مەيلى
ھەبىبە ئىسمائىل
2015.03.27 15:58 مەنبە: خەلق تورى
مەيلى
مەيلى ساڭا بەخشەندە بولسام،
بۇمۇ تەغدىر دەپلا يۈرىمەن.
يۇمران بىختەك بېشىمنى ئىگىپ،
كائىناتقا كۈلۈپ قارايمەن.
ئارزۇلارنى بۈلەپ بۈشۈككە،
سىزمامنى تىز رەڭگە بۇيايمەن.
ھايات ئەسلى بىمەنە رەڭسىز،
مەن رەڭلەرنى تەڭشەپ ئوينايمەن.
ساڭا مېھرىم چۈشمىسە بەلكىم،
چۈشۈپ قالار ھەسەن-ھۈسەنگە.
بۇ شېئىرىمنى ئوقۇپ قالساڭ گەر،
دېمە مېنى ۋاپاسىز بەندە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر