باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>يازغۇچىلىرىمىز>>ھەبىبە ئىسمايىل

سېغىنىش

ھەبىبە ئىسمائىل

2015.03.27 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سېغىنىش

سېغىنىش
ئۇخچۇپ چىقار يۈرەك قېتىمدىن
ئويلاپ قالىمەن بەزىدە شۇڭا
سېغىنىشنىڭ سىرلىق بۇلىقى
ئالغانمىدۇ دەپ ئورۇن قەلبىمدىن
جەزم قىلدىم شۇنداق دەپ
چۈنكى ئۇ
غالىپ كىلەر ھامىنى مەندىن
ئۈنچە –مارجان تۆكەر توختىماي
مۇڭلۇق –مىسكىن تەنھا كۆزۈمدىن

سېغىنىش ئۇ نېمە
ئۇ ئەمەستۇر سىرلىق بىر نىمە
سېغىنىش
قاغجىرىغان يۈرەكنىڭ
سۇغا تەشنا بۇلىشى
كۆزى ئىتىك بۇلاقنىڭ
ئوخچۇشقا ئىنتىلىشى
ئۇماق قەيسەر ماركونىڭ
ئاپىسىنى ئىزدىشى
يەنە،يەنە.......
سەكراتتىكى بىمارنىڭ
يۈرىكىنىڭ ھاياتچۈن
ئىلگىرىكىدىن بەكرەك جان دەپ سەكرىشى

قەلبىمدىكى سېغىنىش ئوتى
ئەكىس ئېتەر چۈشۈمدە
ھاياجاندىن ئويغانسام بىراق
يېتىپتىمەن
سۈرلۈك «تاش شەھەر»دىكى
كارىۋات ئۈستىدە
ئەمما،بىراق
داۋاملىشار ئويغاق چۈشلىرىم
بولسا ئەگەر بىرى مەككە-مەدىنە
بولسا بىرى
ئەسكى تاملىق مەھەللەم ۋە قىڭغىر ئۆي
تەڭرىم بەرسە ئىجازەت ماڭا
ئارىدىن پەقەتلا بىرنى تاللا سۆي
شۇئان
ئوقيا كەبى چىققان ساداقتەك
قادىلىمەن ئۆينىڭ تېمىغا
سېغىنىشتىن غالىبمەن شۇ چاغ
قانغاچ يۈرەك كۈتكەن ۋىسالغا

بىراق ھازىر
ئۇ غالىبتۇر ھامىنى مەندىن
غالىبمەن بىر چاغ
خۇشال ھالدا ھارۋىلىق
ئاپام بىلەن ئوتتىن قايتسام
بىرگە ئىتىزدىن

تاشقىلى تۇردى
سېغىنىشنىڭ توشۇپ سەۋر قاچىسى
كۈتۈڭلار كىلەر
پات ئارىدا يۇرتىغا
يېڭى ئۇچۇم بولغان كاككۇك بالىسى!


05-04-18كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر