باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>يازغۇچىلىرىمىز>>ھەبىبە ئىسمايىل

تاپتىن چىقىش

ھەبىبە ئىسمائىل

2015.03.27 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تاپتىن چىقىش

دەرس تاشلا قانغۇچە ئۇخلا
بازار ئايلان چەيلە چىملىقنى
ئۈزۈۋەتكىن
تەشتەكتىكى ئەتىرگۈللەرنى
ساقچى
راسا قاچقىن قوغلىسا سىنى
گۈلنى قىسىپ قۇلاقلىرىڭغا
تەتۈر كىيىپ خورۇم ئاياقنى.

يىراق-يىراق يېزىغا بېرىپ،
ئوغرىلاپ يە چىلگە قوغۇننى.
قىېقىۋەتكىن مېۋىلىرىنى
ئالغاچ كەلگىن قويغۇم بار مېنىڭ
تام تۈۋىدە ئۆسكەن ئوسمىنى
پۇراپ قالساڭ تونۇر نان ھىدى
سويغاچ كەلگىن كۆيگەن توقاچنى
رەگەتكىنى تارتىپ قولىدىن
راسا يىغلات كىچىك بالىنى
تەشتەكلەرگە تىزىلغان گۈلنى
چىقىۋەتكىن ئېتىپ بىر تاشنى
كۈچەپ تەپكىن چىقىلىپ كەتسۇن
يان ئۆيدىكى گىرىم جازىسى
چۈمبەلدىكى دۇنيا كۆزىگە
تولسۇن ئۇششاق ئەينەك پارچىسى
مەيلى ساراڭ دېسۇن باشقىلار
مەنلا دەيمەن سۆيۈملۈك سىنى

ئالغىن بېرەي بىر جۈپ يوغان تاش
ئۇدۇم قىلىپ ئەجدادىمىزنى
ئوت چىقىرىپ
كۆيدۈرۋەتكىن كىتابلىرىڭنى
پارتىنىلا مىنىپ ئولتۇرماي
يايلاقلاردا چاپتۇرغىن تاينى
نازۇك، يۇمشاق، خىنىمچىراي قول
قىلالىغان قاچان چوڭ ئىشنى؟
ئاسما كۆۋرۈك شەھەردىن قىچىپ
تەبىئەتكە ياققىن باغرىڭنى
شوخلۇق بىلەن ئەيمەنمەي بېرىپ
تارتىپ قويغىن قىز سېكىلىكىنى
مەيلى دېسۇن قېلىن باشقىلار
مەنلا دەيمەن جۈرئەتلىك سېنى.

مۇئەللىم
ھەقىقەتنى سولاپ سىنىپقا
تەسۋىر بېرىپ ئولتۇرار ئاڭا
ھايات ئۇ ئىنسانغا مۇھىم ھەقىقەت
ئەخمەقلەر ئاسانلا ۋاز كېچەر پەقەت
ئەخمەقمىدۇ دوكتورلار؟
ھاياتىدىن بىزار بولغان چاغ
تاپتىن چىقسا چىقىپ رامكىنى
ئۇلارنىڭ
دورىمىقى ئاسانمۇ سىنى
بەرسەم ئاڭا ئوقسىز تاپانچا
ئۆلتۈرەرمۇ يەنە ئۆزىنى
تاپتىن چىقسا ئۇمۇ جۈرئەت قىپ
ئۆزى سىزغان رامكىنى چىقىپ
ھايات كۈلەر گۈلرەڭ مەنىلىك ...


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر