باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(7)

— 2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.05.22 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (4) كۈچلۈك ئىچكى بازارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قوزغىتىمىز. ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولىنى، سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈنۈملۈك تەلەپنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىمىز.

  ئىستېمالنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ شەھەر-يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باج كېمەيتىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەخمىنەن 80 مىليون باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق بەھرىمەن قىلىمىز. ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە لايىقلىشىپ، سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇپ، ئەلئارا كاپىتالنىڭ كىرىشىدىكى توسالغۇلارنى تېز تۈگىتىمىز. دۆلىتىمىزدە 60 ياشتىن ئاشقان ئاھالە 250 مىليونغا يەتتى. كۈتۈنۈش، بولۇپمۇ مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەھەللىلەردە كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە پەرۋىش قىلىش، غىزالىنىشقا، ھەرىكەت قىلىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان ئاپپاراتلارنى باج-ھەقنى كېمەيتىش–كەچۈرۈم قىلىش، مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بېرىش، سۇ، توك، گاز، پار باھاسىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق يۆلەيمىز، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئولتۇراق رايونلىرىدا مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى يانداش ئەسلىھەسىنى قۇرىمىز، يېزىلاردا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاق مەزگىللىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ سىناق دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز، ياشانغانلار ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەندىلا، كېيىنكىلەر ئۈمىدلىك كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ. بوۋاقلار-بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مىليونلىغان ئائىلىگە چېتىلىدىغان ئىش. ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، بوۋاقلار-بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا دائىر كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇلازىمەتنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ بېقىش-تەربىيەلەش مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىمىز. ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى ۋە دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. پۈتۈن دائىرىلىك ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى زورايتىمىز. ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىمىز، توك قاچىلاش، ھىدروگىن قاچىلاش قاتارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرىمىز. ئىستېمالنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توردىكى ئىستېمال بىلەن تور سىرتىدىكى ئىستېمالنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرىمىز. يېزىلارنىڭ ئوبوروت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، قولاي ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىمىز. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى تېز يولغا قويىمىز. تۆمۈريولغا 800 مىليارد يۈەن، تاشيول ۋە سۇ تىرانسىپورتىغا 1 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىمىز، يەنە بىر تۈركۈم زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز، سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى تېزلىتىمىز، شەھەر ئارا قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، شەھەر مەمۇرىيىتى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ۋە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، يېڭى ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. بۇ يىل مەركەز خامچوتىدىن 577 مىليارد 600 مىليون يۈەن سېلىنما ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقىدىن 40 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ. تۈر ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق تۈرلەرنىڭ كاپىتال سوممىسى نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ، تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىمىز، تېخىمۇ كۆپ ئەلئارا كاپىتالنى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا جەلپ قىلىمىز. ئەلئارا سېلىنمىنى قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىقىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرىمىز. خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھۆكۈمەت باشلامچىلىق بىلەن سەمىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىپ لەۋزىدە تۇرۇشى، «يېڭى ئەمەلدار كونا ھېسابقا ئىگە بولمايدىغان» ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقى، كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن قايتۇرۇشى كېرەك، پۇلنى يېڭىدىن نېسى قالدۇرۇشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.

  (5) ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى نىشانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سۈرىمىز. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىش ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تە دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە نامرات ئاھالىگە قارىتىلغان كاپالەت تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش كەسىپلەرنىڭ تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا نامرات رايونلارنىڭ ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن يار-يۆلەك بولۇش كېرەك. نامرات رايونلاردا ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە يېزىلاردىن ۋە نامرات رايونلاردىن مەخسۇس قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد مىراس قېلىشىغا خاتىمە بېرىدىغان مائارىپتىن ئىبارەت تۈپ تەدبىرنى ياخشى قوللىنىمىز. 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش يىرىك پىلانىدىكى قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇنلاپ، داۋاملاشما يۆلەشنى كۈچەيتىمىز. نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن ناھىيەلەر ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنى يۆلەش سىياسىتىنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز. باھالاش-نازارەت قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشىنىڭ نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قانچىكى ھالقىلىق باسقۇچقا كىرسە، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى شۇنچە ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىشىگە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  يېزا ئىگىلىكىنى، بولۇپمۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتىمىز. ئاز كەم 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگولۇقنىڭ تاماق مەسىلىسىنى جەزمەن ئۆزىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇش، سورت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش كېرەك. ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، 80 مىليون مودىن ئارتۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى يېڭىدىن كۆپەيتىش لازىم. چوشقا قاتارلىق چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئافرىقا چوشقا ۋاباسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكىسىنى ئىسلاھ قىلىش-يېڭىلاشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلغار ئەمەلىي تېخنىكىنى كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، جۇغراپىيەۋى بەلگىلىك يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار كوپېراتىپى قاتارلىق يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىگە يۈزلەنگەن ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرىمىز. مەھسۇلات كۆپ چىقىدىغان جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تۈجۈپىلىك پىششىقلاپ ئىشلىشىگە يار-يۆلەك بولىمىز. يېزىغا قايتىپ، يېزىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىپ، 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە ئىگىلىكىنى زورايتىمىز. ئىشلەمچىلىك كىرىمى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى نېگىزىدىن تۈگىتىپ، مەخسۇس مەمۇرىي نىزام تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، جاپالىق ئەمگەك ۋە قان-تەر سىڭدۈرگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تېگىشلىك ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

  يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلايمىز. يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز يولغا قويۇپ، ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىقى بار ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى بۇ يىل ۋە كېلەر يىل ئىچىدە ئوبدان ھەل قىلىپ، 60 مىليون يېزا ئاھالىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش بويىچە يېڭى نۆۋەتلىك قۇرۇلۇشنى تاماملايمىز. 200 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياسايمىز ياكى ئۆزگەرتىپ ياسايمىز. يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ سېلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز. يېزىلاردا ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنى ھەر جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ قانات يايدۇرىمىز، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى، ئەخلەت ۋە پاسكىنا سۇ مەسىلىسىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل يېزا-كەنت بەرپا قىلىمىز.

  يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. يېزا يېرىنى ئېلىش، كوللېكتىپنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش، ئۆيلۈك يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش سىنىقىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇملاشتۇرىمىز. كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى، دۆلەت ئورمانچىلىق رايونى ۋە ئورمانچىلىق مەيدانى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، تەمىنات-سودا كوپىراتىپى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق باھاسىنىڭ بازار ئارقىلىق شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىمىز ۋە ئۇنى كۈچەيتىمىز. يېزا ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان بولساقلا، كەڭ يېزا-كەنتلەرنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ۋە جۇشقۇنلۇقى جەزمەن ئۇرغۇپ تاشىدۇ.

  (6) رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار مېخانىزم، سىياسەتلەرنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلارنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن ئۆزئارا پايدىلىنىشىغا، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

  رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ياخشىلايمىز. غەربىي رايوننى ئېچىش-ئېچىۋېتىشكە دائىر يېڭى سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزىمىز، غەربىي رايوندىكى كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى قەرەلى توشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىجرا قىلىمىز. شەرقىي شىمالنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى، ئوتتۇرا رايوننىڭ يۈكسىلىشى، شەرقىي رايوننىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىدا بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىمىز، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرىمىز. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قائىدىلەرنىڭ جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىنىڭ قولايلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز. چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسىنى تۈزۈپ يولغا قويىمىز. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىدا يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى رايونلارنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىقتىساد بەلبېغىنى بەرپا قىلىمىز. بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىشىغا مەدەت بېرىمىز. ئىنقىلابىي كونا رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تېز تولۇقلايمىز. كۆك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى قوغداپ، دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرىمىز.

  يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سۈرىمىز. مەركىزىي شەھەرلەرنى شەھەر توپى تەرەققىياتىغا يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، شەھەر-بازار ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ دائىملىق نوپۇسنى تولۇق قاپلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئوبدان ھەل قىلىمىز، شەھەرلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ بازىرى سىستېمىسى ۋە كاپالەت سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز. شەھەر-بازارلاردىكى كەڭ كۆلەمدە كۆپلەپ ساقلىنىۋاتقان كونا مەھەللىلەرنى زور كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ، توك، يول، گاز قاتارلىق يانداش ئەسلىھەنى يېڭىلايمىز، لېفىت ئورنىتىش ۋە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىمىز، خەلققە قولايلىق بازار، قولايلىق دۇكان، پىيادىلەر كوچىسى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئەسلىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئادەمنى يادرو قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەۋرىشىم ئىدارە قىلىش، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرلەرنى تېخىمۇ ياشاشقا باب كېلىدىغان، سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە ۋە ئىنسانىي غەمخورلۇق ئەۋج ئالغان قىلىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر