باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(5)

— 2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.05.22 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3. 2019-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ۋەزىپىلەر

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا بۇ يىللىق ۋەزىپە ئېغىر، خىرىس كۆپ، تەلەپ يۇقىرى. بىز مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىلارنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشىمىز كېرەك.

  (1) ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشتۈرۈپ بېرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرو سىياسەتنىڭ تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە، پۇل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى قورالىنى بېيىتىپ ۋە جانلىق ئىشقا سېلىپ، تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە شارائىت يارىتىمىز.

  تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك باج كېمەيتىشنى يولغا قويىمىز. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى باج كېمەيتىش بىلەن قۇرۇلمىلىق باج كېمەيتىشنى تەڭ يولغا قويۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ باج يۈكىنى نۇقتىلىق يەڭگىللىتىمىز. قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باج نىسبىتىنى %16تىن %13كە، قاتناش-تىرانسىپورت، بىناكارلىق كەسپى قاتارلىق ساھەلەردە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باج نىسبىتىنى %10تىن %9كە چۈشۈرۈپ، ئاساسلىق ساھەلەرنىڭ باج يۈكىنى كۆرۈنەرلىك يەڭگىللىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز؛ %6لىك بولغان بىر دەرىجىلىك باج نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالىمىز، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت ساھەسىدە باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق يانداش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەممە ساھەلەردە باج يۈكىنىڭ كۆپەيمەي ئازىيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، ئۈچ دەرىجىلىك باج نىسبىتىنى ئىككى دەرىجىلىك قىلىپ ئىخچاملاش، باج تۈزۈمىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يۆنىلىشىگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەيمىز. يىل بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى باج كېمەيتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئوبدان تۇتىمىز. بۇ قېتىم باج كېمەيتىشتە، «سۇ جىقلاپ بېلىق بېقىش»، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتتۇق ھەم مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئويلاشتۇق، بۇ كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ۋە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى زور تەدبىر، باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كىرىم تەقسىمات ئەندىزىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئىسلاھات، شۇنداقلا ماكرو سىياسەت ئارقىلىق مۇقىم ئاشۇرۇشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە مەدەت بېرىشتىكى مۇھىم تاللاش.

  كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش يۈكىنى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىتىمىز. شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ئىدارىلەر تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىمىز، بۇنى جايلار %16كە چۈشۈرسە بولىدۇ. ھازىرقى ھەق ئېلىش-ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى تۇراقلاشتۇرىمىز، جايلار ھەق ئېلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى جەريانىدا كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان چارىلەرنى قوللانماسلىقى كېرەك، ئىلگىرى نېسى قالغان ھەقلەرنى ئۆز ئالدىغا مەركەزلىك ھېسابلاپ تاپشۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىمىز. بۇ يىل كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش يۈكىنى ماھىيەتلىك ئازايتىش كېرەك. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكىلەر بىرتۇتاش غەملەش ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سۈرۈپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىنى مەركەز تەڭشەش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، بىر قىسم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلايمىز. بىز ھەم كارخانىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ھەم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ مۇۋاپىق كۆپەيتىلىشىگە ۋە ۋاقتىدا تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، كارخانا بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەڭ مەنپەئەتلەندۈرىمىز.

  باج كېمەيتىش، ھەق ئازايتىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. باج كېمەيتىش، ھەق ئازايتىش سىياسىتى نۆۋەتتە بازار سۇبيېكتلىرىدىكى ئازابلىق ۋە قىيىن نۇقتىلارغا بىۋاسىتە تېگىدىغان، ئادىل ھەم ئۈنۈملۈك سىياسەت. پۈتۈن بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ ئازايتىلىدىغان بېجى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى يۈكى 2 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ، بۇ ھەر دەرىجىلىك مالىيەگە ناھايىتى ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ. كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە مەدەتكار بولۇش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر غورىگىل كۈن ئۆتكۈزۈپ، ئامال-چارىلەر بىلەن مەبلەغ جۇغلىشى كېرەك. مەركەز مالىيەسى كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەپ، ئالاھىدە بېكىتىلگەن دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان پايدىسىنى ئاشۇرۇشى، ئادەتتىكى چىقىمنى %5 تىن كۆپرەك قىسقارتىشى، «ھۆكۈمەتنىڭ 3 خىل خىراجىتى»نى يەنە %3 ئەتراپىدا ئازايتىشى، ئۇزاقتىن بۇيان تىنىپ قالغان مەبلەغنى بىردەك يىغىۋېلىشى كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ يوشۇرۇن كۈچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېزىپ، چىقىم قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن سەرخىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك مەبلەغ ۋە مۈلۈكنى كۆپ يوللار ئارقىلىق جانلاندۇرۇشى لازىم. بىز بازار سۇبيېكتىغا، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا باج ۋە ھەقنىڭ كۆرۈنەرلىك كېمەيگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز، كارخانىلار ۋە جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىمىزنى قەتئىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز، قىيىنچىلىق ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، بۇ چوڭ ئىشنى چوقۇم ياخشى يولغا قويۇپ، ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز لازىم.

  كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز. پۇل- كىرېدىت سېلىنمىسى مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى ۋە ئۆسۈم نىسبىتى قاتارلىق مىقدار ۋە باھا ۋاسىتىسىنى مۇۋاپىق پەيتتە قوللىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىرېدىت سېلىنمىسىنى كېڭەيتىش، قەرز تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا دەل جايىدا ئۈنۈملۈك مەدەت بېرىمىز، مەبلەغنىڭ مەۋھۇم ئاغدۇرۇلۇشىغا ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادتىن چەتلەپ كېتىشىگە يول قويمايمىز. ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىقىرىلغان مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز بېرىشكە ئىشلىتىمىز. چوڭ سودا بانكىلىرىنىڭ كۆپ يوللار ئارقىلىق كاپىتال تولۇقلىشىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ كىرېدىت سېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىققا بېرىلىدىغان ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك قەرز ۋە ئىناۋەتلىك قەرزنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىمىز. بۇ يىل دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ سودا بانكىلىرىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىدىغان قەرزى %30تىن كۆپرەك ئاشۇرۇلىدۇ. بانكا ۋە ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ھەققى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىچكى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى جىددىي بولۇش ھالىتىنى ھەقىقىي تۈردە كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى روشەن تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرىمىز. بۇ يىل 2 تىرىليون 150 مىليارد يۈەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇلتۇرقىدىن 800 مىليارد يۈەن ئاشۇردۇق، بۇنىڭدا نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، شۇنداقلا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشىگە شارائىت يارىتىش مەقسەت قىلىندى. مەخسۇس زايومنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالماشتۇرما زايومىنى بەلگىلىك مىقداردا داۋاملىق تارقىتىپ، جايلارنىڭ ئۆسۈم سېلىقىنى يەڭگىللىتىمىز. بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنىڭ قەرەلى توشقان قەرز مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك، «سۆرەلمە» قۇرۇلۇش قىلىشقا بولمايدۇ.

  كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان ھەر خىل كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىمىز. يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىدىن، شەھەر-بازارلاردا ئىشسىزلىق بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقانلاردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلغان تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ تاپشۇرىدىغان باج-ھەقلىرىنى ئۈچ يىلغىچە نورمىلىق كېمەيتىمىز ياكى كەچۈرۈم قىلىمىز. جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكىللىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى جىنسىي ۋە سالاھىيەت جەھەتتىن كەمسىتىشنى قەتئىي توسىمىز ۋە تۈزىتىمىز. كەسپىي ماھارەتنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندى ئېشىنچىسىدىن 100 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، ئۇنى 15 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىنى كەسپىي ماھارىتىنى ئاشۇرۇش، ئىش ئورنى ۋە كەسىپ ئالماشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشكە ئىشلىتىمىز. تېخنىك ئىشچىلارنى كەسپىي جەھەتتىن يېتىلدۈرۈش مېخانىزمى ۋە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھەم نۆۋەتتىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق بولغان، ھەم يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنى ئىمتىھانغا تېخىمۇ كۆپلەپ قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، بۇ يىل ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە 1 مىليون ئوقۇغۇچىنى ئارتۇق قوبۇل قىلىمىز. ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز ۋە ياردەم ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىمىز، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى بىلەن كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ ئۆزئارا جىپسىلىشىشىنى تېزلىتىمىز. ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. بىر تۈركۈم ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنى قوللىنىشچان كەسىپلەر تىپىدىكى داشۆگە بۇرۇلۇشقا يېتەكلەيمىز. مەركەز مالىيەسى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە قارىتىلغان سېلىنمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ، يەرلىك مالىيەمۇ مەدەتكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ بويىچە دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىمىز. كارخانىلار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنى كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. بىز زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى كەڭ كۆلەمدە ئىسلاھ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان تۈرلۈك تېخنىكلار ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تېز يېتىشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلار ئۆز ماھارىتىگە تايىنىپ كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، ھەممە كەسىپتە ئىختىساسلىقلار يىغىلغان، ھەممە يەردە ئىختىساسلىقلار كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان ۋەزىيەتنى يارىتىشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر