باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(6)

— 2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.05.22 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2) بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلايمىز. دۆلىتىمىزدە 100 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۇبيېكتلار داۋاملىق كۆپىيىۋاتىدۇ. بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ جانلىقلىقىنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىش ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. «ھوقۇق بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈملۈك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پىشقان ماھارەت ئارقىلىق تەرەققىيات يۇمشاق مۇھىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  تەستىق رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە قولايلىق يارىتىمىز. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملىشى ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىل. بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى يەنىمۇ ئىخچاملاپ، «چەكلەنمىگەن ساھەلەرگە كىرىش»نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى قەتئىي بازارغا قويۇپ بېرىپ، بايلىقنى بىۋاسىتە تەقسىملەشنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىپ، تەستىقلاش ئىشلىرىنىڭ ئازايتىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئازايتىپ، تەستىقلاش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغانلىرىنىڭ تەرتىپى ۋە ھالقىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى بازارغا قارىتىدىغان، تەستىقلىتىش ئۈچۈن قاتراپ يۈرمەيدىغان ئىمكانىيەتنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. بۇ يىل كارخانا تىجارىتىگە ئىجازەت بېرىشكە چېتىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئېلىشىنى قولايلاشتۇرىمىز ھەم ئىمكانقەدەر تېز ئىش باشلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىمىز، «ئىجازەت بەرگەن تۇرۇقلۇق تىجارەت قىلىشىغا يول قويمايدىغان» ئەھۋاللارنى قەتئىي تۈگىتىمىز؛ مەملىكەت بويىچە قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، تۈرنى پۈتۈن جەريانلىق تەستىقلاش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىمىز. پاتېنت تەكشۈرۈش ۋە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋاقتىنى داۋاملىق قىسقارتىمىز. توردا تەستىقلاش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن تور مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى سۇپىسى قۇرۇپ چىقىشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر توردا ھەممىنى بېجىرىش، باشقا جايدا بېجىرگىلى بولۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى دەرقەمسىز بېجىرگىلى بولىدىغان قىلىمىز، ھەقىقەتەن كۆزنەككە بېرىپ بېجىرمىسە بولمايدىغان ئىشلاردا «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىپ تۈگىتىش»، «كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش»نى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. «ئىسپاتنى ئازايتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش» ئىسلاھاتى ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش، ئۇششاق-چۈششەك ئىسپاتلار ئارقىلىق كارخانا ۋە ئاممىنى قىينايدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «ياخشى-ناچارنى باھالاش» تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مۇلازىمەت ئۈنۈمىگە كارخانىلار ۋە ئامما باھا بېرىشى كېرەك. مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بۇرچى، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلماسلىق ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ھېسابلىنىدۇ.

  ئادىل نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئارقىلىق ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئادىل رىقابەتلىشىش بازار ئىگىلىكىنىڭ يادروسى، ئادىل نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئادىل رىقابەتلىشىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش ۋە ئادىل نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسالغۇ بولىدىغان ھەر خىل بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللارنى تېز ئېنىقلاپ بىكار قىلىمىز. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ قولايلاشتۇرىمىز. قائىدە قانچە ئاددىي ۋە ئاشكارا بولسا، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش شۇنچە كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. دۆلەت قاتلىمىدىن بىرلىككە كەلگەن نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئاساسلىق كۈچىنى ئادىل نازارەت قلىش-باشقۇرۇشقا قارىتىشى كېرەك. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە تارماق ھالقىغان بىرلەشمە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ئالغا سۈرۈپ، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، مۇھىت ئاسراش، ئوت مۇداپىئەسى، باج، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرىنى ياخشىلاپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قانۇنغا رىئايە قىلغانلارغا كاشىلا قىلمايمىز. ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي جازا ئىشلىرىنى ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپ تەكشۈرۈش، قايتا-قايتا تەكشۈرۈشنى قەتئىي تۈزەيمىز. نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچىلارنىمۇ كۈچلۈك نازاەت قىلىش-باشقۇرۇش، قائىدە بېكىتىش، قانۇننى تاللاپ ئىجرا قىلىدىغان، خالىغانچە ئىجرا قىلىدىغان ئەھۋاللارغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك، كارخانىلار ۋە ئاممىغا قەستەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. ساختا-ناچار تاۋار ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا كۆتۈرەلمىگۈدەك بەدەل تۆلىتىمىز. لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل بازار سۇيېكتلىرىنىڭ تىجارەتتە قانۇنغا رىئايە قىلىشى، سەمىمىي بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئادىل نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئارقىلىق ئادىللىقنى، ئۈنۈمنى ۋە ھاياتىي كۈچنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  ئىسلاھات ئارقىلىق كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەقنى ئازايتىشقا تۈرتكە بولىمىز. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توك باھاسى قوشۇمچە ھەققىنى ئېنىقلاپ، ياسىمىچىلىقنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىمىز، ئادەتتىكى سودا-سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ باھاسىنى يەنە %10 چۈشۈرىمىز. ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يول ھەققى، كۆۋرۈك ھەققىنى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولىمىز، يولۇچى-يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىغا قارىتىلغان نامۇۋاپىق تەستىقلاش ۋە قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش ئەھۋاللىرىنى تۈزەيمىز. مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئۆلكە چېگراسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى ئىككى يىل ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاپتوموبىلنى توختاتماي تېز ھەق ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىستاڭچىلىقنى ئازايتىپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىمىز. بىر تۈركۈم تۆمۈريول، پورتلاردا ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز ياكى ئازايتىمىز. ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ھەققى ئېلىشنى مەخسۇس تۈزەيمىز. مەمۇرىي-كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى داۋاملىق ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرىمىز. ھەق ئېلىش تىزىملىكى بويىچە «بىر تور» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەق ئېلىشنى ئاشكارا يولغا قويىمىز، قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي ئىمكانىيەت قالدۇرمايمىز.

  (3) يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقى مول بولۇش، ئىچكى بازىرى غايەت زور بولۇش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى-يارىتىش ۋە ئۇنى كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلاپ، كەسپىي روھنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، يېڭى قۇۋۋەت بىلەن كونا قۇۋۋەتنىڭ داۋاملاشما ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، سانائەت ئاساسىنى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز. سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسى قۇرۇپ، «ئەقلىي+»نى كېڭەيتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىمىز. كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە ئۈسكۈنە يېڭىلاشنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىپ، تۇراقلىق مۈلۈك ئامورتىزاتسىيەسىنى تېزلىتىش ئېتىبار سىياسىتىنى پۈتكۈل ياسىمىچىلىق ساھەسىگە كېڭەيتىمىز. سۈپەتنىڭ ئۇللۇق تىرىكىنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەمنىڭ خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە بىلەن جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ خېرىدارنى جۇڭگودا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتنى ۋە جۇڭگو مۇلازىمىتىنى تاللاشقا جەلپ قىلىمىز.

  يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بۈيۈك مەلۇمات، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئالىي جابدۇق، بىيودورا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى زورايتىمىز. كەڭ قورساقلىق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، سۇپا ئىقتىسادى، ھەمبەھرىلىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ھەر كەسىپ، ھەر ساھەدە «ئالاقە تورى+»نى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ھەققىنى تۆۋەنلىتىشكە سىجىل تۈرتكە بولىمىز. شەھەر ئائىلىلىرىگە 1000 مىگابايتلىق كەڭ بەلباغلىق تور يەتكۈزۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، يىراقتىن ئوقۇتۇش، يىراقتىن داۋالاش تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆچمە تورىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئابونتلارغا تور سۈرئىتىنىڭ تېخىمۇ تېزلەشكەنلىكى ۋە تېخىمۇ مۇقىملاشقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز. بۇ يىل ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كەڭ بەلباغلىق تور ھەققىنى يەنە %15، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارى ئوتتۇرىچە ھەققىنى يەنە %20تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىمىز، پۈتۈن مەملىكەتتە «نومۇر ئۆزگەرتمەي تور ئالماشتۇرۇش»نى يولغا قويۇپ، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت تەسىس قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەقنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىپ، ئىستېمالچىلارغا ئېنىق ھېس قىلدۇرىمىز.

  پەن-تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. ئۇل تەتقىقات ۋە ئەمەلىي ئۇل تەتقىقاتقا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىشنى، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىمىز. دۆلەت تەجرىبىخانىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانا سىستېمىسىنى قايتا تەشكىللەيمىز. زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. كارخانا سۇبيېكت قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىمىز. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى ئېچىۋېتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا قارىتىلغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشقا جازا خاراكتېرلىك تۆلەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەشىپ قىلىش، ئىجاد قىلىش ۋە ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئادەمنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىدۇر. پەن تەتقىقات خادىملىرىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئىشىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىغا ئادەم، مالىيە، ماددىي ئەشيانى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ۋە تېخنىكا يۆنىلىشىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۆپ بېرىمىز. ئۇل تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ ۋاسىتىلىك خىراجەت نىسبىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تۈر خىراجىتىنى ئىشلىتىش «ھۆددىگەرلىك تۈزۈمى»نى، يەنى تەتقىقات تۈرىنىڭ نىسبىتىگە چەك قويمايدىغان، خىراجەت ئىشلىتىشنى پەن تەتقىقات كوللېكتىپى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدىغان تۈزۈمنى نۇقتىدا سىناق قىلىمىز. پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ ئېغىزدا ۋە قەغەز يۈزىدىلا قېپقېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. مۇرەككەپ ھالقىلارنى زور كۈچ بىلەن ئىخچاملاپ ۋە تۈگىتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. پەن تەتقىقات ئەخلاقى ۋە پەن تەتقىقات ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناچار ئىلىم ئىستىلىنى جازالاپ، يەڭگىلتەكلىك قىلىش خاھىشىنى كۈچەپ تۈگىتىمىز. دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىغا ئىگە، ياخشى پەن تەتقىقات ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلغاندىلا، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار بەس-بەستە كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىدىغان، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆپلەپ بارلىققا كېلىدىغان جۇشقۇن ۋەزىيەتنى جەزمەن ياراتقىلى بولىدۇ.

  ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي سۇبيېكتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىمكانىيىتىنى كېڭەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە بازىلىرىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى مەدەتكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلاردىن تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكىنى ئايلىق سېتىش سوممىسى 30 مىڭ يۈەن بولۇشتىن 100 مىڭ يۈەن بولۇشقا ئۆستۈرۈش قاتارلىق باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. پۇل مۇئامىلە مەدەتكارلىق مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىرى تەسىس قىلىمىز ھەمدە رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى سىناق قىلىمىز، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بويىچە پۇل مۇئامىلە زايومى تارقىتىشقا ئىلھام بېرىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كېڭەيتىپ، ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئىشلىتىش، باھالاش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار ۋە چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشىلايمىز. بازار ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش بىلەن ئادىمىيەت روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، ئىشلىتىشكە ماھىر بولساقلا، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر