باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

31-نۆۋەتلىك ئىكساق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى

2018.10.31 09:40   مەنبە: خەلق تورى

31-نۆۋەتلىك ئىكساق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پايتەختتىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كوماندا تەشكىللەپ قاتنىشىپ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە — «بېيجىڭدىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ <ئىكساق لوڭقىسى> پۇتبول مۇسابىقىسى» مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، 2018- يىلى 10-ئاينىڭ 27- ۋە 28-كۈنلىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پۇتبول مەيدانىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقە 1985- يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 31- نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈشى. بۇ يىلقى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق يىگىرمىدىن كۆپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى جەمئىي 20 كوماندا تەشكىللەپ قاتناشتى.

  20 كۈچلۈك رەقىب مەيداندا ئۇچراشتى! مۇسابىقە «دوستلۇق بىرىنچى، مۇسابىقە ئىككىنچى»نى ئاساسىي شوئار قىلىپ ئېلىپ بېرىلىپ، كۆرۈرمەنلەرگە كەسكىن، يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەم ئادىل بولغان مۇسابىقىلەر تەقدىم ئېتىلدى. 20 كوماندا تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، تۆت مەيداندا ئۇدا مۇسابىقىلەشتى. ھەر بىر گۇرۇپپىدا بەش كوماندا بولۇپ، ئايلانما مۇسابىقە تۈگىگەندىن كېيىن، ھەر بىر گۇرۇپپىدىن نەتىجىسى ئالدىدا بولغان ئىككى كوماندا سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ھەر بىر مەيدانى 30 مىنۇت، يەنى ئالدىنقى يېرىم مەيدان ۋە كېيىنكى يېرىم مەيدانغا بۆلۈنۈپ، ھەر يېرىم مەيدان 15 مىنۇتتىن داۋاملىشىپ ئېلىپ بېرىلدى. شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ھەر بىر مەيدانى 40 مىنۇت، يەنى ئالدىنقى يېرىم مەيدان ۋە كېيىنكى يېرىم مەيدان بويىچە، ھەر يېرىم مەيدان 20 مىنۇتتىن داۋاملىشىپ ئېلىپ بېرىلدى.

  28- چېسلا چۈشتە، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن كوماندىلار ئۆزئارا مۇسابىقىلەشتى. نەتىجىدە: 1) بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1- كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2- كوماندىسىنى يەڭدى. 2) بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ يېزا-ئىگىلىك ئىنىستېتۇتىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە كوماندا 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى يەڭدى؛3) مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى 2 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە كوماندىنى يەڭدى؛4) بېيجىڭ گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى 4 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر كوماندىسىنى يەڭدى.

  يۇقىرىقى تۆت مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يېڭىپ چىققان تۆت كوماندىدىن، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1- كوماندىسى بىلەن جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى مۇسابىقىلىشىپ، 4:3 نەتىجە بىلەن، جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭىپ چىقتى؛ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە كوماندىسى مۇسابىقىلىشىپ، 2:2 نەتىجە بىلەن ئادەتتىكى مۇسابىقە ۋاقىتىدا تەڭلىشىپ قالدى ۋە ئاخىرىدا نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى ئۆز رەقىبىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

  تولۇق ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ «ئىكساق لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى 90 مەيدانغا يېقىن مۇسابىقىدىن كېيىن، 28- چېسلا چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى 6 دە، 31- نۆۋەتلىك «ئىكساق لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. 40 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن، جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى 2گە قارشى 8 نومۇر بىلەن، مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، چېمپىيون بولدى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككىنچى بولدى. ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە، بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە كوماندىسى 1گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 1- كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى