باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>يازغۇچىلىرىمىز>>ھەبىبە ئىسمايىل

ياقا يۇرتتا سەرگەردان ھېسلار

ھەبىبە ئىسمائىل

2015.03.27 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ياقا يۇرتتا سەرگەردان ھېسلار

ئۆمۈچۈك ئۇستاتلىق بىلەن
توقۇغان توردەك
سەرگەردان ئۈزۈك ھېسلار
سۆرەپ چۈشتى چوڭقۇر قاينامغا
ئاڭلىغاندەك قىلدىم بىر ئاۋاز
ئومۇمىي خوردەك
ئويلاپ باقسام تىڭشىسام
تۇنۇشتەكلا بۇ ئاۋاز شۇنچە
بىراق تىركىشىپ
ئەسلىيەلمىدىم شۇڭا ئۆزۈمگە
دېدىم بولدىلا كۈچىمە ئۇنچە
ئۇ سېنىڭ ئۈزۈك ئۇچقۇر خىيالىڭ

ياق!
ئويلىدىم قايتا-قايتا
ھە ،تاپتىم ئەمدى
ئۇ خور ئەمەس
ئۇ ناخشا ئەمەس
ئۇ ئاۋاز
ئەزىز خەلقىمنىڭ
بۈيۈك تىلىكى
يىراقتا قالغان ئاتا-ئانامنىڭ
ئۈمىد بىلەن سوققان يۈرىكى
ھەر ۋاقىت مىنى ئەسلەپ تۇرغىنى
بەختىمنى
نامىزىمدا تىلەپ تۇرغىنى
يالغۇزلۇق ھېس قىپ قالمىسۇن دەپ
ياقا-يۇرتلاردا
ھەتتاكى
خىياللىرىمنىمۇ
قەلب رىشتە تورلىرى بىلەن
باغلاپ تۇرغىنى
ياقا-يۇرتتا سەرگەردان ھېسلار
ئېلىپ كىلەر ماڭا ھاياجان
ئېلىپ كىلەر ئوتلۇق سالاملار!!!

04-12-06كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر