باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>يازغۇچىلىرىمىز>>ھەبىبە ئىسمايىل

ھايات كارتىنىسى

ھەبىبە ئىسمائىل

2015.03.27 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ھايات كارتىنىسى

ھايات
سۈبھى كىلىپ قۇياش پارلاپ
گۇگۇم
تۈڭلىكىگە يۇلتۇز قاداپ
ئانام پورەك ئېچىلىپ
مومام يادەك ئېگىلىپ
مەن غۇنچە بوپ جىلمىيىپ
ئانام بەرگى سولاشسا
مەن ئانامدەك ئېچىلىپ
ئانام يادەك ئىگىلىپ
قىزىم مەندەك جىلمىيىپ
كۈنلەر ئۆتەر
بىز ھاياتقا رەڭ بېرىپ...


ئەندىشە
تۇنۇش ئاۋاز يۈرەكنى تىلغار
ئىزتىراپلىق لەيلەر ھاۋادا
نەپەس ئالماي دېگەنتىم ئەسلى
كىرىپ كەلدى
كىرىپ كەلدى
شېئىرىمغا مۇڭ بۆسۈپ كىردى

ئۇ ئۇياقتا ماڭا قول تەڭلەپ،
بۇ بۇياقتا گۈللەر دەستىلەپ
كەتكەنىدىم كېتىپ قالغانتىم
ياشلىق كۆزلەر، سۇنۇلغان قوللار
ئىلتىجالار ئىلكىدە لەيلەپ

ئىپار پۇراپ تۇرغان مىسرالار
ئەتراپىمدا ھەممە يەردىلا
ئۆينىڭ ئىچى تۈمەنمىڭ كۆزدەك
تىكىلىدۇ ماڭا بىردىنلا

ئۇشتۇمتۇتلا تىترەپ كېتىمەن
ئويۇمدا بىر سۆز چاقنىغاندا
لېكىن يەنە جۈرئەتتە دەيمەن
مەندىن ئۇزاپ ـ ئۇزاپ كەتسەڭلا

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر