باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>يازغۇچىلىرىمىز>>ھەبىبە ئىسمايىل

قۇشقاچ

ھەبىبە ئىسمائىل

2015.03.27 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

قۇشقاچ

ق ھەرپى قاققان قوزۇقتەك
تۇرار جىمجىت يەردە شۈمشىيىپ
ۇ ھەرپى ئىللىق ئۇۋىدەك
ش بىلەن بىللە كۈلۈشۈپ
چاپار بىللە ئوتلاققا
چىملىققا ھەم قۇملۇققا
ئىزدەر ئۇندىن تۆتقۇلاق
قىسماق بولۇپ قۇلاققا
قاراپ باقسام قەپەزدە
ق بىلەن ئا مۇڭلىنىپ
ياش تۆكمەكتە ئىسەدەپ
نەپسى ئۈچۈن قالغاچقا
سوغ قەپەزگە سۇلىنىپ
چ ھەرپى بەكمۇ ئەركىن
ئۇچار مەغرور پەر قىقىپ
ئۇنى كۆرۈپ تەنلىرىم
يايراپ كەتتى بىردىنلا
چ بىلەن كەتتىم ئىقىپ

ق ئۇ ش ق ئا چ
ئۆگزىمىزگە جۈپ قۇشقاچ
تىنماي سايرار ۋېچىرلار
نېمىچۈنكىن بىلمىدىم.
تۇرۇپ ئۈنسىز شىۋىرلار
ۋىچىر،ۋىچىر ،ۋىچىر ،ۋىچ
ئۆردى قۇشقاچ ئاۋازى
دېڭىزدىكى تەئەللۇق
مىنىڭ خىيال كەپەمنى
ئاۋازلىرى نالىمۇ؟
ياكى شادلىق شىئېرمۇ؟
ھىچ بىلمىدىم ياكى مەن
نادان دۆت بىر بالىمۇ؟

02-يىل 8-ئاي


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر