خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ كۈنەس ناھىيەسى نارات يايلىقى كۈنەس دەرياسى ۋادىسىدىكى يۇلغۇنلار قۇياش نۇرىدا چاقناپ، كۆزنى قاماشتۇردى. قىش كىرگەندىن بۇيان، نارات يايلىقى ئاپئاق تونغا ئورىنىپ، بەئەينى رەسىملەرگە ئوخشاپ قالدى، يايلاقنى بويلاپ ئېقىپ ئۆتىدىغان كۈنەس دەرياسىنىڭ سۈيى سۈپسۈزۈك بولۇپ، دەريا بويىدا ھەر خىل ئوت-چۆپلەر بار ئىدى، ئوت-چۆپلەرنىڭ كۆپ قىسمى قۇرۇپ سارغايغان بولۇپ، پەقەت قارىغاي، ئارچا ۋە يۇلغۇنلا ئۆز رەڭگىنى ساقلاپ، ناھايىتى گۈزەل رەڭ تۈسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى، بولۇپمۇ يۇلغۇن يىراقتىن قارىماققا بەئەينى يېنىۋاتقان ئوتقا ئوخشاش كۆرۈنۈپ، قىشتىكى بىر يارقىن مەنزىرىنى ياراتقانىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى