باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>يازغۇچىلىرىمىز>>ھەبىبە ئىسمايىل

چېكىتلىك جاۋاپ

ھەبىبە ئىسمائىل

2015.03.27 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

چېكىتلىك جاۋاپ

ئەۋەتىلگەن ئەتىرگۈللىرىڭ
پەشمۇ ياكى چېكىت سوراقمۇ
ھاياجانلىق قىزغىن ئۈندەشمۇ
ياۋا كەپتەردىن
يا بولمىسا كۈتكىنىڭ مەندىن
ئىسسىققىنە كۈلكە سوراشمۇ؟

سۈكۈت
خىيالىمغا چېكەر كۆپ چېكىت
چۈشەندۈرمەك قىيىن ئاجايىپ
سەن بىلمەيسەن نۇرغۇن ئىشلارنى
قوش تىرناققا سۇلىنىپ كەلگەن
ئىزاھلاشقا ماغدۇرى يەتمەي
ئىزاھلىنىش نومۇس كۈچىدىن
سۇئاللارغا ئېسىلىپ ئۆلگەن
بىلىمەن
جىرىڭلىغان سىگنال كەينىدىن
چىقار نۇرغۇن ئۈندەش، سوراقلار
ئىسسىققىنە سالاملىشىشلار
تاتلىققىنە ھەم پىچىرلاشلار
تەكلىپ، پىكىر ۋە يالۋۇرۇشلار
مەست چاغلاردا ھەيۋە قىلىشلار
يىغلاپ يەنە......
تەكرارلىنىشلار
مەن گوياكى پەرىشتە قىزدەك
بۇ بەلگىلەر مېنىلا قىينار.

پەشلەر مېنىڭ قەدەملىرىمدۇر،
كەلگۈسىدە باسماقچى بولغان
ماڭا ئامراق نۇرغۇن كىشىلەر
چېكىتكىلا ئېرىشىپ قالغان.

مەن چېكىتتىن قەۋەت قورقاتتىم.
قۇتۇپ قايان كېتىپ قالماي دەپ
كەشتە-يىپمۇ تۈگەي دەپ قالدى.
پەش بېرىشكە راست ئامالسىزمەن
لەۋلىرىمدە بولمىغاچ شۇ گەپ

قارچۇقۇڭغا مۆكۈنگەن سوئال
كۆزلىرىمدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان
خىجالەتنى كۆرۈپ قالسىدى.
چېكىتلەرنى تېرىۋالسىدى...


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر