باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>يازغۇچىلىرىمىز>>ھەبىبە ئىسمايىل

تۇغۇلغان كۈنۈم

ھەبىبە ئىسمائىل

2015.03.27 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تۇغۇلغان كۈنۈم

تۇغۇلغان كۈنۈم،
سىزىپ قويدى يۇغان چەمبىرەك.
غاز تۇخۇمىدەك...
سۇئال بەلگىسىدەك،
ھېسسيات ئوقىدا
ئايلانماسسەن دەپ پەرۋانىدەك.
نەسىھەت قىلاپ،
ئوربىتامدىن قاچما ھەرگىز دەپ.

كەچمىشلىرىم
ئايلانمايدۇ ئەمدى ئەتىگە،
كۆنۈك ئەمەس ئەمدى تېلفون كۈتۈشكە.
كۆزۈمدىن
كۆنۈك ئەمەس پات-پات يامغۇر تۆكۈشكە.
كۆنۈك ئەمەس ئۇپا –ئەڭلىك سۈرتۈشكە،
ئىسراپ قىلىپ ۋاقتىمنى.
بىرلا ئېغىز گەپ،
كۆنۈك ئەمەس جانان سېنى كۈتۈشكە.

يىگىرمە ياش
ئىشىك چەككەن شۇ دەقىقىدە،
نەمخۇش سورۇن تۈزدۈم قەلبىمگە.
لەۋلىرىمدە بىھىساب سۇئال،
ئېسىلدىغۇ كىرپىكلىرىمگە.
يۇمۇۋالدىم كۆزلىرىمنى مەن،
«ئايلانسۇن دەپ كۆڭلۈمنى كۆزگە».

تورت ئۈستىدە پىلىلدىغان چىراغلار،
نۇر ياغدۇرار قاپقاراڭغۇ كېچىگە.
مەن كېچىنىڭ شەيداسى بولغان،
ئاشىق ئەمەس ئەمدى كۈندۈزگە،
ئاشىق ئەمەس سۇسىز دېڭىزگە.
تۈن كىچىدە نۇر بولۇپ
سىڭىمەن ئاستا
مۈشۈك رەڭگىدەك،
كان كۆمۈرىدەك،
قارا سىياھتەك
قاپقاراڭغۇ تىلسىم ئۆڭكۈرگە.

تۇغۇلغان كۈنۈم،
لەۋلىرىمدە بىر تىزىق تىلەك .
«تۇغۇلدۇڭ سەن ئۇچقۇن، ئۆچمە گۈرۈلدە!
ھايات شۇ سەن شۇڭقار پەرۋاز قىل ئۆرلە!»
دوستلىرىم شاد چاۋاكلار چېلىپ.
يىگىرمە ياش تورۇپتۇ،
كۆزۈمگە ھەم غەمكىن تىكىلىپ.
شۇڭا،
كۈلەلمىدىم بۈگۈن زادى ئىچىلىپ.
ئالىي تىلەكلەر،
ئۈششۈپ قالغان بىخ كەبى
يۈرىكىمدە قالدىغۇ قېتىپ.
نېمە ئۆزگىرىش ؟
سەزگىنىم پەقەت،
ئىلگىرىكىدىن قاپتىمەن قېرىپ.

يىگىرمە ياش،
ماڭا قۇچاق ئاچ !
خىيالىمدا سىزار چەمبىرەك
بىر بوۋاق
بىر سەبىي
بىر ئۆسمۈر
ئوقۇغۇچى بىر قىزچاق
چەمبەر ئۈستىگە چەمبەر قاتمۇ-قات.

چەمبەر -قۇياش،
چەمبەر- ئاي
چەمبەر - ئۈزۈك
چەمبەر – يار
دۇنيا چەمبەر ئىكەنلىكى راست
دېمەك
سەن چەمبەر،مەن چەمبەر
بىر چەمبەرمىز خالىسا«ئەكبەر»

توغۇلغان كۈنۈم،
ئېلىپ كەتتى ئاچچىق ئىزتىراپ
ئاخىرىدا ،ئەڭ ئاخىرىدا
ئېلىپ كەلدى تاتلىق تەبەسسۇم
چېھرىمگە
ئۇۋۇلىدى تۇرپاندەك ئاپتاپ.
يىگىرمە ياش،
بەختلىكمەن،بەختلىكمىز.
مىسران قىلىچ،
يەنە تۆت قەلب.
قىش ھېچ كىرمەي تۇرۇپلا
كىرىپ كەلدى باھار قىز كۈلۈپ.
كىرىپ كەلدى يوغان-يوغان
چەمبەرلەر ئېسىپ...

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر