خۇ چۈنخۇا، ئەر، خەنزۇ، 1963- يىلى 4- ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي ۋۇفېڭدىن، 1983- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983- يىلى 4- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.
1979- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان
1983- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان
1984- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە، «شىزاڭ ياشلىرى» گېزىتىدە ئىشلىگەن
1985- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە، شىزاڭ مېھمانخانىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى بولغان
1987- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان(1990- يىلى 2- ئايدا مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)
1992- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لىنجى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان
1992- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان
1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1996- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)
1997- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان
(1996- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتۇرىيەسىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛ 2000- يىلى 9- ئايدىن 2000- يىلى 11- ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)
2001- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان
2003- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان
2005- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان
2005- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان
2006- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1- شۇجىسى بولغان
2008- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكە باشلىقى بولغان
2009- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان
2010- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان
2012- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان
2017- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان
2018- يىلى − مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.