باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(2)

— 2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.05.22 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچىنچى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتۇق. «تۈگىتىش، بەرپا قىلىش، تۆۋەنلىتىش» سالمىقىنى ئاشۇردۇق. پولات-تۆمۈر، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى بازارلاشتۇرۇش يولى بىلەن تۈگىتىشنى ئالغا سىلجىتتۇق. مەبلەغ سېلىشنى تۇراقلاشتۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇش نەتىجىسىدە، ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى ۋە ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىدى. ئاھالە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. «ئالاقە تورى+»نى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سۈردۇق، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزىنى قوللىنىپ ئۆزگەرتتۇق. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى ئازايتىش ئىشىنى چوڭقۇر ئالغا سۈردۇق. بىر تۈركۈم مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، «كىنىشكا بىلەن ئىجازەتنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى مەملىكەت بويىچە يولغا قويدۇق، كارخانا ئېچىشقا كېتىدىغان ۋاقىتنى زور دەرىجىدە قىسقارتتۇق، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئىجازەتنامىسى تۈرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى قىسقارتتۇق. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەر خىل ھەقلەرنى ئېنىقلاپ، ئېنېرگىيە، تور ئىشلىتىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولدۇق. «ئالاقە تورى + مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى»نى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، جايلار بىر تۈركۈم ئۆزگىچە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە يەنىمۇ قولايلاشتۇردى.

  تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدۇق. پەن-تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتتۇق ، چوڭ-چوڭ پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتتۇق. كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، تەتقىقات-يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنى بارلىق كارخانىلارغىچە كېڭەيتىمىز. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئىشىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتۇق، تېخنىكا توختامى بويىچە پۈتۈشۈلگەن سومما %30تىن كۆپرەك ئاشتى. پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە نىسبىتى %58.5كە ئۆرلىدى.

  بەشىنچى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتتۇق. دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، دۆلەت كارخانىلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، قايتا تەشكىللەش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. پۇقراۋى كارخانىلار تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ غەمدىن خالاس بولۇپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردۇق. مالىيە-باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سۈرۈپ، خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدۇق. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ بازارلىشىش يولى بىلەن شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، ئىجتىمائىي ئىشلار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئىشىكنى سىرتقا ئېچېۋېتىش جەھەتتە بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېتەكلەش ئۈنۈمىنى سىجىل قوزغاتتۇق، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېز ئالغا سۈردۇق. تاشقى سودىنى تۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى چىقىرىپ، مالنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى يېرىمدىن كۆپرەك قىسقارتتۇق. بىر قىسىم تاۋارلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىپ، تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى %9.8تىن %7.5كە چۈشۈردۇق. بىر تۈركۈم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنى يېڭىدىن تەسىس قىلدۇق. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ كېڭەيتتۇق. تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى زور ھەجىمدە قىسقارتتۇق، پۇل مۇئامىلە، ئاپتوموبىل قاتارلىق كەسىپلەردە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، بىر تۈركۈم زور تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنى ئاز كەم %70 كۆپەيتتۇق.

  ئالتىنچى، شەھەر-يېزىلار، رايونلار تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈردۇق. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويدۇق، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتىنى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلىدۇق. يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ئىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سۈردۇق، 14 مىليونغا يېقىن يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى شەھەر-بازار نوپۇسىغا ئالدۇق. غەربىي رايوننى ئېچىش، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا رايوننى يۈكسەلدۈرۈش، شەرقىي رايوننى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشىنى ئالغا سۈرۈشتە ئىسلاھ قىلىش-يېڭىلىق يارىتىشقا دائىر بىر تۈركۈم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىغا مېڭىش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇشتا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلىدۇق، شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 4100 كىلومېتىرغا، يېڭىدىن ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 6000 نەچچە يۈز كىلومېتىرغا، يېزا تاشيولى 300 نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى. شەھەر-يېزىلار، رايونلارنىڭ تەرەققىيات ماسلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق.

  يەتتىنچى، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىلەندۈردۇق. تاشقى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۆرسەتكەن تەسىرىگە نىسبەتەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا دائىر تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويدۇق. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتىغا دائىر سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردۇق. يېزا-كەنتلەردىكى كۆلىمى كىچىك مەكتەپلەر ۋە يېزا-بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈردۇق، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ھەر ئايلىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى 70 يۈەندىن 88 يۈەنگە كۆپەيتتۇق. نەپىقە، تۆۋەن كاپالەت قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئۆستۈردۇق، مېيىپلەردىن شەرتكە توشىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى «ئىككى ياردەم پۇلى»دىن بەھرىلەندۈردۇق. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە قارىتىلغان مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىدۇق. داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تېببىي دورىگەرلىك جەھەتتىكى ھەمتۈرتكىلىك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. دەرىجە بويىچە داۋالاشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سۈردۇق، ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈردۇق. يېڭى دورىلارنى باھالاش ۋە تەستىقلاش ئىسلاھاتىنى تېزلەتتۇق، راكقا قارشى 17 خىل دورىنىڭ باھاسىنى زور ھەجىمدە تۆۋەنلەتتۇق ۋە بۇ دورىلارنى دۆلەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كاتالوگىغا كىرگۈزدۇق. مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى سىجىل كۈچەيتتۇق. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق پائالىيەتلىرى قاينام-تاشقىنلىق بىلەن قانات يايدۇرۇلدى، تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى خەلقئارا مۇسابىقىلەردە يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى ياراتتى.

  سەككىزىنچى، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. 18 قانۇن لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇق، 37 مەمۇرىي نىزامنى تۈزدۇق ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق. ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەسىنىڭ تەقسىم قىلىنىشىنى ئىسلاھ قىلىپ تەڭشىدۇق. گوۋۇيۈەننىڭ كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات سىياسەتلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ۋە نازارەتچىلىكنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردۇق. شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئىشىنى ئىسلاھ قىلدۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتتۇق. تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە كۈچەيتىپ، زور تەبىئىي ئاپەتلەرگە ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ۋە زور، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ سانى سىجىل ئازلىدى. يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى، چاڭچۈن چاڭشېڭ شىركىتى قاتارلىقلاردا كۆرۈلگەن لاياقەتسىز ۋاكسېنا دېلوسى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. دۆلەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشىنى كۈچەيتىپ، قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، ئەمىن جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيە پائالىيىتىنىڭ دائىملىشىشى ۋە تۈزۈملىشىشىنى ئالغا سۈردۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي تەۋرەنمەي تۈزەتتۇق. قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردۇق.

  ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق ئاساسىي سەھنىلىك مۇھىم دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقتى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، ئاسىيا-ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى بويىچە رەھبەرلەر بىر قاتار يىغىنى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئالاقىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدۇق. ئىقتىساد دىپلوماتىيەسى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى. جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر