى.
قەللە قەلەي بىلەن ئاليۇمىننىڭ قېتىشمىسى. تۆمۈر ئەسۋابلارنى پاياتلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
قۇيۇچ پولات، گاڭ.
قىسقاچ چوغلانغان تۆمۈرنى قىسىپ ئالىدىغان قايچىسىمان تۆمۈر ئەسۋاب.
قىلات چاقلانغان پىچاقنىڭ بىسىدىكى سۈيى يانغان ناھايىتى نېپىز قىسمى.
كۆرۈك تۆمۈرچىنىڭ ئوتنى پۈۋلەپ يالقۇنلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، كۆپىنچە ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدىغان قاپسىمان پۈۋلەش ئەسۋابى.
گۇشا چۆگۈننى قاپقاق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان جايى. ئاستى گىرۋەكلىك بولىدۇ.
مورىگول تۆمۈرچىلىكتە يوغانراق تۆمۈرلەرنى قىسىدىغان قىسقۇچ.
ئوچاقنەيزە ئىككى تەرىپىدىن شامال ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان تۆمۈرچىلىك ئەسۋابى.
يۇقىرىقىلار تۆمۈرچىلىككە ئائىت قىسمەن ئاتالغۇلار بولسىمۇ، لېكىن خەلقىمىزنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىدە مەلۇم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن تۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۈزلۈكسىز زامانىۋىلىشىپ، بېيىپ بېرىۋاتقان بۇ كەسىپتە يەنە قانداق يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ۋە كېلىۋاتقانلىقى پەقەت شۇ كەسىپتىكى ئاتالغۇلارنى توپلاش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىقلا ئايان بولىدۇ دەپ ئويلايمىز.
مىللىيلىك ئامىللىرى تولۇق يېتىلمىگەن تىللار ياكى كەسپىي، رايون دىئالېكتلىرى يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن، ھالبۇكى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىللىيلىك ئامىللىرى تولۇق يېتىلگەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى گرامماتىكىلىق تۈزۈلۈشى مۇكەممەل، باي لۇغەت فوندىغا ئىگە بولغان راۋاجلانغان مىللىي تىلدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر قايسى كەسپىي، رايون دىئالېكتلىرىنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەش ۋە باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىنى بېجىرمەكتە. كەسپىي، رايون دىئالېكتلىرى مۇئەييەن مىللىي تىلنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدىكى بىر خىل تارىخىي ھادىسە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەدەبىي تىلنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرىمۇ رايون دىئالېكتلىرىغا ئوخشاشلا ئەدەبىي تىلغا، شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىيات داۋامىدا بارلىققا كەلگەچكە، شۇ دەۋرنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەجدادلارنىڭ ئىستېخىيىلىك مەدەنىيەت ئېڭىدىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىدۇ، ئەدەبىي تىلدا تېخىچە نېمە دەپ ئاتىلىشىنى بىلەلمەي كېلىۋاتقان بەزى زامانىۋى ھۈنەر- كەسىپ ۋە پەن- تېخنىكا ناملىرىنى ئاتالغۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. گەرچە بەزى ھۈنەر- كەسىپلەر زامانىۋى پەن- تېخنىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان پەن- تېخنىكا ئاتالغۇلىرىغا پۈتۈنلەي ئۇيقاش كەلمىسىمۇ، ئەمما تىلىمىزنىڭ ياسىغۇچى، تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلىرىنىڭ ياردىمىدە ياكى مەنە يۈكلەش ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تامامەن ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. ئالايلى، «تىزگىن» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئاتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن سېلىنىدىغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى كۆرسىتەتتى. ئۇنىڭ مەنىسى كېڭەيتىلىپ ھەم كىچىكلىتىلمە، سەتلىمە قوشۇمچىسى «ئەك» قوشۇلۇپ، «تىزگىنەك» دېيىلىپ، تېلېۋىزورلارنى يىراقتىن كونترول قىلغۇچنى كۆرسىتىدىغان بولدى.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى نورمىلىرىنىڭ يېتىلىشى، قېلىپلىشىشى ۋە ئومۇملىشىشى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە كۆپ خىللىشىشى، خەلق ئاممىسى ئىچىدە پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشى ھەمدە تىل ئالاقىسىدە ئورتاق ئەدەبىي تىلنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى نەتىجىسىدە كەسپىي، رايون دىئالېكتلىرىنىڭ ئەمەلدىكى ئىستېمال دائىرىسى تەدرىجىي تارىيىپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى ئاكتىپلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقى بارغانسېرى سۇسلاشماقتا. باشقىچە ئېيتقاندا، بەزى ھۈنەر- كەسىپلەرنىڭ مەلۇم دائىرە بىلەن چەكلىنىپ قېلىشى بىلەن ئەدەبىي تىلدىكى ئىستېمال دائىرىسى تەدرىجىي تارىيىش بىلەن بىللە، ئەدەبىي تىلنىڭ يېزىقتىكى ۋە تەلەپپۇزدىكى تەسىرىنىڭ ئەڭ چەت رايونلاردىكى يەرلىك شېۋىلەرگىچە ئۈنۈملۈك كېڭىيىشى رايون دىئالېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ۋە ئىستېمال دائىرىسىنى تەدرىجىي تارايتماقتا. پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بەزى كەسپىي دىئالېكت ئاتالغۇلىرىنى گاڭگىراتسا، ئەدەبىي تىلنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا رايون دىئالېكتلىرى تەدرىجىي بىرلىككە كەلمەكتە، دىئالېكت ۋە شېۋىلەرنىڭ خاسلىقى ۋە پەرقلىرى ئازايماقتا. مۇقەررەركى، پەن- تېخنىكا ۋە ئورتاق ئەدەبىي تىلنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالدى بىلەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللىي ئەنئەنىۋى ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرى ۋە يەرلىك شېۋىلەر، ئاندىن دىئالېكتلار يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ. تىلىمىزنىڭ ئەنە شۇنداق تەرەققىيات يۈزلىنىشى كەسپىي دىئالېكت ۋە رايون دىئالېكتى تەتقىقاتىنى تەقەززا قىلماقتا. شۇڭا، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، يوقىلىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرى ۋە دىئالېكت- شېۋە سۆزلىرىنى يىغىۋېلىش ئىشى تىلشۇناسلىرىمىز ئالدىدىكى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ تۇرماقتا.
ھۈنەر- كەسىپلەرنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخى، تەرەققىياتى ۋە تېخنىكا تۈسىنى ئېلىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئاتالغۇلارمۇ بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. يەنى بەزى ھۈنەر- كەسىپلەرنىڭ ئاتالغۇلىرى بېيىپ بارسا، بەزى ھۈنەر- كەسىپلەرنىڭ ئاتالغۇلىرى ئىخچاملىنىپ بارىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئاتالغۇلىرى چەت تىللاردىن قوبۇللىنىدۇ. ئالايلى، ئۆي بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرىنىڭ بۇرۇن ئۇيغۇرچە ناملىرى بار بولغان بولسىمۇ، ھازىرقى زامانىۋى بېزەك ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى بىلەن بۇرۇنقى ناملىرى ئۇنتۇلۇپ ياكى پېشقەدەم بېزەكچىلەرنىڭ ئاغزىدا ساقلىنىپ، باشقىلار ئۇنىڭ باشقا تىللاردىكى ئاتالغۇلىرىنى قوللىنىپ كەلمەكتە. يېقىندا بىر تەرجىمان پىچاقنىڭ دەستىسى بىلەن تىغى ئوتتۇرىسىدىكى بۆلگۈچنى ئۇيغۇرچىدا نېمە دەپ ئاتاشنى ئىپادىلىيەلمەي، «ئۇيغۇر تىلىمىز بەك نامراتكەن» دەپ ئاغرىندى. بىز «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دېئالېكت- شېۋىلىرى لۇغىتى»نى ئىشلەش جەريانىدا بۇ ئاتالغۇنىڭ ھەرقايسى رايونلاردا بىرلا ئەمەس، ھەتتا «بەرۋەن — پىچاق، قىڭراق قاتارلىق ئەسۋابلارنىڭ تىغى بىلەن دەستىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قىسمى»، «تولتا — پىچاقنىڭ بىسى بىلەن دەستىسىنىڭ تۇتاشقان جايى ۋە ئۇنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى زىننەتلىك قىسمى» دېگەندەك ئىككى خىل ئاتالمىسى بارلىقىنى بايقىدۇق. دېمەك، تىلىمىزدىكى ئاشۇنداق ھەر خىل ھۈنەر- كەسىپلەرگە ئائىت سۆزلەرنى توپلاپ، تۈرلەر بويىچە ئايرىپ، ئىزاھلاپ چىقساق، ئېھتىياجىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پايدىلانغۇچىلار ئۈچۈن قورال بولسا، ئەھمىيىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە توپلاش- رەتلەش، تەتقىق قىلىنىشىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى بوشلۇق تولدۇرۇلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى موزدۇزلۇق كەسپىگە ئائىت بەزى سۆزلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
ئاپقۇت كۆن ۋە خۇرۇم قاتارلىقلاردىن تىكىلگەن ئاياغلارنىڭ پاشنا ئۈستىدىكى تاش بىلەن ئەستەر ئارىسىغا ئېلىنىدىغان قاتۇرما. كۆپىنچە تارىشا ياكى قېيىش چەمىدىن ئىشلىنىدۇ. بەزى دىئالېكتلاردا بۇ سۆز «ئاخپۇت»مۇ دېيىلىدۇ.
ئاپقۇتچى ئاپقۇت ياسىغۇچى، تەييارلىغۇچى، ئاپقۇت ساتقۇچى كىشى.
بەلچە ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنا ۋە چەم چۆرىسىنىڭ تۈزلەپ سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشىتىلىدىغان تۇتقۇچلۇق تۆمۈر ئەسۋاب.
بۈرەندە موزدۇزلارنىڭ كۆن، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان، تىغى ئاي شەكىللىك، ئەگرى ساپاقلىق ئەسۋابى.
بىگىز موزدۇزچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان، مېتالدىن يىڭنىگە ئوخشاش ئۇچلۇق قىلىپ ياسالغان ياغاچ ساپلىق ئەسۋاب.
پاشنا ئاياغ كىيىمنىڭ تاپىنىغا قويۇلىدىغان، چەم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان قاتۇرما؛ ئۆكچە.
پالقان ئاياغ كىيىمنىڭ سوڭىغا ئورنىتىلغان قەلەي.
پوركاپ ئۆتۈكنىڭ قونچىغا سېلىپ، پاشنىسىنى مىخلايدىغان دۈگىلەك ياغاچ كالتەك.
تۆمۈنە ئۇچى نەيزىسىمان، ئۆتكۈر كېلىدىغان، يىپنى ئىلىپ تارتىدىغان تۆشۈكچىسى بار، تۇتقۇچلۇق چوڭ بىگىز.
چەتنو ئامبۇرنىڭ بىر تۈرى.
چوپسا خۇرۇم، چەم قاتارلىقلارنى سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.
دەزگىل موزدۇزچىلىقتا تىكىلىدىغان كۆن، خۇرۇم قاتارلىقلارنى قويۇپ ئۈستىدىن باستۇرۇپ تۇتۇپ تۇرىدىغان تاسما.
دەستەك ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا چاپلانغان، باشلىققا ئۇلاپ تىكىلىدىغان قىسمى.
دۇپىي موزدۇزلۇقتا ئاياغنى چەملەش، مىخلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، شەكلى پۇتقا ئوخشايدىغان، بىر تەرىپىنى كۆتەك ياكى يەرگە قېقىپ قويىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
دىستە ئاياغنىڭ پاشنىسى.
روپچىك موزدۇزلۇقتا ئىچ چەم بىلەن باشلىقنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تىكىلىدىغان تاسما.
سەيدۇ تېرە، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان پىچاق.
كاسىۋال ئۈچ قىرلىق ئېكەك.
كوۋا موزدۇزلار رەختنى تۈزلەش، چىڭداش، پاشنا قاتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان، تاپىنى كەڭ مېتال ئەسۋاب.
مۇلغۇي موزدۇزنىڭ شىلىمى.
نال ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا ياكى چەمنىڭ ئۇچىغا قېقىلىدىغان، تۆمۈر بۇيۇم، كىچىك تاقا.
ئۇلتاڭ ئاياغ كىيىمنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى، دەسسىلىدىغان يېرى؛ تاپان، چەم.
ئۆكچە ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسى.
ئىسمائىلتاپ موزدۇزلۇقتا يىپنى ئىلىپ قويۇپ ئىشلىتىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.
يانتوقا ئاياغ كىيىمنىڭ ئاياغنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يان تەرەپتىكى توقىسى.
موزدۇزلۇق ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر كەسپى. بۇ كەسىپ ھازىرقى دەۋرىمىزدە زامانىۋى ماشىنا، زاۋۇتلارنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، كەڭ يېزىلىرىمىزدا يەنىلا قولدا تىكىلگەن ئاياغ كىيىملەر ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يوقاتقىنى يوق. شۇڭا، زامانىۋى ماشىنىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر موزدۇزچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ئۇنىڭدا بارلىققا كەلگەن سۆز- ئاتالغۇلار يەنىلا بىزنىڭ قېدىرىپ تەكشۈرۈشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرىغا چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلارمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. چۈنكى بەزى يەرلىك قول ھۈنەر سەنئىتى گەرچە مىللىي مەدەنىيەتكە مەنسۇپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن، بەزىلىرى زامانىۋى پەن- تېخنىكا بىلەن زامانغا لايىقلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، چەت تىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇ خىل ئەھۋال ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئالايلى، موزدۇزچىلىققا ئالاقىدار ئاياغ كىيىملەرنىڭ بىر قىسمى چەتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر جۈملىسىگە كىرىدۇ. مەسىلەن:
بەتىنكە [رۇسچە] كۆن ياكى خۇرۇمدىن تىكىلگەن قىسقا قونچلۇق بىر خىل ئاياغ كىيىمى.
باجىڭگىر [خەن‹رۇسچە] كۆن، خۇرۇم قاتارلىق رەختلەردىن تىكىلگەن كالتە قونچلۇق، بوغقۇچلۇق ئاياغ كىيىمى، قونچلۇق توپلەي.
بوتىي [رۇسچە] ئاياللار ۋە بالىلار كىيىدىغان قىسقا قونچلۇق، قونچىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ۋە بوغقۇچلايدىغان جايىغا تېرە تۇتۇلغان قىشلىق بەتىنكە.
توپلەي [رۇسچە] ئەر- ئاياللارنىڭ يازلىق ئاياغ كىيىملىرىنىڭ ئومۇمىي نامى.
چوسۇنكا [رۇسچە] قونچى كىگىز، باشلىقى خۇرۇم، تاپىنى چەمدىن ئىشلەنگەن پاشنىلىق پىيما.
شىبلىت [رۇسچە] خۇرۇمدىن تىكىلگەن ئەرەنچە كۈزلۈك، ئەتىيازلىق ئاياغ.
موما خەي [خەنزۇچە] رەختتىن تىكىلگەن قىشلىق ئاياغ كىيىمى.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، مەيلى قايسى ھۈنەر- كەسىپكە ئالاقىدار ئاتالغۇلار بولسۇن، تىلىمىزدا چەت تىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئاتالغۇلار يوق دېيەرلىك. بۇمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرىنى توپلاپ- رەتلەش ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز- ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەدەبىي تىل نورمىسىنى بېيىتىش، ئاۋام خەلققە ئومۇملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، شۇ ھۈنەر- كەسىپنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدىكى ئاممىۋى ئاساسىنى تىكلەش، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىش تەرەققىي قىلىش جەريانىنى ئېنىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ رېئال تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئارقىلىق شۇ ھۈنەر- كەسىپنىڭ كەسىپلىشىش، كۆلەملىشىشى ئۈچۈن ئاساس تىكلەپلا قالماستىن، شۇ ھۈنەر- كەسىپنىڭ بازارغا يۈزلىنىشى، ماركا تىكلىشى، ئىناۋەت تىكلىشى، مىللىيلىكىنى نامايەن قىلىشى ئۈچۈنمۇ ئاساس بولالايدۇ. خەلقىمىز باغۋەنچىلىككە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان، باغۋەنچىلىكتە ئۆزىگە خاس جەريان ياراتقان خەلق. تىلىمىزدىكى ئۆرۈكچىلىك ۋە قوغۇنچىلىققا ئائىت بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى كۆرۈپ باقساقلا، بۇنىڭ ھەقىقەتەن زور تىل بايلىقى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. مەسىلەن:
ئابىناۋات قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى. پوستى سېرىق، تەمى شېرىن كېلىدۇ.
ئاق ئۆرۈك ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى. رەڭگى ئاق سېرىق، پىشقاندا تېخىمۇ سۈزۈلىدۇ، تەمى بەك تاتلىق.
ئاقچى قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى.
ئاقناۋات قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى.
ئاق ياغلىق ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى. چوڭ- كىچىكلىكى جانانە ئۆرۈكتەك بولىدۇ، ئەمما ئاق ئۆرۈككە ئوخشاش ئاق سېرىق پىشىدۇ.
بەگزادە قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى. ئۆزى كىچىك، ئۇزۇنچاقراق، شاپىقى نېپىز، سىرتى تۈكلۈك، بىرئاز تىلىم- تىلىم، ئىچى قىزىل ۋە كۆكۈچ بولىدۇ، تەمى تاتلىق.
بىجىنار ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى.
بىشەكشىرىن قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى. پوستى تالالىق، ئېتى قېلىن، سۇلۇق ھەم ناھايىتى تاتلىق.
تويۇنئۆرۈك ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى.
چارپېلەك قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى.
چارچۈرۈك قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى.
چىلگە قوغۇننىڭ ئەڭ بالدۇر پىشىدىغان بىر خىل سورتى. ئۆزى كىچىك، شەكلى يۇمىلھق ھەم تالا- تالا، رەڭگى پىشقاندا سېرىق، تەمى تاتلىق ۋە سۇلۇق بولىدۇ.
خەمەك يېڭى چۈشكەن قوغۇن سويمىسى.
خۇۋەينى ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى، مېۋىسى يۇمىلاق، بەزى سورتلىرىنىڭ تۇخۇمسىمان، پوستى قېلىن، رەڭگى يېشىلسىمان سارغۇچ، ئاپتاپ تەگكەن تەرىپى قىزىرىدۇ، ئېتى ئۇرۇقچىسىدىن ئاجرايدۇ، تەمى تاتلىق، سۈيى كەمرەك، شىرنىلىك، خۇشبۇي بولىدۇ.
سەپچى قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى.
سەۋزىنازۇك قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى.
سويما يېڭىدىن چۈشكەن، پىشمىغان خام قوغۇن.
شېكەر سۈيى قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى. شەكلى يۇمىلاق ۋە چىلگىدىن چوڭ، تەمى تاتلىق ھەم شېرنىلىك كېلىدۇ.
شېكەرشۈن قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى. تەمى ناھايىتى تاتلىق.
غورا ئۆرۈكنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەن مېۋىسى.
غۇندەك ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى. مېۋىسىنىڭ شەكلى يۇمىلاق، كۆكۈچ سېرىق بولۇپ، پوستى نېپىز، سۇلۇق، بالدۇر پىشىدۇ، مېغىزى تاتلىق.
قارىقاش قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى.
قارىقوتۇر قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى.
قارىكۆسەي قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى.
قۇممەت ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى.
قىزىلاڭ ئۆرۈكنىڭ ئالا بولماستىن تۇرۇپلا، غورىسى قىپقىزىل قىزىرىدىغان بىر خىل سورتى.
گۈلە ئۆرۈك مېۋىسىنىڭ قۇرۇتۇلغىنى.
گۈلىچى ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى.
مايسەن ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى، مېۋىسىنىڭ شەكلى يۇمىلاقراق، كاسا ئوتتۇرىسىدا سىزىقچىسى بار، ئېتى يۇمشاق، تاتلىق، سۇلۇق، خۇشبۇي. پوستى نېپىز ۋە تۈكلۈك، ئېتى ئۇرۇقچىسىدىن ئاجرايدۇ، مېغىزى تاتلىق، 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا پىشىدۇ.
مورۇشۇ ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى. مېۋىسى بىرقەدەر يوغان ھەم ئەتلىك بولۇپ، گۈلە قۇرۇتۇشقا ئىنتايىن باب كېلىدۇ.
موللاۋى ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى.
مىجىگەن قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى. سىرتى ئاساسەن سېرىق، قارا يولى بار، تورلىشىپ پىشىدۇ، ئۇزۇن ساقلاشقا بولىدۇ، ئېتى چۈرۈك.
ناشېكەر قوغۇننىڭ بىر خىل سورتى. تەمى بەك تاتلىق.
ئوينىغۇچ قوغۇننىڭ بالدۇر پىشىدىغان بىر خىل سورتى. چوڭلۇقى مۇشتتەك بولۇپ، يوغىنىمايدۇ؛ چىلگە.
ئەپسۇسكى، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئاتالغۇلار تىلىمىزدىكى ئۆرۈك ۋە قوغۇن سورتلىرىغا ئائىت بارلىق ئاتالغۇلار بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ ئۇنىۋېرسال لۇغەتلىرىمىزگە كىرگۈزۈلگەن قىسمەن ئاتالغۇلاردۇر.
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى، يۇقىرىقى سورتلارنىڭ بىر قىسمى ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تولۇق ئىزاھلانغاندىن تاشقىرى، كۆپىنچىسى قايسى تۈردىكى مېۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەنلا چەكلەنگەن. دېمەك، بۇ ساھەدىكى قېدىرىش، تەكشۈرۈش مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، ئۇنى تولۇق ئىزاھلاش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ئۆز يېرىمىزگە ماس كېلىدىغان، خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان بۇنداق مېۋە سورتلىرىنى تولۇق ئىزاھلاپ، لۇغەتلىرىمىزدىن ئۇنىڭغا بەلگىلىك ئورۇن بېرىپ، بۇ مېۋە سورتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئەۋلادلارنى، ئومۇمىي خەلقنى خەۋەردار قىلىش تىلشۇناس، ئاتالغۇشۇناسلارنىڭ ئالدىدىكى باش تارتىپ بولماس ۋەزىپىسى. بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھىيىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى جاھانغا يۈزلەندۈرۈش، شىنجاڭدىكى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىشتا، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. رايونىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش خۇرۇچى بولغان بۇنداق مېۋە سورتلىرىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ توپلاش، تەتقىق قىلىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار ئەلۋەتتە.
ھازىر مەملىكىتىمىزدە ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «غەربنى كەڭ ئېچىش» جەريانىدا، تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش مەسىلىسىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويدى، بىراق، فىلولوگىيە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش، بولۇپمۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغداش مەسىلىسى كۆپ تىلغا ئېلىنمىدى ياكى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنمىدى.
غەربنى كەڭ ئېچىش جەريانىدا، غەربىي رايونلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە قوغداشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىشى لازىم. غەربىي رايوندا 51 ئاز سانلىق مىللەت تارقىلىپ ياكى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، غەربىي رايوننىڭ %80 زېمىنىنى، غەربىي رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %30 نى ئىگىلەيدۇ،
بىزنىڭ شىنجاڭ ئەزەلدىنلا كۆپ مىللەت ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن رايون، بۇ رايوندا ھەر مىللەت خەلق مول ۋە رەڭگارەڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ كەلگەن. ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھازىر يەر شارىدا تەخمىنەن ئىككى ھەپتىدە بىر خىل تىل يوقىلىۋاتىدۇ. ئېلىمىزدىكى رەڭدار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلغان 56 مىللەتنىڭ 80 نەچچە خىل تىل ياكى دىئالېكتى بار (بەزى تىللار بىلەن دىئالېكتلارنىڭ چېگرىسى تېخى ئايرىلمىدى)، مانا بۇنداق مەدەنىيەتنى ھېچقانداق كىشى، ھېچقانداق دۆلەت بەرپا قىلىشقا قادىر ئەمەس، بۇ مەدەنىيەت يوقالسا، خۇددى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى داڭشياڭ مىللىتىنىڭ شىشيا تىلى يوقالغاندەك، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئېچىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىل مەدەنىيىتىنى قوغداشقا سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن، كېيىنچە قۇتقۇزىمىز دەپ شۇنچە كۈچ سەرپ قىلىپمۇ قۇتقۇزالماي قالغان ئەھۋاللار بولغان. ئالايلى، ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ تىلى ئەنە شۇنداق ئېچىش داۋامىدا يوقالغان.
خەلقىمىز ئىچىدە يۇقىرىقىدەك ھۈنەر- كەسىپ ساھىبلىرى بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ ياكى ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار خىرىسقا دۇچ كېلىپ، ئىشلىتىلىش چاستوتىسى تۆۋەنلەپ، قوبۇللىما سۆزلەر (ئاتالغۇلار) ئەسلىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسەۋاتىدۇ. ئاساسىي قاتلاملارغا، شۇ ھۈنەر- كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۈنەر- كەسىپ ئاتالغۇلىرىنى توپلاپ رەتلەپ ھەم تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش ئۈچۈن بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى يىغىشىمىز ھەمدە ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت نەتىجىلىرىمىزنىڭ مىللىيلىكىنى، خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز، زامانىۋى پەن- تېخنىكا ۋاسىتىلىرى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىۋاتقان پەن- تېخنىكا ئاتالغۇلىرىغا مىللىي ئاتالغۇلىرىمىز ئىچىدىن سۆز تاللاشنى تېخىمۇ زور ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم. پۇتۇن دۇنيا تىلشۇناسلىرىغا ئورتاق بولغان بىر قاراش شۇكى، ھەرقانداق بىر تىلنىڭ يوقىلىشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ! شۇنداق بولغانىكەن، ھەرقانداق بىر ئىجادىي، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن ياسالغان ئاتالغۇنى زامانغا لايىق قوللىنىلىش چاستوتىسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مەنە يۈكلەش، مەنىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۇنى زامانىۋى ئاتالغۇلارنى ئىپادىلەشنىڭ ئاساسى قىلىش زۆرۈر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر