- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پۇرسەت
ھەبىبە
2015.03.27 16:16 مەنبە: خەلق تورى
پۇرسەت
«پۇرسەت سېنى قۇچاقلىمىسا،
سەن پۇرسەتنى قۇچاقلىۋال چىڭ»
«خاتىرەم »دىن
پۇرسەت ساڭا قاراپ قويمىسا،
چاچلىرىڭنى تاراپ قويمىسا،
تەتۈر قاراپ ئۆتۈپ كەتسە گەر،
چاقماق كەبى بېرىپ قۇچاقلا،
شۇندا سۈزۈپ ئالالايسەن زەر.
پۇرسەت!
تەڭرى ئەۋەتكەن،
پەقەت بىر تامچە شىپالىق يامغۇر.
پۇرسەت!
يەردىكى ياپراق
تاشلار سېنى پىراققا
شامالدىن تېز بولمىساڭ
ئۇچۇپ كېتىپ يىراققا.
تۇپراق باغرىدىن ياپراق كۆكلىتىپ،
ياپراق ھۆسنىگە شەبنەم قوندۇرۇپ
شەبنەم كۈچىدىن بىخلار كۆكلىتىپ،
بىخلار ئىچىدىن پۇرسەت ئۈندۈرۈپ
ئۆتكۈزەركەن ئاقىللار مەنىلىك ۋاقىت.
پۇرسەت!
چاققانلىقىڭنى كۆرسەت!
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر