خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2018-يىللىق «جۇڭگو ساياھەت پەرىشتىسى» مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى جياڭسۇ ئۆلكىسى گاۋيۇ كۆلى بويىدىكى سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل، نەنجىڭ، خېفېي، سۇجۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 25 ماھىر سەھنىگە چىقىپ، ئۆز تالانتىنى نامايان قىلدى. ئاخىرىدا، بېيجىڭ مۇسابىقە رايونىدىن كەلگەن مۇبارەك قادىر چېمپىيونلۇققا، خېفىي مۇسابىقە رايونىدىن كەلگەن شى چېنجيا ئىككىنچىلىككە، بېيجىڭ مۇسابىقە رايونىدىن كەلگەن سى بىڭ ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى