يولداش لى شىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  لى شى، ئەر، خەنزۇ، 1956 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ لياڭداڭدىن، 1975 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1982 - يىلى 1 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، غەربىي شىمال سىفەن شۆيۈەنى جۇڭگو تىل - ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىل - ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار سودا - سانائەت باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىر.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.

  (مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى يېڭىلاندى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ