باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(10)

— 2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.05.22 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىللەر!

  يېڭى ۋەزىيەت ھەم ۋەزىپىلەر ھۆكۈمەت خىزمىتىگە يېڭىدىن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق تۈردە يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش-ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈپ، فۇنكسىيەنى تېز ئۆزگەرتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئىستىكىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەك.

  مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇنچىللىق يولىغا سالىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نازارىتىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈشى كېرەك. ھۆكۈمەت خەلق ئىنتىزار بولۇۋاتقان ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە تەدبىر چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىگە، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ پىكرىگە ۋە كارخانىلارنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا ۋە ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى، ئاممىۋى ئاساسقا تېخىمۇ ئىگە قىلىشى، ئەلرايىغا تېخىمۇ لايىقلاشتۇرۇشى كېرەك. مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سۈرۈش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولماسلىق، مەدەنىي بولماسلىق ئەھۋاللىرىنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي تۈزىتىش، مەمۇرىيەتتە قىلىدىغاننى قىلمىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سۈرىمىز. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» تېمىسىدىكى تەربىيەنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرىمىز. مەركىزىي كومىتېتنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى ئۇزاققىچە بوشاشماي تۈزىتىمىز. پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىندۇرمايدىغان، چىرىكلەشتۈرمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى خىيال قىلدۇرمايدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىمىز. ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىمىز. ھۆكۈمەت خادىملىرى قانۇن نازارەتچىلىكى، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى ۋە خەلق نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. سىياسىي نەتىجىگە باھا بېرىشتە ئاخىرقى نەتىجىگە قارايمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، كادىرلارنى ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمىدىن، ھەر خىل باھالاشلار-تەكشۈرۈشلەردىن، ماتېرىيال-جەدۋەل يوللاش ئىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ، زېھىن-كۈچىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىشلىرىنى ئازايتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، «ئالاقە تورى + ھەيدەكچىلىك»نى يولغا قويۇش كېرەك. يىغىن ئېچىش ۋە ھۆججەت تارقىتىشنى ئازايتىش كېرەك، بۇ يىل گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن يىغىنلارنى زور ھەجىمدە ئىخچاملىشى، قەتئىي تۈردە ھۆججەتنى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك ئازايتىشى لازىم.

  مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى غايەت زور نەتىجىلىرىنى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما جاپالىق شارائىتتا تۈگەتكۈسىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق ياراتقان. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئارزۇسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىمۇ ئۇزاق مۇددەت بوشاشماي ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. مەمۇرىيەتنى ئادىل يۈرگۈزۈش، قۇرۇق گەپ قىلماي ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، كۆپتۈرمىچىلىكتىن ساقلىنىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش نەتىجىلىرى ئارقىلىق گەپ قىلىشى، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىلىرى بىلەن جاۋاب بېرىشى كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش مېخانىزمى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارغا ئىشلەشنى خالايدىغان، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. مەركەزنىڭمۇ، جايلارنىڭمۇ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ ئىجادچانلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، جايلارنىڭ دادىل ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىش ۋە ئىمكانىيەت قالدۇرۇش كېرەك. كەڭ كادىرلار كۈچلۈك كەسىپچانلىق ۋە ئىنتىلىشچانلىقنى تۇرغۇزۇشى، قىيىنچىلىقتىن قاچىدىغان، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىدىغان ئىشنى قىلماي، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا باش چۆكۈرۈپ ئىجادىي ئىشلەپ، خەلققە يۈز كېلەلىگۈدەك يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

  ۋەكىللەر!

  بىز مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ۋە نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، 56 مىللەت ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىدىغان گۈزەل يۇرت-ماكاننى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  بىز پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  بىز چياۋمىنلار ئىشلىرى سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبىرىنى ھاسىل قىلىپ، بىرلىكتە شانلىق نەتىجە يارىتىدىغان جۇشقۇن كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  ۋەكىللەر!

  ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سۈرۈلۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىدا نۇرغۇن يېڭى مەنزىرە، يېڭى نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. يېڭى بىر يىلدا، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشانىنى داۋاملىق يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچى ئورنىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈپ پىرىنىسىپى ۋە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش بويىچە ھەربىي مەشىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى ئىسلاھاتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي سىياسەت، تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەدەت بېرىشى، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى، شۇ ئارقىلىق ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشى ۋە مەڭگۈ ياشنىتىشى كېرەك.

  ۋەكىللەر!

  بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى داۋاملىق، ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىش قىلىمىز. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمەتلىرى ۋە باش مەمۇرلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللايمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇش زور پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى جايلار بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايمىز. شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېن جەزمەن ۋەتەننىڭ ئىچكى جايلىرى بىلەن تەڭ راۋاجلىنىدۇ، تەڭ ئالغا باسىدۇ، ئۇزاققىچە گۈللىنىدۇ ۋە مۇقىم بولىدۇ.

  بىز تەيۋەن خىزمىتىگە قارىتىلغان مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلاردا چىڭ تۇرىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا ۋە «92-يىل ئورتاق قارىشى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىمىز. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى قەتئىي توسۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايمىز. ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كېڭەيتىمىز. ئىككى قىرغاقتىكىلەر يىلتىزداش، تومۇرداش، تەقدىرداش قېرىنداشلارمىز، شۇڭا قول تۇتۇشۇپ، بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتىشىمىز، ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىلىنىشىمىز كېرەك.

  ۋەكىللەر!

  بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى. بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغدايمىز. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پائال قاتنىشىپ، ئوچۇق دۇنياۋى ئىقتىسادنى قەتئىي قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش ۋە ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىمىز، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق يوللىرىنى كېڭەيتىمىز. دۇنياۋى خىرىسقا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پائال تۈردە جۇڭگونىڭ ئىجابىي لايىھەسىنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويىمىز. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  ۋەكىللەر!

  كۈرەش قىلغاندا تارىخنى ياراتقىلى، ئەمەلىي ئىشلىگەندە كېلەچەكنى ياراتقىلى بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائي تەرەققىياتتىكى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلىتىمىزنى باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

  _____________________

  دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەمىنلىدى، جۇڭگو مىللەتلەر تىل- يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمە قىلدى.

  
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر