باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
مۇھەببەت، لىرىك ۋەقەلىكلەر بىلەن تولغان ھېكايىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، ئوقۇرمەنلەر، تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا زور قىزغىنلىق قوزغىغان ياش يازغۇچى رىزۋانگۈل يۈسۈپ 1970-يىلى يەكەندە تۇغۇلغان. 1987-يىلى يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۇتتۇرۇپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، يىزا ئورگان كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىۋىنىڭ لىكتورى.ھازىرغىچە«قىزارغان سەھرا»، «يېشىل ئارمان»، «سەرۋىخان»، «سۆيگۈ مەنزىلى»، «شەبنەم»، «ھالرەڭ يەكشەنبە»، يىقىندا نەشىر قىلىنماقچى بولغان ئەسەرلىرى «كەلىلە ۋە دىمىنە»، «ئەتىرگۈل كوچىسى»...قاتارلىقلار بار .ھازىرچە «تۇلپار »ئەدەبىيات مۇكاپاتى، «تۆھپىكار ئەدىپ» مۇكاپاتى، «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

ھېكايە>>>

سۆرەتلەر