باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
  شائىر، ژرۇنالىست تۇرغۇن جالالىدىن 1975-يىلى تۇرپان شەھىرى يار يېزىسىنىڭ ياربېشى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1995-يىلى 9-ئايدىن 1999-يىلى 7-ئايغىچە شىئەن تاشيول-قاتناش ئۇنىۋېرستېتىنىڭ كومپيۇتېر ۋە قوللىنىش كەسپىدە ئوقۇغان. 2005-يىلىدىن ھازىرغىچە «تۇرپان» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. 1998-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۇنىڭ «تارىم»، «تۇرپان»، «قومۇل ئەدەبىياتى»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. 2006-يىلى ئۇ تۈزگەن «ئاپرېلدىكى گۇگۇم پەسلى»،«ئەلۋىدا ئايجامال» قاتارلىق ئىككى كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. 2012-يىلى، «قەلبىمدىكى ئالتاي» ناملىق تەرجىمە كىتابى نەشر قىلىنغان. 2015-يىلى، «شەپقەت» ناملىق تەرجىمە رومانى نەشر قىلىنغان.

مۇخەممەس>>>