يولداش دىڭ شۆشياڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  دىڭ شۆشياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1962 - يىلى 9 - ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ نەنتۇڭدىن، 1982 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984 - يىلى 10 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، فۇدەن داشۆ باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، تەبىئىي پەنلەر ماگىستىرى، پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېر.

  ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.

  (مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 2023- يىل 3- ئايدا يېڭىلانغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ