باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(8)

— 2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.05.22 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (7) بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىياتقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز. يېشىل تەرەققىيات زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى. ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز. كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، بۇ يىل گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ئازوت ئوكسىد چىقىرىش مىقدارىنى %3 ئازايتىمىز، نۇقتىلىق رايونلاردا ئۇششاق دانچىلار (PM2.5)نىڭ قويۇقلۇقىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىمىز. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا، چاڭجياڭ دېلتىسى ۋە فېنخې-ۋېيخې تۈزلەڭلىكىدە ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش جېڭىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، سانائەت، كۆمۈر يېقىلغۇسى، ئاپتوموبىلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۇلغىما مەنبەسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىمىز. شىمالىي رايوندا پاكىز ئىسسىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل خىمىيە ئېھتىياجلىق ئوكسېگىن مىقدارى ۋە ئاممىياكلىق ئازوت چىقىرىش مىقدارىنى %2 ئازايتىمىز. قارا سېسىق سۇنى تۈزەشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈزەيمىز، نۇقتىلىق ۋادىلارنى ۋە قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سۈرىمىز. قاتتىق تاشلاندۇق ۋە شەھەر ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، مىقدارنى ئازايتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش، زىيانسىزلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش بويىچە زور پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىمىز. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنىڭ سۇبيېكتى بولغان كارخانىلار مۇھىتنى ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى شەرت. مۇھىتنى تۈزەش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلارنى ھەم قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، ھەم ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ياردەم بېرىش-يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈنچى ۋاقىت بېرىش كېرەك، بىر تەرەپ قىلىشتا ئاددىي، قوپال تەدبىر قوللىنىشتىن، تاقىۋېتىپلا قۇتۇلۇشتىن ساقلىنىش لازىم. كارخانىلاردا ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە تاشقى بېسىم بولغاندىلا، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە چوقۇم تېخىمۇ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  يېشىل، بۇلغىمىسىز كەسىپلەرنى زورايتىمىز. مەنبەسىدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوت ئېلېكتىر، پولات-تۆمۈر ساھەسىدە پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان كەسىپلەرنى بۇلغىما چىقىرىشتا ئۆلچەمگە يېتىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىمىز. ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەيمىز ۋە ياخشىلايمىز. كۆمۈردىن پاكىز پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، ساقلاش، سېتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شامال ئېلېكتىرى، فوتوۋولتلۇق ئېلېكتىر ۋە سۇ ئېلېكتىرىنى ھەزىم قىلىش مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىمىز. شەھەرلەرنىڭ پاسكىنا سۇ تۇرۇبا تورى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى زورايتىمىز. بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ۋە ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل ئىمارەت، تېز يوللانما يېشىل ئورالمىلىرىنى ئومۇملاشتۇرىمىز. مۇھىتقا دائىر ئىقتىسادىي سىياسەتنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز، مۇھىت ئاسراشتا كەسىپلەشكەن بىر تۈركۈم تايانچ كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز.

  ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سۈرۈپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى سىجىل ياخشى تۇتىمىز، چۆللىشىش، قۇملىشىش، سۇ ۋە تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى تۈزەشنى كۈچەيتىمىز. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا، سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇشنى داۋاملىق قانات يايدۇرىمىز. دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يېشىل تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ھەرىكەتكە كېلىش ھەممىدىن مۇھىم، قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندا نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ. بىز ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنى ياشاشقا باب گۈزەل مۇھىتقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  (8) نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرىمىز. گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى نىشانلاپ، ئالاقىدار ئىسلاھاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا لايىق كېلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىقىنى تولۇق قوزغىتىمىز.

  دۆلەت مۈلكى-دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى ۋە دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى شىركەتلىرىنىڭ ئىسلاھات سىنىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئالغا سۈرىمىز. شىركەت ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي دىرېكتورلار تۈزۈمى ئورنىتىمىز. «مۇردا كارخانا»لارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت-گاز، تۆمۈريول ساھەلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، تەبىئىي مونوپول ساھەلەردە ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە قاراپ تور بىلەن تىجارەتنى ئايرىۋېتىپ، رىقابەتلىك كەسىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك بازارغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

  پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلايمىز. «ئىككى قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام-مەدەت بېرىمىز ۋە يېتەكچىلىك قىلىمىز. رىقابەتنىڭ نېيتراللىق پىرىنسىپى بويىچە، ئامىلغا ئېرىشىش، ئىجازەت بېرىش، تىجارەت قىلىش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش جەھەتلەردە ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىمىز. يېقىنلىق-پاكلىق ئاساسىدىكى يېڭىچە ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىچىلار روھىنى ئۇرغۇتۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا قەتئىي بولىمىز، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە جازالايمىز، خاتا، ناھەق دېلولارنى جەزمەن تۈزىتىمىز. تىرىشىپ ئوبدان سودا مۇھىتى يارىتىپ، كارخانىچىلارنىڭ خاتىرجەم تىجارەت قىلىشى ۋە كارخانىنى ياخشى باشقۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىمىز.

  مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. خامچوتنى ئاشكارىلاش ئىسلاھاتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ كىرىم ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. يۆتكىمە چىقىم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يەرلىك باج سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي-زېمىن بېجى قانۇنىنى چىقىرىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرىمىز. ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، پۇل مۇئامىلە سىستېما قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، پۇقراۋى بانكىلار ۋە مەھەللە بانكىلىرىنى راۋاجلاندۇرىمىز. كاپىتال بازىرىنىڭ ئۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، بولۇپمۇ پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. سۇغۇرتا كەسپىنىڭ خەۋپ-خەتەردىن كاپالەتلەندۈرۈش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىمىز. پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش، ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ مالىيە، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، قوللانغىلى بولىدىغان سىياسەت قوراللىرى كۆپ، بىزنىڭ سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلايدىغان ئىقتىدارىمىز بار.

  (9) ئىشىكنى سىرتقا ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە يېڭى رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى يېتىلدۈرىمىز. ئېچىۋېتىش ساھەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئىلگرىلەپ ياخشىلاپ، تاۋار ۋە ئامىل يۆتكىلىش تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، قائىدە قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

  تاشقى سودا سۈپىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئېكسپورت بازىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى ھالەت كەسىپلىرىگە يار-يۆلەك بولىدىغان سىياسەتلەرنى ئىسلاھ قىلىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز، پىششىقلاش سودىسىنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا-غەربىي رايونلارغا يۆتكىلىشكە يېتەكلەيمىز، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇرىمىز. ئىمپورت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئىمپورت دائىرىسىنى پائال كېڭەيتىمىز. 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز. تاموژنىدىن ئۆتۈشتىكى قولايلىشىش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرىمىز.

  تاشقى مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، تاشقى مەبلەغقە قارىتىلغان بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئازايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە تاشقى مەبلەغنىڭ شېرىكسىز تىجارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىمىز. پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرنى ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زايوم بازىرىنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئىقتىساد-سودىغا دائىر خەلقئارا ئورتاق قائىدىلەرگە توغرىلىنىشنى تېزلىتىپ، سىياسەتنىڭ ئاشكارىلىقى ۋە سىياسەت ئىجراسىنىڭ بىردەكلىكىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى مەبلەغ كارخانىلىرى بىلەن تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان ئادىل بازار مۇھىتىنى بەرپا قىلىمىز. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىمىز. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىغا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشتە تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىمىز، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭى رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىمىز، خەينەن ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرىمىز، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ۋە يېڭى رايونلاردا ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىغا ئالاقىدار ئىسلاھات سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاپ، بۇ رايونلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىمىز. جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى جەزمەن بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىيات پۇرسىتى جەزمەن بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، بازار پىرىنسىپىغا ۋە خەلقئارا ئورتاق قائىدىگە ئەمەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرىمىز، ئۇل ئەسلىھەنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش-راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىمىز، 3-تەرەپ بازار ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىمىز. 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى باشلىقلار مۇنبىرىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

  سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ۋە ئەركىن سودىنى قەتئىي قوغدايدۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىدۇ. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز، رايونلار ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە، جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتى ۋە جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئالغا سۈرىدۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۆھبىتىگە داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتنى ياقلايدۇ، سودا تالاش-تارتىشىنى باراۋەر ئاساستا كېڭىشىپ ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىدۇ. بىز بەرگەن ۋەدىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىمىز، ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىمىزنى قەتئىي قوغدايمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر