باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، قايسى كوماندىلار «قارا تۇلپار» بولالىشى مۇمكىن؟(2)

2018.06.08 16:56   مەنبە: خەلق تورى

رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، قايسى كوماندىلار «قارا تۇلپار» بولالىشى مۇمكىن؟(2)

  6-ئاينىڭ 6-كۈنى، مىسىر كوماندىسىنىڭ باشتا مەيدانغا چىقىدىغان ئەزالىرى مۇسابىقىدىن بۇرۇن رەسىمگە چۈشمەكتە. شۇ كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسيېلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى تەييارلىق مۇسابىقىسىدە، بېلگىيە كوماندىسى 3 دە 0 نەتىجە بىلەن مىسىر كوماندىسىنى يەڭدى.

  ئىككىنچى قارا تۇلپار __ مىسىر كوماندىسى

  گەرچە 28 يىلدىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول سەھنىسىگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق مىسىرنىڭ «قارا تۇلپار»لىق جاسارىتى تولۇپ تېشىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ نومۇر سوۋغا قىلىش ئۈچۈن مۇسابىقىگە كەلگەن كوماندا ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەبى كوماندىدىكى گىگانت چولپانلىق يوشۇرۇن كۈچى بار سالاھنىڭ سەۋەبىدىن دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يىللىق ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى «ئالتۇن توپ ئايىقى»غا ئېرىشكۈچى قارىماققا ئۆزىنىڭ كۈچى بىلەنلا لىۋىرپول كوماندىسىنى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئېلىپ كىردى، ئۇنىڭ بۇ يىلدىكى شۆھرەت نۇرى كىرىستيانو رونالدو ۋە مېسسىلارغا تەڭلىشەيلا دەپ قالدى. گەرچە ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ھازىر ئۇنىڭ زەخىمىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولماقتا ۋە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىقىشىدىن ئۈمىد زور. نۆۋەتتە ئۇ كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 23 كىشىلىك تىزىملىككە كىردى ۋە رۇسىيەگە بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

  زەخىمىسى سالاھنىڭ ئىپادىسىگە ئازراق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، لېكىن مىسىرنىڭ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەندىكى تەلىيى ياخشى بولۇپ، ئۇلار ئۇرۇگۋاي كوماندىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ساھىبخان رۇسىيە كوماندىسى بىلەن بىللە A گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن.

  ئۈچىنچى قارا تۇلپار __ شىۋېتسىيە كوماندىسى

  1950-يىلى ۋە 1994-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم 3-لىككە ئېرىشكەن، 1958-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2-بولغان بولسىمۇ، شىۋېتسىيە كوماندىسى 2006-يىلىدىن كېيىن، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى سەھنىسىگە قايتا چىقىپ باقمىدى. ئىبراھىموۋىچ بولمىغان شىۋېتسىيە كوماندىسى ياۋروپادا بىر قەدەر ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

  شىۋېتسىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئېلان قىلغان بۇ نۆۋەتلىك 23 كىشىلىك تىزىملىككە ئىبراھىموۋىچ قوبۇل قىلىنمىدى، بۇ كوماندىدا ھازىر نامى ئەڭ مەشھۇر توپچى گېرمانىيەنىڭ لېپىزىگ كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان فورسبېرىگ. بىراق قارىماققا بىر قەدەر ئاددىي كۆرۈنىدىغان بۇ كوماندا باش تىرېنېر ئاندېرسوننىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، بۇرۇنقىدەك ئىبراھىموۋىچقىلا پاس بېرىدىغان ھالەتتىن بىر قەدەر كۈچلۈك كوللىكتىپچانلىققا ئىگە كوماندىغا ئۆزگەردى.

  دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە باشقىلار تەرىپىدىن سەل قارالغان شىۋېتسىيە كوماندىسى فىرانسىيە، گوللاندىيە بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 2 دە 1 نەتىجە بىلەن فىرانسىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، 8 دە 0 نەتىجە بىلەن لۇسىېنبۇرگ كوماندىسىنى بىتچىت قىلىپ، گوللاندىيەنى گۇرۇپپىدىن چىقىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلدى ۋە قوشۇمچە مۇسابىقىدە ئىتالىيەنى 1 دە 0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، ئىتالىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى. شىۋېتسىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا كىرەلىگەن قوشۇمچە مۇسابىقە باسقۇچىدىكى ياۋروپادىكى بىردىنبىر «غەيرىي ئۇرۇق كوماندىسى» بولۇپ قالدى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، شىۋېتسىيە بولغان F گۇرۇپپىدا ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك گېرمانىيە كوماندىسى بار، ئۇنىڭدىن باشقا مېكسىكا ۋە كورېيە كوماندىسى بار. كورېيە كوماندىسىنى يېڭىپ، مېكسىكا كوماندىسىنىمۇ مەغلۇپ قىلالىسا، شىۋېتسىيە كوماندىسى ئۈچۈن «قارا تۇلپار» بولۇشقا پۇرسەت بار.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر