ھاياتلىق بار قۇتا ئىچىدە
ھەبىبە ئىسمائىل
2015.03.27 15:46 مەنبە: خەلق تورى
ھاياتلىق بار قۇتا ئىچىدە
ھاياتلىق
بىر قۇتنىڭ ئىچىدە
ئالدىرىماي-تېنىمەي
تامچىلايدۇ بەدەنگە، تەنگە
ھاياتلىق بار تېخى ئۆلمىگەن
كىچىككىنە قۇتا ئىچىدە
سۈمۈرۋاتقان سويۇقلۇق
ئاق پەرىشتە كۆزىدە
ئۇ خىزىردۇر كەۋسەر تامغۇزۇر
ئەمما بەزەن
ئەزرائىلدۇر روھنى ئەپ قاچۇر
كېسەلخانىدا
بىر تىلەمچى ئىڭرايدۇ تىنماي
جان قايغۇسىدا
نىم بولدىكىن تېرىكلىك سۈيى
ئۈگدەپ قاپتۇ قۇتا بىلەنلا
ئېھتىمال.......
ئۇشتۇمتۇتلا قۇتا ئىچىگە
تولۇپ كەتتى ئادەملەر سۈيى
تۇساتتىنلا بۇرنۇمغا
لەيلەپ كەلدى جەننەتنىڭ ھىدى...
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر