باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>娱乐媒体专栏>>ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم سەھىپىسى

بىزنىڭ پەخىرلىنىۋاتقانلىرىمىزنى كىم سايلاۋاتىدۇ؟

2014.10.17 00:12   مەنبە: خەلق تورى

بىزنىڭ پەخىرلىنىۋاتقانلىرىمىزنى كىم سايلاۋاتىدۇ؟

  يېقىندىن بۇيان جۇڭگونى تىترەتكەن ، جۇڭگودىكى داڭلىق پالانچىنى يىغلاتقان، بىزنىڭ پەخىرىمىز،بىزنىڭ ئۈلگىمىز تېمىسىدا نۇرغۇن تېمىلارنى كۆردۇق .. ئەلۋەتتە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى راس...ئەپسۇسلىنىدىغىنىمىز نېمە؟ نېمە ئۈچۈن تالانت ئىگىلىرى رايونىمىزدا ، ئۆز مىللەت تەۋەلىكىمىزدە ئالدىن قوللاشقا ئېرىشمەيدۇ؟ رايونىمىزدا كۆزگە كۆرۈنۈپ بولۇپ دۆلەتتە ئالقىشلانمايدۇ؟بۇ بىزدىن ئويلىنىش تەلەپ قىلىدۇ. قوللاش، كۆيۈنۈش تەلەپ قىلىدۇ..شىنجاڭدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ؟ ئويلاپ ئۆتەيلى، ناۋا قاتارلىق تالانتلىقلارنى بايقايدىغان پروگراممىغا بىز پەرھات خالىقنى باھالىغۇچى قىلدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا قۇربان ھېيت ، روزى ھېيت كېچىلىكلىرىدە نۇمۇر ئورۇنلاش نۆۋىتىنى بەردۇقمۇ؟ ياق... بەزىلەر ياقتۇرمىغانمۇ بولدۇق.. ئەمما ئۇ باشقا دۆلىتىمىزنىڭ خەنزۇچە قانىلى ئارقىلىق قايتىدىن بىزنىڭ يەرلىك قاناللىرىمىزدىكى چولپانغا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن بۇرۇنچۇ؟ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى پەرھاتنىڭ مەستانىسى ئەمەسلەرمۇ قايتىدىن زورىغا مەستانىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ئائىلە شارائىتى ، ھېكايىلىرىنى قانچىلىك كىشى بىلەتتى؟ قايسى ئورۇن ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىپ خەلققە سۇندى؟ مانا ئۇ خەنزۇچە قانالدا بىز بىلەن خەنزۇچە سىرداشتى،ئائىلسىدىن تارتىپ شارائىتلىرىغىچە بايان ئەيلىدى.. بىزمۇ توختىماستىن ماختاپ دوستلار چەمبىرىكىگە تەرجىمە قىلىپ چىقىرىشقا باشلىدۇق.

  ئەمەلىيەتتە پەرھاتمۇ ( ئۆز مىللىتى ئەتكەن پولونى) يەپ بولۇپ دۇئا قىلىپ بولۇپ باشقىلارغا مېھمان بولسا بولاتتى. ئەمما ئۆز دوستىمىزنى يىراقتىكىلەر بايقاپ بىزگە مېھمان قىلىپ قويدى..ئۇ قېشىمىزدىكى ۋاقىتتا قوللىشىمىز يېتەرلىك بولمىدى...بىزنىڭ چولپان قىلۋاتقىنىمىز نېمە؟ غەيۋەت، تۈگىمەس پىتنە پاساتلار بولدى.. ئەمما ئالامەت ... بىز رايونىمىزدىكىلەرنى پىچىرلاپ قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ (چولپان)قىلىدىكەنمىز.. رايونىمىزنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى داۋاملىق تەرجىمىچىلىك بىلەن ئالدىراش يۈرۈيدىكەنمىز. رايونىمىزدا ئالاھىدە تەۋەررۈك كىشىلىرىمىزنىمۇ ئايىماستىن غاجاپ قويىدىكەنمىز.. ئۆز ئىچىمىزدىلا تىللاپ چولپان قىلىۋەتتۇق.

  ئىدارىڭىزدە ھېچكىم ياقتۇرمايدىغان كىشىنى باشلىق قىلىپ قويسا نارازى بولىسىز. ئەمما بىرىنى سايلاڭ دىسە ھەممىمىز ئۆزىمىزنى سايلايمىز.. ئەمما ئاخىرىدا پەقەت بىرىلا بىزگە باشلىق بولىدۇ. بۇ باشلىقنى ھەممىمىز سايلىمىغاندىكىن باشقا ئىدارىدىن تونىمايدىغاندىن بىرىنىلا سايلايدۇ..شۇنىڭدەك رايونىمىزدا ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى باشقا جايلار كۈچەپ تەشۋىق قىلغاندا بىز پەخىرلىنىپ تۇرۇپ مانچە يىل بۇرۇن ھەممىمىز ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق قىلغان، ياكى ئۇ مۇنداق تارىخى بار كىشى دىيەلەيدىغان بولايلى-يېنىمىزدىكى ئادەملەرگە بەكرەك نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ قويايلى. دىلىنى ئاغرىتقانلار ياكى بىز قەدرىنى قىلالمىغانلار بىزدىن دىلى ئاغرىمىسۇن. ئۇلار مەڭگۈ بىزنىڭ ئاۋازنى ۋە تالانتنى ئەتراپىمىزدىن يىراق يىراقلارغا تاراتسۇن

  ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىنكى مىسرانىم يۈزەكى ھېسلىرى

  ئاپتورنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن يۆتكەلدى، كۆچۈرۈشكە، باشقا مەنبەدىن كۆچۈرۈپ «مەنبەسى خەلق تورى» دەپ يېزىشقا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز