باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(4)

— 2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.05.22 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2. 2019-يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى

  بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىل. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى داۋاملىق ياخشى ئېلىپ بېرىپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تىرىشىپ ئۇرغۇتۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشتۈرۈپ بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى، پۇل مۇئامىلىنى، تاشقى سودىنى، تاشقى مەبلەغنى، سېلىنمىنى ۋە كۆزلىمىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىشىنى تاماملاش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

  ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلساق، بۇ يىل دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا تېخىمۇ مۇرەككەپ، تېخىمۇ كەسكىن مۇھىتقا دۇچ كېلىدۇ، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، تېخىمۇ زورىيىدۇ، شۇڭا مۈشكۈل جەڭگە تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز كېرەك. قىيىنچىلىققا سەل قارىماسلىقىمىز، ئىشەنچىمىزدىن تەۋرەنمەسلىكىمىز، غەيرىتىمىزنى بوشاشتۇرماسلىقىمىز لازىم. دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا ھېلىھەم مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يېتەرلىك ئېلاستىكىلىققا، زور يوشۇرۇن كۈچكە ۋە ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇپ تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىگە ئىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك. بىز تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى يېڭىدىغان قەتئىي ئىرادە ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ.

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بۇ يىللىق ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6تىن %6.5كىچە ئاشۇرۇش؛ شەھەر-بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاردىكى ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئەتراپىدا، شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %3 ئۆپچۆرىسىدە بولۇش؛ خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ سۈپىتىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆستۈرۈش؛ ماكرو پىشاڭ نىسبىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، مالىيە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش؛ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى 10 مىليوندىن كۆپرەك ئازايتىش، ئاھالە كىرىمىنى ئاساسەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇپ بېرىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تەخمىنەن %3 تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش. بۇ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپىنى ئەكس ئەتكۈزگەن، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى بىلەن جىپسىلاشقان بولۇپ، ئاكتىپ ۋە پۇختا نىشان ھېسابلىنىدۇ. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  ماكرو سىياسەت يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، سىياسەتلەرنىڭ تەڭكەشلىكى ۋە ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنى مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشتۈرۈپ بېرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە ئۈنۈمنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ يىللىق قىزىل رەقەم نىسبىتى %2.8 بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقى خامچوتتىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنتى يۇقىرى بولدى؛ مالىيە قىزىل رەقىمى 2 تىرىليون 760 مىليارد يۈەن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىنىڭ قىزىل رەقىمى 1 تىرىليون 830 مىليارد يۈەن، يەرلىك مالىيەنىڭ قىزىل رەقىمى 930 مىليارد يۈەن بولدى. قىزىل رەقەم نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈشتە، مالىيە كىرىم-چىقىمى، مەخسۇس زايوم تارقىتىش قاتارلىق ئامىللارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلاشتۇق، بۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەرگە سىياسەت ئىمكانىيىتى قالدۇرۇشنىمۇ نەزەردە تۇتتۇق. بۇ يىل مالىيە چىقىمى 23 تىرىليون يۈەندىن ئارتۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، %6.5 ئاشۇرۇلدى. مەركەزنىڭ جايلارغا قىلىدىغان تەڭپۇڭ يۆتكىمە چىقىمى %10.9 ئاشۇرۇلدى. ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيەنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ مالىيە بېسىمىنى يەڭگىللىتىمىز، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ھەرگىز چاتاق چىقارمايمىز.

  پۇختا پۇل سىياسىتىدە بوش-چىڭلىقنى مۇۋاپىق ئىگىلىشىمىز كېرەك. كەڭ مەنىدىكى پۇل M2 ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ نامىي ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشتۈرۈپ بېرىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىمىز. ئەمەلىي ئىجرا قىلىش داۋامىدا، ھەم «باستۇرۇپ سۇغىرىش» يولىنى تۇتماي، پۇل تەمىناتى باش قاپقىقىنى ياخشى ئىگىلىشىمىز، ھەم كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قورالىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، پۇل سىياسىتىنىڭ ئۆتۈشمە يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۇل ئوبوروتىنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدە يېتەرلىك بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىشىمىز كېرەك. ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشىمىز لازىم. پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلىشىمىز كېرەك.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ يولغا قويۇشىمىز كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش ‐‐ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى ۋە بايلىق مەنبەسى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە يار-يۆلەك بولۇشىغا قارىتىلغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتى بۇ يىل تۇنجى قېتىم ماكرو سىياسەت قاتلىمىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتىكى بېسىم يېنىكلىمەيدۇ، قۇرۇلمىلىق زىددىيەت گەۋدىلىنىدۇ، يېڭى تەسىر ئامىللىرى يەنە كۆپىيىدۇ، شۇڭا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش شەرت. مۇقىم ئاشۇرۇشتا، ھەممىدىن مۇھىمى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ يىل بىز شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش ئاساسىدا، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىكى ئەمەلىي كۆلەمگە تىرىشىپ يەتكۈزۈپ، ھەم شەھەر-بازارلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، ھەم يېزا ئىگىلىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت قالدۇرىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، كىرىمنى ئاشۇرىدىغانلا بولساق، كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە بولالايمىز.

  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. ئىسلاھات چارىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم.

  ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، پىشاڭنى قۇرۇلمىلىق تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى بىنورمال داۋالغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنى سالماقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، كىرمە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى كونترول قىلىشىمىز لازىم. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا، ھازىرقى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامراتلار توپىنى نىشانلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى نىشانلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلىشىمىز لازىم.

  بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئوبدان ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىرىنچى، دۆلىتىمىز ئىشلىرى بىلەن خەلقئارا ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى زېھىن-كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىز ھېلىھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە بۇ باسقۇچتا ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، ھېلىھەم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. تەرەققىيات ‐‐ دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت مەركەزنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات ‐‐ چىڭ قائىدە، تەرەققىيات ئىلمىي ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولۇشى كېرەك دېگەن ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز لازىم. خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتقان شارائىتتا، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى ساقلاپ، خىزمەتنى بېكىتىلگەن نىشان ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى-تاشقى ئىككى بازار ۋە ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ئوبدان پايدىلىنىپ، خىرىسقا دادىل تاقابىل تۇرۇپ، ماھىرلىق بىلەن خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرلەرنى تۈگىتىش شەرت، لېكىن قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ئۇسۇل-چارىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي بولۇش، تىزگىنلىگىلى بولۇش، تەرتىپلىك بولۇش، مۇۋاپىق بولۇش تەلىپى بويىچە، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى تەرەققىيات جەريانىدا قەدەممۇقەدەم تۈگىتىش، سىستېمىلىق، رايون خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا، سىياسەت ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، مۇقىم ئاشۇرۇشقا، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە رىتىم ۋە سالماقنى ياخشى ئىگىلەپ، قىسىش تەسىرىنىڭ گىرەلىشىپ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ھەقىقىي ساقلىنىش، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدىن چىقىپ كېتىشىگە قەتئىي ئىمكان بەرمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆز ئالدىمىزدىكىنىلا نەزەردە تۇتۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا زىيان يەتكۈزىدىغان قىسقا مۇددەتلىك قوزغىتىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، يېڭى يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ. ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئارقىلىق بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. بازار سۇبيېكتىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغاندىلا، ئىچكى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرغىلى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، بازار ئىجازىتىنى بوشىتىپ، ئادىل نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، قولايلاشقان سودا مۇھىتىنى يارىتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشىمىز لازىم. تۈپ نېگىزىدىن ئالغاندا، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتىن كېلىدۇ. خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ، مادارىمىزغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو خەلقى ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك، چەكسىز يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە خەلق، بۇلارنى تولۇق جارى قىلدۇرساقلا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى جەزمەن تېخىمۇ كەڭ ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلالايمىز.

  
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر