باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەر: «يىپەك يولى لەززىتى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

2018.06.14 14:28   مەنبە: خەلق تورى

سۈرەتلىك خەۋەر: «يىپەك يولى لەززىتى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك لۈيگۇ شىياۋشىياڭيۈ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى، بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى مەۋلۇدە ھەزىرەتنىڭ شەخسىي دوكلات ئويۇنى 12- ئىيۇن بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى ئويۇننىڭ باش تېمىسى «يىپەك يولى لەززىتى»، ئۇيغۇر 12 مۇقام مۇزىكىلىق ئۇسسۇل ئارىيەسى، بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى.

  ئۇسسۇل كىيىم - كېچەك جەھەتتە ئوردا ئۇسلۇبىنى نامايان قىلغان، ئۇسسۇل ئۇسلۇبى نەپىس، ئاھاڭى مۇڭلۇق يېقىملىق، جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت روھىنىڭ ئېستېتىك ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئورۇنلانغان ئۇسسۇللاردىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا: 12 مۇقام ئوردا نەغمە تىياتىرىدىن ئارىيە «ئۆزھال مۇقامى»، 12 مۇقام ئوردا نەغمە تىياتىرىدىن ئارىيە «جۇلا» بولۇپ، ئۇ «ئوشاق مۇقامى»دىن ئېلىنغان، ئوردا نەغمە تىياتىرىدىن ئارىيە «سالام» بولسا «ئىشرەت ئەڭگىز مۇقامى»دىن ئېلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا «ناغرا» دۇمباق ئۇسسۇلى قاتارلىقلار بار، ئويۇن ئەڭ ئاخىرىدا بىر مەيدان شادىيانە مەشرەپ بىلەن ئاخىرلاشتى، زالنىڭ ئىچى ناھايىتى قىزىپ كەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر