باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئارقىلىق ئىستېمالىمىزدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئېتمولوگىيەسىگە نەزەر

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار ، ئەھمەد تۇرسۇن

2015.01.08 11:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى



قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدە ھازىر ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىدا قوللىنىلىۋاتقان «ئۆگىنىش، يۇقىرى، جېسەك، ئۆيۋاق، ئۈگۈت، ئېگىن- ئاياغ، قومۇچ» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئېتىمولوگىيەسى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىكى ئىزاھلار ۋە بايانلار ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلىپ، تىلىمىزدىكى بۇ سۆزلەرنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىش مەنبەسى كۆرسىتىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: بىر قىسىم سۆزلەر دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ئېتىمولوگىيە

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم دىيالىكىت- شېۋە سۆزلىرى، ئىشلىتىلىش چاستوتىسى بەك يۇقىرى بولمىغان سۆزلەر، فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ مەنىسىنى ئاڭقىرىغىلى بولمايدىغان سۆزلەر بىزدىن تارىخىي سېلىشتۇرما تىلشۇناسلقتىن پايدىلىنىپ يېشىپ چۈشەندۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. 11- ئەسىردە يېزىلغان شاھانە ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىزگە تۈركىي تىللارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جەۋلانىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاش، چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇر- دېرەك بېرىدىغان ئېنسىكلوپېدىك يادىكارلىق. «دىۋان» مەھمۇد كاشىغەرى ئۆزى بايان قىلغاندەك «بۇندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە» (مەھمۇد كاشغەرى: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىل نەشرى 1- توم 7- بەت) تۈزۈلگەن، ئىلمىيلىكى، قىممىتى ناھايىتى يوقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان بولغاچقا، شۇنداقلا ئەينى دەۋر تۈركىي تىللىرىنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرىدىغان قوش تىللىق ئىزاھلىق لۇغەت بولغاچقا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئېتمولوگىيەسىنى ئېنىقلاشتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
«دىۋان»دىن ئايانكى، سۆز ياساشتا پېئىللاردىن سۆز ياساش ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى قىلىنغان. ئاپتور كىتابىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا پېئىللاردىن ئىسىم ياسايدىغان ھەرپلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار: ا- ئېلىف، ت-t، ج-q، ش-x، غ-¤، ق-k، قاتتىق كاف-k، ق بىلەن ك ئارىلىقىدا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان يۇمشاق كاف-g، ل-l، م-m، ن-n، و- ۋاۋلاردىن ئىبارەت ئون ئىككى ھەرپ. «دىۋان»نى خاتىرىلىگەن يېزىقتا سوزۇق تاۋۇشلار زىر، زەبەر مەدلەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەچكە، بۇ ھەرپلەر ئاساسەن ئۈزۈك تاۋۇشتۇر (ا- ئېلىف ئا، ئە، ئى، ئې تاۋۇشلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، و- ۋاۋ ھەرپى ئىللەت بولۇپ، ھەم سوزۇق تاۋۇش ھەم ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ). شۇڭا پېئىل تومۇرىغا بىر ھەرپ قوشۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن بىرىكىپ، ئاندىن ئىسىم ياساشقا قاتنىشىدۇ. دېمەك، ئاپتورنىڭ «پېئىلدىن ئىسىم ياسايدىغان ھەرپ» دېگىنى ئەمەلىيەتتە ياسىغۇچى قوشۇمچىلاردۇر. شۇ تەرىقىدە بۇ ھەرپلەر پېئىل تومۇرىغا قوشۇلۇپ پېئىل ئىپادىلگەن ھەرىكەتنىڭ ئورۇندىغۇچىسى ۋە نەتىجىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنى ياسايدۇ. مەسلەن: سۈپۈرگۈ، پىچغۇ (پىچاق)، ئۆگە، بىلگە، ئورغاق، بۇلنۇر (ئەسىر، تۇتقۇن)... دېگەندەك.
بىز بۇ ماقالىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قانچە سۆزنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى «دىۋان»دىكى ئىزاھلار ۋە بايانلار ئاساسىدا ئېنىقلاپ بېقىشنى مەقسەت قىلدۇق.
1. ئۆگىنىش بۇ «ئۆگەنـ-» پېئىلىنىڭ ئىسىمداش شەكلى بولۇپ، بۇ يەردە تەھلىل قىلىدىغىنىمىز ئۇنىڭ يىلتىزى.
«ئۆگەنـ-» پېئىلىنىڭ «دىۋان»دىكى ئۆزلۈك دەرىجە، ئاددىي ئۆتكەن زامان شەكلى «ögrändi» («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 1- توم 335- بەت) شەكلىدە؛ مەجبۇرىي دەرىجە، ئاددىي ئۆتكەن زامان شەكلى «ögrätti» («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 1- توم 346- بەت، 1981) شەكلىدە خاتىرىلەنگەن. ئاددىي ئۆتكەن زاماننى بىلدۈرىدىغان «-di//-ti» قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋەتسەك، «-ögrän»، «-ögrät» قالىدۇ. بۇ يەردىكى «ن-n» تاۋۇشىنى مەھمۇد كاشغەرىي «ئىشلىگۈچىنىڭ بىر ئىشنى باشقىلار ئارىلاشمىغان ھالدا ئورۇندىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»1- توم 29- بەت، 1981) دەپ كۆرسىتىپ، مەزكۇر تاۋۇشنى قوشۇمچە سۈپىتىدە ئىزاھلايدۇ. بۇ يەردىكى «باشقىلار ئارىلاشمىغان ھەرىكەت» دېگەنلىك دەل پېئىللاردىكى ئۆزلۈك دەرىجىنى كۆرسىتىدۇ، ياكى شۇ ئۇقۇم بىلەن تامامەن ئوخشاش. «ت-t» تاۋۇشى بولسا «پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسىنى ياسايدۇ» («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 1- توم 25- بەت، 1981). دېمەك، پېئىللارنىڭ دەرىجىلىرىنى ياسايدىغان بۇ گىرامماتىكىلىق تەركىبلەرنى (تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنى) چىقىرىۋەتكەندە، پېئىل تومۇرى «ögrä» بولۇپ چىقىدۇ.
بۇ پېئىلنىڭ يىلتىزىغا كەلسەك، «دىۋان»دا «gö ئەقىل، پەم، زېھىن. ئەقىللىق، زېھىنلىك ۋە ياشتا چوڭ كىشىلەر ‹ägö›دېيىلىدۇ» («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 1- توم 67- بەت، 1981) دەپ ئىزاھلانغان سۆز بار. «rä-//-ra» قوشۇمچىسى تۇرغۇن سۆزدىن پېئىل ياسايدىغان ياسىغۇچى قوشۇمچىدۇر. مەسلەن: كونا+را ← كوناراماق (كونىرىماق)، ئەسكى +رە ← ئەسكىرەمەك (ئەسكىرىمەك)، مۆ+رە ← مۆرەمەك (مۆرىمەك)... بۇ باياندىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، «-ögrä» پېئىلى «ئەقىل، زېھىن، پەم» مەنىسىدىكى «gö» دېگەن ئىسىمغا ياسىغۇچى قوشۇمچە «rä-» قوشۇلۇپ ياسالغان بولۇپ، ئەسلى لۇغەت مەنىسىنى «ئەقىل، پەم ئىگىلىمەك» دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
بۇ پېئىلنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلساق، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «-ö» دەپ بىر پېئىل بولۇپ، مەنىسى ئويلىماق، چۈشەنمەك (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئوي» سۆزى يۇقىرىقى پېئىلدىن كېلىپ چىققان، دەپ قاراشقا بولىدۇ). «دىۋان»دا «ägö ـــ ئەقىل ۋە تەجرىبىدە بەك يۇقىرى بولغان كىشىلەرگە ئېيتىلىدىغان سۆز ‹ödi näŋni ـــ نەرسىنى ياخشى چۈشەندى›دېگەن ئىبارىدىكى ‹ödi› سۆزىدىن ياسالغان» («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 1- توم 13- بەت، 1981) دەپ يېزىلغان بايان بار. بۇ بايانلاردىن بىز «gö» سۆزىنىڭ يىلتىزىنىڭ «ئويلىماق، چۈشەنمەك» مەنىسىدىكى «-ö» پېئىلى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. شۇ بويىچە بولغاندا، «-ö» پېئىلىدىن ئاۋۋال «gö» كەلىمىسى ياسىلىپ، ئۇنىڭدىن «-ögrä» پېئىلى ياسالغان (ئۆ ← ئۆگ ← ئۆگرە)، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
ئۆزلۈك دەرىجىدىكى «ögrän»، مەجبۇرىي دەرىجىدىكى «-ögrät» شەكلى كېيىنچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە تاۋۇش ئالمىشىش يۈز بېرىپ «ئۆرگەنمەك»، «ئۆرگەتمەك» بولغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە كەلگەندە تىتىرەڭگۈ تاۋۇش «ر» چۈشۈپ قېلىپ «ئۆگەنمەك» شەكلىدە تۇراقلاشقان. بۇنى مۇنداق كۆرسىتىشكە بولىدۇ: ئۆگرەن ← ئۆرگەن ← ئۆگەن؛ ئۆگرەت ← ئۆرگەت ← ئۆگەت.
2. يۇقىرى تىلىمىزدا بۇ سۆز بىر قانچە خىل مەنىگە ئىگە.
① ئىسىم. مەلۇم نەرسىنىڭ باش تەرىپى، بېشى. مەسىلەن: ئۆستەڭنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بىر ئېگىز تاغ بار.
② سۈپەت. باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئارتۇق، ئەلا. مەسىلەن: △ يۇقىرى نەتىجە △ يۇقىرى باھا △ سېتىشنى خالىمىغان مالنىڭ باھاسى يۇقىرى (ماقال).
③ ئىسىم. ئۆينىڭ ئىشىكىگە، پەگاھقا نىسبەتەن قارىمۇ قارشى تەرەپتىكى جاي، تۆر. مەسىلەن: بەگ بالىلىرى موللا زەيدىننى ھۆرمەت بىلەن يۇقىرى ئۆتكۈزدى.
④ ئىسىم. يېتەكچى تەشكىلات، رەھبىرىي ئورگان. مەسىلەن: يۇقىرىغا مەلۇم قىلماق.
⑤ ئىسىم. ئالدىنقى، ئۆتكەنكى، بۇرۇنقى. مەسىلەن: ئۇ خەتنى چىقىرىپ، يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنى ئۇنىڭغا بىر- بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. («ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 6- توم 622- بەت، 1998)
«دىۋان»دا «yoq يوقۇرى، ئېگىز، دۆڭ» («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 3- توم 3- بەت، 1984) دەپ ئىزاھلانغان بىر سۆز بار بولۇپ، «yoq yärـــ دۆڭ يەر، ئېگىز يەر» دېگەن مىسال كەلتۈرۈلگەن. «يۇقىرى» كەلىمىسىنىڭ قەدىمىي شەكلى «yoqaru//yoqğaru» («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 2- توم 3-، 6-، 106- بەتلەر،1981؛ 3- توم 250-، 388- بەتلەر، 1984) بولۇپ، بۇ سۆز «yoq» كەلىمىسىگە يۆنىلىش كېلىشنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچە «-GARU»نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان. ئۇندىن باشقا «دىۋان» 2- توم 520- بەتتە «yoqlatti يۇقىرىلاتتى، ئۆرلەتتى» دەپ بىر سۆز خاتىرىلەنگەن. بۇ سۆزنىڭ سېمانتىكىلىق مەنىسىدىن قارىغاندىمۇ يىلتىزى «yoq» بولۇپ، ئىسىمدىن پېئىل ياسىغۇچى ئاكتىپ قوشۇمچە «–لا» قوشۇلۇپ ياسالغانلىقى ئېنىق.
قوشۇمچە قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىككى يۈرۈش يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىمنىڭ كېلىش كاتىگورىيىسى ئىچىدە «-GA» قوشۇمچىسى سۆزلىنىدۇ، «-GARU» قوشۇمچىسىنىڭ تەسىرى بار دەپ قارالمايدۇ (Sir Gerard Clauson: An Etymological dictionary of Pre- Thirteenth- Century Turkish P906). ئادەتتە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا پېئىلغا بېقىنغان ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرلىك سۆزلەر پېئىل ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ ھالىتىنى بىلدۈرگەندە «-غا، -قا، -گە، -كە» قوشۇمچىلىرى قوشۇلۇپ كېلىپ شۇ پېئىل ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ يۆنىلىشى ۋە مەقسىتىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ. مەسىلەن: △ يولغا چىقماق △ ئۆيگە قايتماق △ دەرسكە چىقماق △ بازارغا بارماق...
ئەمما «يۇقىرى» دېگەن سۆز پېئىلغا بېقىنىپ يۇقىرىقىدەك سۆز بىرىكمىسى تەشكىل قىلغاندا، يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى قوشۇلمايدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن:
△ بەگ بالىلىرى موللا زەيدىننى ھۆرمەت بىلەن يۇقىرى ئۆتكۈزدى.
△ ھاجىكا، يۇقىرى ئۆتسىلە.
△ گاز شارى ئاستا- ئاستا يۇقىرى ئۆرلىدى.
«دىۋان»دا بۇ سۆز جۈملە ئىچىدە بەش يەردە ئۇچرايدۇ ( «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 2- توم 3- بەت، 6- بەت، 106- بەت، 1983؛ 3- توم 250- بەت، 388- بەت، 1984):
△ ار يقارۇ قبدى är yoqaru qopdi
△ ار يقارۇ تردى är yoqaru turdi
△ ار يقارۇ يارن سغردى är yoqaru sağurdi
(قالغان جۈملىلەرمۇ قۇرۇلما جەھەتتىن ئوخشاش)
بۇ مىساللاردىكى «يوقارۇ قوپماق // يوقارۇ تۇرماق» دېگەن قۇرۇلمىلار گىرامماتىكىلىق مەنە جەھەتتىن «يولغا چىقماق، ئۆيگە قايتماق» دېگەن قۇرۇلمىلار بىلەن ئوخشاش، يەنى، سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدا ئىسىم خاراكتېرلىك سۆز بىلەن پېئىلنى باغلاپ تۇرىدىغان ئامىل كېلىش قوشۇمچىسىدۇر. خۇددى «يول چىقماق، ئۆي قايتماق» دېگىلى بولمىغىنىدەك، «يوقارۇ قوپماق، يوقارۇ تۇرماق» بىرىكمىسىدە ھەرىكەتنىڭ يۆنىلىشىنى ئىپادىلەيدىغان بىر گىرامماتىكىلىق قوشۇمچە «-قارۇ» مەۋجۇت، شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ سۆز يىلتىزى «yoq» بولۇپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى تىل ئىستېمالىمىزدىكى «يۇقىرى ئۆتسىلە، يۇقىرى ئۆرلىمەك» دېگەن قۇرۇلمىلاردا يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسىغا ھاجەت چۈشمەسلىكىدىكى سەۋەب دەل «يۇقىرى» سۆزىنىڭ «دۆڭ، ئېگىز» مەنىسىدىكى تۈپ سۆز «yoq» ئۆزىكىگە يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى «-GARU» قوشۇلۇپ ياسالغانلىقتىن، ئوخشاش مەنىدىكى گىرامماتىكىلىق قوشۇمچە بىر سۆزدە تەڭلا كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولمايدۇ، شۇڭا «يۇقىرى» سۆزىدە لېكسىكلىق مەنە بىلەن گىرامماتىكىلىق مەنە (يۆنىلىش كېلىش) شۇ بىرلا «يۇقىرى» سۆزى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.
تىلىمىزدا يەنە بىر قانچە سۆز باركى، قۇرۇلما ۋە گىرامماتىكىلىق مەنە جەھەتتىن «يۇقىرى» كەلىمىسى بىلەن ئوپمۇئوخشاش. مەسلەن:
△ ئﯩﭽ- ﮕﻪﺭۈ ← ئىچكىرى.
△ تاﺷ-ﻘﺎرۇ ← تاشقىرى.
△ ئﯩﻠﻜ- ﮕﻪﺭۈ ← ئىلگىرى
بۇ سۆزلەرمۇ دەل «يۇقىرى» كەلىمىسىگە ئوخشاش تۈپ سۆزلەرگە قوشۇلغان كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن ئايرىلماس بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، مۇئەييەن دەرىجىدە يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى «-GARU»نىڭ تەسىرىنى بۈگۈنگىچە يوقاتمىغان. «ئىچكىرى كىرسىلە، تاشقىرى چىقماق، تاشقىرى ئۆي، ئىلگىرى باسماق» دېگەن بىرىكمىلەر يۆنىلىش كېلىش تەلەپ قىلمايدۇ، بۇ دەل ئوخشاش گىرامماتىكىلىق قوشۇمچىنىڭ قاتلىنىپ كەلمەيدىغانلىقىدىن بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتالايمىزكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «-GARU»نىڭ گىرامماتىكىلىق رولى قالدۇق ھالەتتە ساقلانغان.
3. جېسەك ئۇيغۇر تىلىدا بۇ سۆز «چارلاش، كۆزىتىش، نازارەت قىلىش» دېگەن مەنىگە ئىگە. كېچىدە چارلاش ئېلىپ بارىدىغان ئادەم «جېسەكچى» دېيىلىدۇ. مەسىلەن:
سېپىل سىرتىدا جېسەكتە تۇرىۋاتقان چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرۇپ- تۇرۇپ يۆتىلىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ تېخى ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.
«دىۋان»دا «yäzäk» («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 3- توم 22- بەت، 1984) دېگەن بىر سۆز بار بولۇپ، «قوشۇننىڭ ئالدىدا يۈرىدىغان چارلىغۇچى قىسىم، ئاۋانگارد ئەترەت» دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. «دىۋان»دىكى بۇ ئىسىممۇ «yäzädi- جىسىدى، تەكشۈردى» («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 3- توم 119- بەت، 1984) دېگەن پېئىلدىن ياسالغان. «جېسەك» كەلىمىسىنى «yäzäk»نىڭ ئوغۇز- قىپچاقچە شەكلى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. قارىشىمىزنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە بۈگۈنكى قازاق تىلى ئىستېمالىدىكى مۇنۇ ئىككى سۆزگە قاراپ باقايلى:
△ جەسەك زات. شارلاۋ (جۇمسى)، بارلاۋ (جۇمسى).
△ جەسەكشى زات. شارلاۋ جانە كۇزەت جۇمسىن باسقاراتىن ۇلىق. (كاكەش قايىرجان ۇلى، 164- بەت، 2001)
قىزىقارلىق يېرى، «يەزەك» سۆزى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە نەۋايى، ھەتتا كېيىنكى دەۋر نامايەندىلىرىدىن نىزارى داستانلىرىدىمۇ ئۇچرايدىغانلىقى غەنىزات غەيۇرانى، ئابلىمىت ئەھەت قاتارلىقلار تۈزگەن «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دىن مەلۇم:
«چەمەنلەر رەڭگىنىڭ شاھىغە بالىن بولدى خەمرى گۇل،
يەزەكدار ئول دەرگەھدە بۇلبۇل ئۆزى ئەيلەپ قۇل»
_ ئا. نىزارى (غەنىزات غەيۇرانى، ئابلىمىت ئەھەت، 808- بەت، 2002)
«yäzäk» ۋە «جېسەك» سۆزى ئىككى تىل ـــ خاقانىيە تىلى بىلەن ئوغۇز- قىپچاق تىلىنىڭ دىيالېكىت پەرقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شەرقىي- غەربىي تۈركىي تىللارنىڭ پەرقى سۆز بېشىدىكى «ي-ج» تاۋۇش ئالمىشىش بولۇپ، بۈگۈنكى تىلىمىزدا ئوغۇز- قىپچاقچە بىر قىسىم تەركىبلەر بار. مەسلەن: جىگدە، جۇمۇ، جوغدا (ھايۋانلارنىڭ ئېڭىكى ئاستىدىكى ئۇزۇن يۇڭى)، ئاجرىلىش. بۇ سۆزلەرنىڭ خاقانىيەچە شەكلى يىگدە («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، 3- توم 39- بەت، 1984)، يۇمۇ («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، 3- توم 32- بەت، 1984)، يوغدۇ («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، 1- توم 39- بەت، 1981)، ئايرىلىش («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، 1- توم 356- بەت، 1981) شەكلىدە ئېيتىلىدۇ. «جېسەك» سۆزىمۇ يۇقىرىقى سۆزلەر قاتارىدا تىلىمىزدا ساقلىنىپ قالغان. ئەمما، 18- ئەسىرلەرگىچە تىل ئىستېمالىمىزدا بار سۆز قانداق سەۋەب بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇز- قىپچاقچە تەڭدىشى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ قالدى؟ بۇنى يەنىمۇ ئويلىنىش كېرەك.
4. ئۆيۋاق جانلىق تىل ئىستېمالىمىزدا «ئۆيۋاق» («ئۆي- ۋاق» دەپمۇ ئىشلىتىلىدۇ) كەلىمىسدىن باشقا «بالا- ۋاقا» دېگەن جۈپ سۆزمۇ بار. ئەمەلىيەتتە «ئۆيۋاق» كەلىمىسىدىكى ئىككىنچى بوغۇم «-ۋاق» بىلەن جۈپ سۆز «بالا- ۋاقا»دىكى «ۋاقا، ۋاق» سۆزى بىر سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ يىلتىزى مەڭگۈتاشلار دەۋرىگە قەدەر تۇتىشىدۇ. تىلشۇناس ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينىڭ «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى ۋە لېكسىكا تەتقىقاتى» ناملىق كىتابىدا بۇ سۆز «سۆز ھېسابلانمايدىغان قاپىيەداش بۆلەكنىڭ جۈپلىنىشى ئارقىلىق ياسالغان جۈپلەنمە سۆز» (ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي، 13- بەت، 2011) دائىرىسىدە كۆرسىتىلگەن. ئەمما بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا بىر سۆز ئىدى. لۇغەت تۈزۈش پىرىنسىپى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۆزى ئايرىم سۆز سۈپىتىدە قوللىنىلمايدىغان، ئۆزى جۈپلەنگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىغان جۈپ سۆزلەرنىڭ جۈپلەنمىسى ئايرىم سۆزلەم قىلىپ بېرىلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنى چۈشىنىشكە ئېھتىياج بولغانلىقتىن بۇ يەردە مەلۇم نىسبەتتە توختىلىپ ئۆتىمىز.
«ئۆيۋاق» كەلىمىسى ئەسلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بولمىش ئورقۇن تۈركچىسى تىلىدىكى äb barq سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئەسلى ئىككى سۆزدۇر. «دىۋان» 1- توم 453- بەتتە «barq» سۆزىگە بېرىلگەن ئىزاھتا «äv-barq ئۆي- ۋاق. سۆزى يالغۇز ئىشلىتىلمەيدۇ. äv سۆزى بىلەن جۈپلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. لېكىن «كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى»دا ئىككى ئورۇندا «barq» سۆزىنىڭ يەككە سۆز ھالىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم. يۇقىرىقى تاشنىڭ شىمال تەرىپى 13- قۇردا «بارق ئىتگۈچى»، شەرقىي شىمال تەرىپىدە «بارقىن بەدىزىن بىتىگ تاشىن بىچىن يىلقا يىتىنچى ئاي يىتى توقۇزقا قوپ ئالقادىمىز» دېگەن قۇرلار بار بولۇپ، «بارق» سۆزىگە «قەبرە» دەپ يېشىم بېرىلگەن. گابائىن خانىمنىڭ «قەدىمكى تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى»، سىر كلاۋسۇننىڭ «قەدىمكى تۈرك تىلى سۆزلۈكىنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك لۇغىتى»دە «ئۆي، مال- مۈلۈك، كۆچمە مۈلۈك» دەپ ئىزاھلانغان. ئۇندىن باشقا تۈركولوگ مەترېھىم سايىتنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر» ناملىق كىتابىدىمۇ äv- barq شەكلىدە كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە «ئۆي» دەپ يېشىم بېرىلگەن. مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ بايانىغا ھەم «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر»گە قارىغاندا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بولمىش ئورقۇن- يېنىسەي تۈركچىسى تىلىدىن كېيىنكى تىل تەرەققىياتىدا «barq» سۆزنىڭ ئىستېمالىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، پەقەت جۈپ سۆز ھالىتىدىلا ئىشلىتىلىدىغان بولغان، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
«ئۆي» كەلىمىسى بىلەن بېرىكىپ كەتكەن بۇ «ۋاق» سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇر (تۈرك) تىلىدىكى «barq» سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش تولىمۇ چۈشىنىشلىك. يەنى ئورقۇن دەۋرىدىكى مەڭگۈتاشلار تىلى (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى)دا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن سۆز ئوتتۇرىسى ۋە سۆز ئاخىرى «b» تاۋۇشى ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە كەلگەندە «ۋ» تاۋۇشىغا ئۆزگەرگەن بولۇپ، «bä» سۆزى «vä»گە ئۆزگەرگەن، «barq» سۆزى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك «vä» سۆزى بىلەن جۈپ سۆز ھالىتىدە قوللىنىلغان بولغاچقا، «vä» سۆزىدىكى لەۋ- چىش، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش «ۋ» «barq» سۆزىدىكى قوش لەۋ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش «ب»نى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ «ۋ»لاشتۇرغان، يەنى ئوڭ ئاسسىمىلياتسىيە يۈز بەرگەن ۋە تىترەڭگۈ تاۋۇش «ر»نىڭ چۈشۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە «ۋاق» بولۇپ تۇراقلاشقان. فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشنى كۆرسەتسەك « ئەب- بارق ← ئەۋ- بارق ← ئەۋ- ۋاق ← ئۆيۋاق» شەكلىدە بولغان.
«barq < ۋاق» سۆزىنىڭ ياسىلىشىغا كەلسەك، «مەۋجۇت، ھەممە، جەمئىي» مەنىسىدىكى سۈپەت سۆزى «بار»دىن كەلگەن بولۇپ، «مال- دۇنيا، مۈلۈك» دېگەن مەنىدە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. تىلىمىزدىكى «بارلىق» كەلىمىسىنىڭمۇ «ھەممە، جەمئىي» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقى بۇ سۆزىمىزنى دەلىللەپ تۇرىدۇ. «ئۆي- ۋاق» دېگەندە ئۇ ئۆينى ۋە ئۆي ئىچىدىكى مۈلۈكنى كۆرسىتىدىغان بىر جۈپلەنمە سۆز. «بالا- ۋاقا» دېگەندىمۇ بىر ئائىلىدىكى كىشىلەرنى ۋە شۇ ئائىلىنىڭ مۈلكىنى كۆرسىتىپ كېلىدىغان جۈپلەنمە سۆز. ئۆي ۋە ئۇنىڭدىكى مۈلۈك مەنتىقە جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئېلىش- ئېلىنىش مۇناسىۋىتىدە بولغاچقا، بۇ ئىككى سۆز جۈپلەنمە ھالەتتە ئىشلىتىلگەن ۋە بارا- بارا «barq» سۆزى يەككە مەنىدە قوللىنىلىشتىن قېلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەنىسىنى ئاڭقىرىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەن.
5. ئۈگۈت بۈگۈنكى تىل ئىستېمالىمىزدا «تۈگمەنگە ئۈگۈت ئاپارماق»، «ئۈگۈت ئەتمەك» دېگەن بىرىكمىلەر بار. «ئۇن تارتىش ئۈچۈن تەييارلانغان ئاشلىق» مەنىسىدىكى «ئۈگۈت» سۆزى «دىۋان»دا «ügit» («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 1- توم 72- بەت، 1981) شەكلىدە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، «بۇغداي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلاردىن ئۇن تارتىش» دەپ ئىزاھلانغان ھەم مۇشۇ سۆزدىن «ügitçi» (تۈگمەنچى) سۆزى ياسالغان. «دىۋان»دا بېرىلگەن تۆۋەندىكى پېئىللارغا قاراپ باقايلى:
△ ügitti تارتتۇردى. tarïğ ügitti ol ــ ئۇ بۇغداي تارتتۇردى. باشقا نەرسىلەردىن ئۇن تارتتۇرۇشقىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ (käügitm -ügitür) («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 1- توم 285- بەت، 1981)
△ ügüşdi ügüşdi ol manga tariğ ـــ ئۇ ماڭا ئۇن تارتىشىپ بەردى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق (käügüşm-ügüşür) («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 1- توم 252- بەت، 1981)
△ ügidi ئۈگۈت ئەتتى، ئۇن تارتتى. ügidi buğday rä ــ ئادەم بۇغداي ئۈگۈت ئەتتى، ئۇن تارتتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. (käügim -ügir) («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 3- توم 348- بەت، 1984)
بىرىنچى مىسالدىكى پېئىل مەجبۇرىي دەرىجە ئاددىي ئۆتكەن زامان مەنىسىنى؛ ئىككىنچى مىسالدىكى پېئىل ئۆملۈك دەرىجە ئاددىي ئۆتكەن زامان مەنىسىنى؛ ئۈچىنچى مىسالدىكى پېئىل ئەسلى دەرىجە ئاددىي ئۆتكەن زامان مەنىسىنى ئاڭلىتىدۇ. بۇ پېئىللارنىڭ زامان ۋە دەرىجە قوشۇمچىلىرىنى چىقىرىۋەتسەك پېئىل يىلتىزى «-üg» بولۇپ چىقىدۇ.
ئابلىمىت ئەھەت، دىلدار مەمتىمىن بىرلىكتە تۈزگەن «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»دە «ئۆگ-» (ئابلىمىت ئەھەد، دىلدار مەمتىمىن، 443- بەت، 1989) سۆزىگە «ئەزمەك، يانچىماق» دەپ ئىزاھ بەرگەن ھەم بۇ سۆزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازمىلاردىن بىرى بولغان «تۇرپاندىن تېپىلغان تىببىي يادىكارلىقلار»دا ئۇچرايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. سىر كىلاۋسۇننىڭ ئېتىمولوگىيەلىك لۇغىتىدە «ögit, ügüt سۆزى - ögi پېئىلىدىن كەلگەن ئىسىم بولۇپ شەرقىي جەنۇب تۈركىي تىل گۇرۇپپىسىدىن تارانچى دىيالېكتىدا ساقلىنىپ قالغان دەپ كۆرسەتكەن» (Sir Gerard Clauson: An Etymological dictionary of Pre-Thirteenth- Century Turkish P102). بۇ سۆز كىلاۋسۇن ئېيتقاندەك نوقۇل تارانچى، يەنى ئىلى رايونىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا شېۋىلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بۇ «ئۈگۈت» كەلىمىسىنىڭ «ögi-» ياكى «üg-» پېئىلىغا مەھمۇد كاشغەرىي كۆرسىتىپ ئۆتكەن 12 ھەرپتىن بىرى بولغان «يۇمشاق كاف-g»نىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغانلىقى ئېنىق.
مۇشۇ نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلساق، «ئۈگۈت» سۆزىنىڭ «پەند- نەسىھەت، ھېكمەت» مەنىسىدىكى «ئۆگۈت» سۆزىدىن مەنە كېڭەيتىپ چىققانلىقى، «ئۆگۈت» سۆزىنىڭ مەنبەسىنىڭ «يانچىماق، ئەزمەك» مەنىسىدىكى «ئۆگ-» پېئىلىدىن كېلىپ چىققانلىقى، «gö» سۆزىنىڭ يىلتىزىنىڭ «ئويلىماق، چۈشەنمەك، مۇلاھىزە قىلماق» مەنىسىدىكى «-ö» پېئىلى ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىمىز.
6. ئېگىن- ئاياغ تىلىمىزدا بۇ سۆز «كىيىم- كېچەك، ئۈستىباش» مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. «دىۋان» 1- توم 106- بەتتە «ginä» دېگەن بىر سۆز بولۇپ، «دۈمبە، دولا، غول» دەپ ئىزاھلانغان. ئۇيغۇر تىلىدا سۆز مەنىسىنىڭ كۆچۈشى سۆز مەنىسىنىڭ كېڭىيىشىدىكى بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، «دىۋان»دىن بىز بۇنىڭ پاكىتىنى تاپالايمىز. ئاپتور «ئۆپكە» دېگەن سۆزگە ئىزاھ بېرىپ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:
äöpk ئۆپكە
äöpk ئۆپكە، غەزەپ. چۈنكى غەزەپ ئۆپكىدىن چىقىدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە «يامغۇر»نى «سما– ئاسمان» دېگەنگە ئوخشاش كۆچمە مەنىدىن كەلگەن («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»،1- توم 173- بەت).
ئاپتور غەزەپ «ئۆپكە»دىن چىققاچقا، «غەزەپ» مەنىسىدىكى «ئۆپكە»نىڭ ئادەمنىڭ رەئىسىي ئەزاسى بولغان «ئۆپكە» سۆزىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئىلمىي پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، تۈركىي تىلدىكى سۆز مەنىسىنىڭ كۆچۈشنىڭ سۆز مەنىسىنىڭ كېڭىيىشىدىكى بىر يول ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مۇشۇ يول بىلەن «ginä» سۆزى تىل تەرەققىياتىدا مەنە كۆچۈش يولى بىلەن يۇقىرىقى مەنىسىدىن دۈمبە، غولغا ئارتىلىدىغان «كىيىم» دېگەن مەنىگە كۆچكەن. «ئاياغ» دېگەن سۆزمۇ ئەسلى پۇتنى كۆرسىتىدۇ. مەنە كۆچۈش سەۋەبىدىن پۇتقا كىيىدىغان ئۆتۈك، چورۇقلارنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ قالغان. بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنە كۆچۈش يولىنىڭ ئوخشاش بولۇشىمۇ قارىشىمىزنى ئىسپاتلاپ، تىلىمىزدا «ئۈستىباش، كىيىم- كېچەك» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «ئېگىن- ئاياغ» سۆزىگە تۇراقلاشقان.
7. قۇمۇچ بۇ سۆز تىلىمىزدا «قازان- قۇمۇچ»، «قاچا- قۇمۇچ» دېگەن جۈپ سۆز شەكلىدە ئىشلىتىلىدۇ. «قۇمۇچ» سۆزى بىزگە مەنىسى يوقتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. لېكىن ئۇ لېكسىكىلىق مەنىگە ئىگە بولۇپ، «چۆمۈچ» دېگەن مەنىدە. «دىۋان» 1- توم 544- بەتتە «äçömç چۆمۈچ. ئوغۇزچە» دەپ ئىزاھلانغان بىر سۆز بار. «دىۋان» 1- توم 465- بەتتە «qamïç چۆمۈچ، ساپلىق» دەپ ئىزاھالانغان بىر سۆز بار. بۇ ئىككى سۆزدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تىلىمىزدا بۇ ئىككى سۆزنىڭ ھەر ئىككىسى ساقلىنىپ قالغان. «قازان- قۇمۇچ»، «قاچا- قۇمۇچ» دەپ ئىشلىتىلگەن جۈپ سۆزلەرنىڭ كەينىدىكى «قۇمۇچ» سۆزىمۇ ئەسلى لېكسىكىلىق مەنىگە ئىگە. دېمەك «دىۋان»دىكى «قامىچ ~ چومچا» سۆزىنىڭ ھەر ئىككىسى «چۆمۈچ» مەنىسىدە بولۇپ، ھازىرقى تىلىمىزدا «قامىچ» سۆزى «قازان- قۇمۇچ» شەكلىدە جۈپ سۆز تەركىبىدىلا ساقلىنىپ قالغان.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىنكى، تىلىدىكى گىرامماتىكىلىق شەكىلنىڭ رولى ۋە سۆزنىڭ لېكسىكىلق مەنىسى مۇئەييەن دەرىجىدە شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقنىڭ تىلىدا ئۆز ئىزناسىنى ساقلايدۇ. يەنە بىر مىسال ئالساق، «ئەر» سۆزى قەدىمدە «كىشى، ئىنسان» مەنىسىدىمۇ كېلەتتى. «ئەر» سۆزىنىڭ بۇ مەنىسى «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەن ماقالدا ساقلانغان، يەنى بۇ ماقالنىڭ مەنىسى «ئەرنى ئادەم قىلغانمۇ خوتۇن، يەر بىلەن تەڭ قىلىپ، رەسۋايى ئالەم قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەنلىكتۇر. شۇڭا، دىيالېكىت- شېۋە سۆزلىرىنى تەتقىق قىلىش تىلىمىزنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى قېدىرىش ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈردۇر.
سۆز مەنىسىنى ئېتىمولوگىيە نۇقتىسىدىن ئىزاھلاش ئاددىي ئىش ئەمەس، ئۇ ھەر تەرەپلىمە بىلىم، كۆپ خىل تىل بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يازغانلىرىمىز پەقەت ئاددىي بىر ئىزدىنىش، ئۇنى سۆزلەرنىڭ بىردىنبىر توغرا ئېتىمولوگىيەسى شۇ دەپ ئېيتالمايمىز، ئەمما ئۆگىنىش جەريانىدا ھېس قىلىپ يەتكەنلىرىمىز بولغاچقا، ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىدە قەلەمگە ئالدۇق، تەنقىدكە ھامان بېشىمىز ئېگىك.

پايدىلانمىلار:
1. مەھمۇد كاشىغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981- 1984- يىللار نەشرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008- يىل نەشرى.
2. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، ئالتە توملۇق نەشرى مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991- 1996- يىللار نەشرى.
3. ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي: «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى ۋە لېكسىكا تەتقىقاتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011- يىلى نەشرى.
4. ئابلىمىت ئەھەت، دىلدار مەمتىمىن: «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1989- يىلى نەشرى.
5. مۇھەممەترېھىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى نەشرى.
6. غەنىزات غەيۇرانى، ئابلىمىت ئەھەت: «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002- نەشرى.
7. A.冯.加班 《突厥语语法》(耿世民 译)内蒙古教育出版社 2004年
8. Sir Gerard Clauson: An Etymological Dictionary Of Pre- Thirteenth- Century Turkish, OXFORD 1972
9. كاكەش قايىرجان ۇلى: «سوز ساندىق» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001- يىل قازاقچە نەشرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر