باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جىگىرىنى ماي قاپلاپ كەتكەنلەر دائىم يېيىشكە تىگىشلىك ئالتە خىل يېمەكلىك

2018.03.30 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر يىلى ئىدارىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈتىشىدە، زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ جىگىرىنى ماي قاپلاپ كەتكەنلىكى تەكشۈرۈپ چىقىلىدۇ. باشقىلار دائىم بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى سورايدۇ. تۆۋەندە، جىگىرىنى ماي قاپلىغانلارغا ئالاھىدە ياردىمى بار بىر قىسىم يېمەكلىكلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

  1. سامساق. سامساقنىڭ بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان پۇرىقى سامساق ماددىسىدىن كەلگەن، بۇ خىل ئاكتىپ ماددا بەلگىلىك باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەردىكى زەھەر قايتۇرۇش رولى بار ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سامساق پاراشوكى تولۇقلاش دورىسىنىڭ جىگىرىنى ماي قاپلىغانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ۋە بەدەندىكى ماينى تۆۋەنلىتىشىگە پايدىسى بار ئىكەن.

  2. چوڭقۇر دېڭىز بىلىقى. سالمون بېلىقى، ساردىن بېلىقى قاتارلىق چوڭقۇر دېڭىز بېلىقى تەركىبىدە ئومېگا ئۈچ ياغ كىسلاتاسى مول. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ياغ كىسلاتاسى جىگىرىنى ماي قاپلىغانلارنىڭ جىگىرىدىكى ياغ سەۋىيەسى ۋە يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىننىڭ ئالمىشىشىنى ياخشىلايدىكەن.

  3. قەھۋە. قەھۋە تەركىبىدە خىلوروفىل كىسلاتاسى بار، بۇ بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا ۋە ياللۇغقا قارشى تەسىرى كۈچلۈك ئۈنۈملۈك بىرىكمە بولۇپ، خولېستېرول ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. ئۇندىن باشقا، قەھۋە يەنە بەدەننى غەيرىي ئىسپىرت خاراكتېرلىك جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ.

  4. شىلەن گۈلى. شىلەن گۈلىنىڭ جىگەرنى ئاسراش خۇسۇسىيىتى بار بولۇپ، تەركىبىدىكى ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇق ماددىلىرى، فلاۋونلۇق بىرىكمە، كارتېنوئىد، سۇلفورافېن ۋە ئىندول قاتارلىق ئاكتىپ ماددىلار جىگەرنىڭ ھەر خىل خىمىيەلىك زەھەرلىك ماددىلار ۋە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى پارچىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  5. چاي. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېشىل چاي بەدەن ۋە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن، بۇ بەلكىم چايدىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

  6. ياڭاق. ياڭاق تەركىبىدە ئومېگا ئۈچ ياغ كىسلاتاسى ۋە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار مول. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، غەيرىي ئىسپىرت خاراكتېرلىك جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ياڭاق يەپ بەرسە، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىكەن.

  جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بەزى يېمەكلىكلەردىن ئۆزىنى تارتىشى ياكى چەك قويۇشى لازىم. مەسىلەن، شېكەر ۋە شېكەر قوشۇپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، ئىسپىرت، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئاشلىق، سۈرلەنگەن گۆش، تـۇزلانـغان بېلىق، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ۋە تۇزلۇق يېمەكلىك قاتارلىقلار.

  (بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق دوختۇرخانىسى كىلىنىكا ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ئوزۇقلۇق دوختۇرى ۋاڭ يۈ).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر