خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، تاماشىبىنلار رېينولد شىركىتى كۆرگەزمىگە قويغان بىر ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شۇ كۈنى، 2018-يىللىق (15-نۆۋەتلىك) بېيجىڭ خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئېچىۋېتىلىپ، رەسمىي باشلاندى. «ئاپتوموبىللىق يېڭى ھاياتقا ئېنىقلىما بېرىش» باش تېما قىلىنغان بۇ نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە بېيجىڭدىكى جۇڭگو خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ يېڭى-كونا سارايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى