باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(9)

— 2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.05.22 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (10) ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز. بۇ يىل مالىيەدە كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بېسىمى ئېغىرلاشقان بولسىمۇ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى ئازايتماستىن، كۆپەيتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن باشقا مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۆپەيتىشنى قوللاپ، ئاممىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز.

  تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سۈپەتلىك مائارىپنى راۋاجلاندۇرىمىز. تەربىيەلەش-ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرىمىز، يېزا-كەنت مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتىنى تېز ياخشىلايمىز، يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، شەھەر-بازار مەكتەپلىرىدىكى «سىنىپتا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش» مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىمىز، شەھەرگە كىرگەن ئىشلەمچىلەر بىللە ئېلىپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، «ئالاقە تورى + مائارىپ»نى راۋاجلاندۇرۇپ، سۈپەتلىك بايلىقتىن تەڭ بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يەسلى مائارىپى تەمىناتىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن ئاشۇرىمىز، مەيلى ھۆكۈمەت يەسلىسى ياكى پۇقراۋى يەسلى بولسۇن، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن، ھەق ئېلىشى مۇۋاپىق، ئاتا-ئانىلار خاتىرجەم بولسىلا، ھۆكۈمەت قوللايدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، مىللىي مائارىپنى، ئالاھىدە مائارىپنى، داۋاملاشما مائارىپنى ياخشى يولغا قويىمىز، پۇقراى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە مەدەت بېرىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتىمىز. ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرىمىز، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايوننىڭ خاسلىققا ئىگە، يۇقىرى سۈپەتلىك داشۆلەرنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىمىز. بۇ يىل مالىيە كۈچى ناھايىتى جىددىي بولۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ، دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى داۋاملىق %4تىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلىنىدۇ، مەركەز مالىيەسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مائارىپ چىقىمى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. بىز قىممەتلىك بايلىقتىن ھەقىقىي تۈردە ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق رازى بولغۇدەك مائارىپنى تىرىشىپ يولغا قويۇپ، كېلەچەككە ئۈمىد بەخش ئېتىمىز.

  ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز، ئاھالىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى 30 يۈەن كۆپەيتىمىز، ئۇنىڭ يېرىمى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. شەخسلەرنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدا چىقىم قىلىش چېكىنى تۆۋەنلىتىپ ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى %50تىن %60كە ئۆستۈرۈپ، ئېغىر كېسەل بىمارلىرى، قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىمىز. ئېغىر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى كۈچەيتىمىز. دۆلىتىمىزدە ئون مىليونلىغان ئائىلە راك كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئالدىنى ئېلىش بويىچە بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، بالدۇر دىياگنوز قويۇپ بالدۇر داۋالاش ۋە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن نۇقتىنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز. ئادەتتىكى سوزۇلما كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشلىرىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە ئامبۇلاتورىيەدە ئىشلىتىدىغان دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز. بالىلار دورىلىرىنى تەتقىق قىلىش، يارىتىشنى تېزلىتىمىز. ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك دورىلىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايمىز. ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز، باشقا جايدا داۋالىنىدىغان بىمارلارنى بېكىتىلگەن ھەممە دوختۇرخانىلاردا كارتا ئىشلىتىپ داۋالىنىش، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە راسچوت قىلىش ئىمكانىيىتىگە تېز ئىگە قىلىپ، كۆچمە ئاھالىگە ۋە شۇلار بىلەن بىللە يۆتكىلىپ كەلگەن ياشانغانلارغا ھەقىقىي قولايلىق يارىتىمىز. دورىنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. «ئالاقە تورى + داۋالاش ۋە ساغلاملىق»نى راۋاجلاندۇرىمىز، يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە تېببىي خادىملىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىمىز، دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش سەۋىيەسى ۋە ئائىلە دوختۇرلىرىنىڭ كېلىشىملىك مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى ئۈچۈن يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مالىيە ياردەم خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى كەنت ۋە مەھەللىلەرگە ئىشلىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنى جەزمەن نەپكە ئېرىشتۈرىمىز. يۇقۇملۇق كېسەل، يەرلىك كېسەل، ياشلار-ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى چىڭ تۇتىمىز. تۇغۇتقا دائىر يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. جۇڭگو تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكى ئىشلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىمىز. ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ساغلاملىققا دائىر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. دورا، ۋاكسىنا ئادەمنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا دائىر پۈتۈن جەريانلىق نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالاش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي چىڭ ساقلاش كېرەك.

  ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرىمىز. پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى داۋاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە مەخسۇس ياردەم قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىمىز، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. شەھەر-بازارلاردىكى قىيىنچىلىقتا قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاممىنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۇلار جىددىي موھتاج بولغاندا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلايمىز.

  خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كۈرەش روھىنى، ئىلىم-پەن روھىنى، ئەمگەك نەمۇنىچىسى روھىنى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز. جۇڭگوچە پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز. ئالاقە تورى مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرىمىز، ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، ئارخىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىمىز. مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىمىز. مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ئىسلاھاتىنى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرىمىز. جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز. 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى پۇختا ئوبدان ئىشلەيمىز، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەييارلىق كۆرىمىز، 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز. خەلق ئاممىسى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولسا، جەمئىيەت ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، دۆلەت گۈللىنىپ روناق تاپىدۇ.

  جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىمىز ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىمىز. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئومۇملاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزىلاردا مەھەللە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىمىز. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، پىدائىيلىق مۇلازىمىتى ۋە خەيرىيەت ئىشلىرىنى ساغلام راۋاجلىنىشقا يېتەكلەيمىز ۋە ئىلھاملاندۇرىمىز. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ ئورۇنلۇق تەلىپىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ھەل قىلىمىز. ئىجتىمائىي پسىخىكا مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. دۆلەتنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى توسىمىز. يەر تەۋرەش، مېتېئورولوگىيە، ھىدرولوگىيە، گىيولوگىيە، ئۆلچەش-سىزىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز. ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش بويىچە كۆپ تەرەپلىك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سۈرىمىز، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زەھەركەشلىك قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالايمىز، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق ئىقتىسادىي جىنايەتكە زەربە بېرىمىز، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا چېقىلىشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى قەتئىي ياخشى قوغدايمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر