باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(3)

— 2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.05.22 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىللەر!

  ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن! جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەتكار بولغان ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن!

  خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ تۇرغاندا خاتىرجەم ياشىغىلى بولىدۇ. نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ۋە خىرىسلارنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ قالدى، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپچىلىك ئېغىرلىشىپ، خەلقئارادا كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىدا زور داۋالغۇش بولۇپ، مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ قالدى، تاشقى كىرمە خەۋپ-خەتەر كۈچىيىپ كەتتى. دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئېشىشى ئاجىزلاپ قالدى. ئەمەلىي ئىقتىساد بىرقەدەر كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇۋاتىدۇ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسى تېخى ئۈنۈملۈك ھەل بولغىنى يوق، سودا مۇھىتى بىلەن بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئارزۇسى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا بىرقەدەر چوڭ پەرق بار. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىز كۈچلۈك ئەمەس، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردىكى كەمتۈكلۈك مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ. بەزى جايلاردا مالىيە كىرىم-چىقىمى جەھەتتىكى زىددىيەت گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ. پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر يەنىلا ئاز ئەمەس. ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە خېلى كۆپ قىيىنچىلىق بار. ئېكولوگىيەنى قوغداش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ۋەزىپىسى ھېلىھەم ئېغىر. مائارىپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى، كىرىم تەقسىماتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئامما نارازى بولۇۋاتقان بىرمۇنچە تەرەپلەر بار. بۇلتۇر يەنە كۆپ قېتىم ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەسى ۋە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بېرىپ، بىزنى ئىنتايىن چوڭقۇر ساۋاققا ئىگە قىلدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىمۇ يېتەرسىزلىك مەۋجۇت، بەزى ئىسلاھات، تەرەققىيات تەدبىرلىرى جايىدا ئەمەلىيلەشمىدى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق خاھىشى ھېلىھەم گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش زىيادە كۆپ ۋە بېسىق بولۇش، ئىز قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نەتىجىگە سەل قاراش ئەھۋاللىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتتى. ئاز ساندىكى كادىرلار ھۇرۇنلۇق، سۆرەلمىلىك قىلىۋاتىدۇ. بەزى ساھەلەردە چىرىكلىك مەسىلىسى ھېلىھەم كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. بىز چوقۇم مەسىلە ۋە خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ۋەزىپىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەتنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلىشىمىز، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك!

  
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر