ئۆتنە ئالەم
ھەبىبە ئىسمائىل
2015.03.27 15:55 مەنبە: خەلق تورى
ئۆتنە ئالەم
مۇڭلۇق شېئرىم ئىشىكىڭ چەكسە،
سەن ئەزەلدىن ئىشىك ئاچمىغان.
دېرىزەڭگە مۇز گۈلى سىزسام،
سەن ئەزەلدىن قاراپ قويمىغان.
چىغىر يولدا ساڭا قول سوزسام
بوشلۇقلاردا ئىسىلىپ قالغان.
سەۋر قاچام يېرىلغان چاغدا
ئاللاھ ساڭا بۇ دەردنى سالغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر