باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، قايسى كوماندىلار «قارا تۇلپار» بولالىشى مۇمكىن؟

2018.06.08 16:56   مەنبە: خەلق تورى

رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، قايسى كوماندىلار «قارا تۇلپار» بولالىشى مۇمكىن؟

  5-ئاينىڭ 30-كۈنى كوستارىكا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مەشىق قىلماقتا. شۇ كۈنى كوستارىكا دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى سانت ئانتونيودا مەشىق قىلىپ، 6-ئاينىڭ 3-كۈنى شىمالىي ئېرلاندىيە بىلەن بولغان بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، بىردىن ئىككىگىچە «قارا تۇلپار» بۆسۈپ چىقىپ كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، بىراق كىشىلەرنىڭ «قارا تۇلپار»غا بولغان ئېنىقلىمىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئالدى بىلەن دۇنيا بويىچە كوماندا تەرتىپىدىكى ئورنى ئارقىدا تۇرىدىغان، ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلاردىن بولمىغان كوماندىلاردىن بولۇشى كېرەك، ئاندىن ھېچبولمىسا بىر ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىنى يېڭىپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشى، ئاز بولغاندىمۇ 16 كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرەلىشى كېرەك.

  1994-يىلىدىكى بۇلغارىيە كوماندىسى، 1998-يىلىدىكى كىرودىيە كوماندىسى، 2002-يىلىدىكى تۈركىيە كوماندىسىنى «قارا تۇلپار»لارنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ، بىراق يېقىنقى بىر نەچچە نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە «قارا تۇلپار»لار بارغانسىرى ئازىيىپ كەتتى. بۇ نۆۋەتلىك رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى قىياس قىلساق، گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە گۇرۇپپىنى بىر-ئىككى قول قالايمىقان قىلالايدىغان «قارا تۇلپار يوشۇرۇن كۈچىگە»ئىگە كوماندىلار يەنىلا بار، بىراق ئۇلار ھەقىقىي «قارا تۇلپار»غا ئايلىنالامدۇ-يوق، بۇنى مۇسابىقە بەلگىلەيدۇ.

   بىرىنچى قارا تۇلپار __ كوستارىكا كوماندىسى

  تۆت يىل بۇرۇنقى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، كوستارىكا بىلەن ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە ئۇرۇگۋاي بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ قالغان. ھەممە كوماندىنىڭ نەزەرىدىكى «گۆدەك» كوستارىكا كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى مەيدانىدا 3 دە 1 نەتىجە بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى، 1 دە 0 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن 0 دە 0 تەڭلىشىپ، گۇرۇپپىدىن 1-بولۇپ چىققان ۋە ئاخىرىدا سەككىز كۈچلۈككىچە بارالىغان. بۇ «قارا تۇلپار» ھەقىقەتەن نامىغا لايىق قارا تۇلپار بولغان.

  بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، «كارىپ دېڭىز قاراقچىسى» كوستارىكا قايتىدىن باستۇرۇپ كەلدى، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە، بۇ كوماندا ئىزچىل ۋە مۇقىم ئىپادىسى بىلەن، ئامېرىكا كوماندىسىنى ئۆز مەيدانىدا ۋە قارشى تەرەپ مەيدانىدا قوش مەغلۇب قىلىپ، گۇرۇپپا بويىچە 2-بولغان ۋە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن.

  باش تىرېنېر رامىرىس يېتەكلىگەن بۇ كوستارىكا كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى مۇقىم، تەجرىبىسى مول، 23 كوماندا ئەزاسىنىڭ ئىچىدىكى 12سى ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ باققان. كوماندىنى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ۋاراتارى ناۋاس بىلەن پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى لىسىبون رىقابەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى لۇيىس يېتەكلەپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. رۇسىيەدىكى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، كوستارىكا بىرازىلىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە سېربىيە بىلەن E گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر