باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ 2018-يىللىق كۈز پەسىللىك ئويۇن قويۇش پائالىيىتى بويىچە «تاۋۇز چاغىنىدىكى سېغىنىش» كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

2018.09.21 16:57   مەنبە: خەلق تورى

مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ 2018-يىللىق كۈز پەسىللىك ئويۇن قويۇش پائالىيىتى بويىچە «تاۋۇز چاغىنىدىكى سېغىنىش» كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ 2018-يىللىق كۈز پەسىللىك ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى سەنئەت كېچىلىكى «تاۋۇز چاغىنىدىكى سېغىنىش» تېمىسىدىكى چوڭ تىپلىق سەنئەت كېچىلىكى 19-سېنتەبىر كەچ سائەت 19:30دا، بېيجىڭ مىللەتلەر تىياتىرخانىسىنىڭ B3 تىياتىرخانىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

  تاۋۇز چاغىنىدىكى سېغىنىش تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىدە سېغىنىش ھېسسىياتى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، مۇزىكا ئارقىلىق چەكسىز ئاتا-ئانا مېھرى، يۇرت مېھرى نامايان قىلىندى. بۇ قېتىملىق كېچىلىكتە خور، ئەر-ئايال قوش كىشىلىك ناخشا، ئۈچ كىشىلىك ناخشا، يالغۇز كىشىلىك ناخشا قاتارلىق ناخشا ئېيتىش شەكىللىرى بار بولۇپ، ئورۇندالغان مىللىي، ئاممىباب مۇزىكا شەكىللىرى كىشىلەرگە يېقىملىق تۇيغۇ ئاتا قىلدى. بۇ قېتىمقى كېچىلىكنىڭ شەكلى ئالاھىدە ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئىجادىيلىققا باي ناخشا-مۇزىكىلار تاللىنىپ، نەق مەيداندا چالغۇلار تەڭكەش قىلىندى، ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يىرى بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىدە سەھنە ئۆزگىرىشى ۋە بوشلۇق ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىلدى.

  تاۋۇز چاغىنى ھارپىسىدا، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى بۇ سەنئەت كېچىلىكى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ كاتتا بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ يىللىق مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كۈزلۈك ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنىڭ چوڭ پەردىسىنى ئاچتى.

  كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ رېژىسسورى «تاۋۇز چاغىنىدىكى سېغىنىش» تېمىسىنى چۈشەندۈرۈپ: «تاۋۇز چاغىنىدىكى سېغىنىش» تېمىسىدىكى چوڭ تىپلىق سەنئەت كېچىلىكى ئاي ئاستىدا سېغىنىشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان، شۇڭا كېچىلىكتە ئېيتىلغان ناخشىلار ۋەتەنگە بولغان چىن ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدۇ ۋە يۇرتىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، شۇنداقلا ئايالىغا بولغان سېغىنىشىنى بىلدۈرىدۇ، دېدى.

  كېچىلىك «ئاي قەلبىمگە ۋەكىللىك قىلار» دېگەن ئومۇمىي خور بىلەن باشلانغان بولۇپ، دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئارتىس روزى ھامۇت بىلەن ماھىرەنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ناخشا «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل»، قاتارلىق ناخشىلار كېچىلىك نەق مەيدانىدا ئورۇندىلىپ، كىشىلەرگە مېھىر-شەپقەتنىڭ كۈچىنى رومانتىك، ئىللىق ھېسسىياتتا ئىپادىلەپ تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

  دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس لەن جيەن ئېيتقان «چوڭقۇر سېغىنىش» بۇ قېتىمقى مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ باش ناخشىسى سۈپىتىدە تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە چىقاردى.

  «يۇرتۇم بۇلۇتى»، «مىدۇ تاغ ناخشىسى»، «قېرىپ قالغاندا»، «ئاي شەكىللىك گۈل» قاتارلىق ھەممىگە تونۇشلۇق ناخشىلار ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ئورۇندىلىپ، كىشىلەرگە ئۆزگىچە بولغان ھېس-تۇيغۇ ئاتا قىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  بۇ كېچىلىك ئىككى سائەت ئەتراپىدا ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلۈپ، كىشىلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ھېس-تۇيغۇ ۋە گۈزەل ئەسلىمە ئاتا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، تاماشىبىنلارنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سەنئەت جەۋھەرلىرىدىن توپلانغان نادىر نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىللىق مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كۈزلۈك ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنىڭ چوڭ پەردىسى ئېچىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى چارە يوليورۇقى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىش…
    ·ئوقۇش باشلاندى! بۇ ئوقۇش ماتېرىياللىرى «زەھەرلىك»! بالىغا ھەرگىز ئىلىپ بەرمەڭ!