باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>يازغۇچىلىرىمىز>>ھەبىبە ئىسمايىل

بالىلىق ئارزۇسى

ھەبىبە ئىسمائىل

2015.03.27 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بالىلىق ئارزۇسى

بۈگۈن ئەجەپ ئۆگىنىش قىلغۇم يوق
كىمۇ مەجبۇر قەلەم تۇتقۇزغان
بۇ گەپلەرنى دېمەي دېگەنتىم
كىمۇ مېنى زورلاپلا تۇرغان

كەتكۈم بار
ئۇچۇپ بېرىپ يىراق ـ يىراققا
جىن جۈجىمى شېخىغا قۇنۇپ
جۈجەم چوقۇپ راسا يىگۈم بار

قوغۇنلۇققا بېرىپ تۇيدۇرماي
توڭ خەمەككە ئايلانغان چېغىم
قاچان پىشار بۇ خەمىكىم دەپ
ئاپام مېنى سىلاپ تۇرغاندا
ئۇشتۇمتۇتلا كۈلۈپ تاشلىسام
ۋاي شەيتان قىز بۇ سەنمىدىڭ دەپ
ساپما كەشنى كۆتۈرگىنىچە
قوغلاپ كەتسە كەينىمدىن ئاپام
...
باراڭدىكى كاۋىلارغىمۇ
ئېغىز ـ بۇرۇن سىزىپ ئوينىسام
پاتە ـ زۆھرە قوزىچىقىمنى
ئىلەڭگۈچتە يەنە ئويناتسام
كىيىمىڭنى مەينەت قىپسەن دەپ
قۇلىقىنى سوزمىسا ئاپام
ئاپام مېنى ئۇراي دېگەندە
بىر چېكىتكە ئايلىنىپ قالسام.

رازى ئىدىم يىلدا بىر كۈنلا
تايچاقلاردەك شات ئوينىۋالسام

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر