باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى 2018- يىللىق كۈز پەسىللىك ئويۇن قويۇش پائالىيىتى بويىچە «قۇتلۇق كۈن، ئايدىڭ كېچە» كېچىلىكى ئۆتكۈزدى

2018.09.25 15:19   مەنبە: خەلق تورى

مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى 2018- يىللىق كۈز پەسىللىك ئويۇن قويۇش پائالىيىتى بويىچە «قۇتلۇق كۈن، ئايدىڭ كېچە» كېچىلىكى ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىللىق تاۋۇز چاغىنى ھارپىسى دەل كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭشىلىش كۈنى ۋە ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مول ھوسۇل بايرىمى ۋاقتى. مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ 2018ـ يىللىق كۈز پەسىللىك ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرى ئىچىدىكى «قۇتلۇق كۈن، ئايدىڭ كېچە» تېمىسىدىكى كونسېرتى 23- سېنتەبىر كەچ سائەت 19:30دا، بېيجىڭ مىللەتلەر تىياتىرخانىسىنىڭ B3 تىياتىرخانىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، سەنئەتكارلار تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان مۇڭلۇق مۇزىكا ئېلىپ كەلدى.

  كىشىلەرگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بىر قاتار كىلاسسىك مەشھۇر مۇزىكىلار، سىلىق، يېقىملىق، مەردانە ۋە كۆتۈرەڭگۈ ھالدا، جۇڭگونىڭ مىللىي مۇزىكىلىرىنىڭ رەڭگارەڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  بۇ قېتىمقى مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ مۇزىكا تىزىملىكى مول بولۇپ، ئۇنىڭدا يالغۇز چېلىش، ماسلاشتۇرۇپ چېلىش ۋە بىرلىشىپ چېلىشتەك ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە مول نومۇرلار بار. ئېنىق ھەم ئىنتايىن نەپىس بولغان مىللىيچە چالغۇلاردا ئورۇندالغان «كۈزلۈك دەريادىكى ئايدىڭ كېچە» تېمىسىدىكى بىر مۇزىكا بۇ كېچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. ئۇنىڭ مېلودىيەسى يېقىملىق بولۇپ، كۆرۈنۈش تۇيغۇسى بىلەن تولغانىدى؛ «تۆگە قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى» ناملىق نومۇر يىپەك يولىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن تولغان؛ «جەڭ ئاتلىرى چاپماقتا» ناملىق نومۇردا، ۋەتەننىڭ چېگراسىنى قوغداۋاتقان ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ باتۇر، قەيسەر ۋە ئېغىشماي ئالغا باسىدىغان جەڭگىۋار روھى نامايان قىلىندى.

  تاۋۇز چاغىنىدا جەم بولۇش كېچىسىدە، يېقىملىق ئاۋازلار قۇتلۇق كۈنگە ھەمراھ بولدى. مىللىيچە چالغۇلاردا ئورۇندالغان مۇزىكىلاردىن «غەربىي شىمال مۇزىكىلىرى»نىڭ شوخ مۇزىكا ۋە راۋان مېلودىيەلىرى ئىچىدە، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ 2018ـ يىللىق تاۋۇز چاغىنى مۇزىكا كېچىلىكى ئاياغلاشتى. تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى بۇ مۇزىكا كېچىلىكىنى چىن قەلبىدىن ياقتۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  ئەڭ ئەنئەنىۋى ھېسسىيات ۋە مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە بۇ بايرام __ تاۋۇز چاغىنىدا، بۇ بىر مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى كىشىلەرگە قۇتلۇق كۈن، ئايدىڭ كېچە ۋە جەم بولۇشتەك گۈزەل تىلەكلەرنى ئېلىپ كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى چارە يوليورۇقى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىش…
    ·ئوقۇش باشلاندى! بۇ ئوقۇش ماتېرىياللىرى «زەھەرلىك»! بالىغا ھەرگىز ئىلىپ بەرمەڭ!