- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ۋەھىمە
ھەبىبە ئىسمائىل
2015.03.27 16:23 مەنبە: خەلق تورى
ۋەھىمە
سىگنال ئۇرغان ساقچى ماشىنىسى،
ئۇشتۇمتۇتلا مېنى تۇتارمۇ
گۈلدۈرماما باشلاندى يەنە
چاقماق كىلىپ مىنى سۇقارمۇ؟
بۈگۈن يەنە يىغلاپ تاشلىدىم،
بايقالمىغان بىر مەڭنى بايقاپ.
كۆزلىرىمنى چىڭڭىدە يۇمدۇم،
راكمىدۇ دەپ ئەنسىز چىقىراپ.
يالغۇز قالغان چىغىمدا يەنە
تاشلىۋىتىلگەن مىيىپ بالىلار
يامىشىدۇ دۈمبەمگە بىرلەپ
پۈركىنىمەن يوتقانغا تىزدىن
كۆزۈم يۇمۇپ بىسمىل دەپ تىترەپ.
يالغۇزلۇقتىن توقۇلغان خىيال،
ۋەھىمىلا بېرەر بىمالال.
بۈگۈن يەنە يىغلاپ تاشلىدىم،
قۇتۇلۇشقا تاپالماي ئامال.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر